شى جىنپىڭ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.06.17 15:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15- چېسلا دۇشەنبە شەھىرىدە تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-تاجىكىستان مۇناسىۋىتى ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ، سەمىمىي ھالدا ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ۋە ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇقىنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلىدى ۋە سۆز قىلىپ، مۇشۇ باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم ئورتاق تونۇشلار ھاسىل قىلىنىپ، سىرتقىي دۇنياغا ئىجابىي سىگنال چىقىرىلدى ۋە ئىجابىي كۈچ ئاتا قىلىندى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە، جۇڭگو جەزمەن تاجىكىستاننىڭ رەئىسلىك دۆلىتىنى ئۈستىگە ئالغاندىن بۇيان ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرىلىرى كېڭىشى مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكىگە يۇقىرى باھا بېرىدۇ، تاجىكىستاننى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئاسىيا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىرلىرى كېڭىشىنىڭ ئومۇمىي ھەمكارلىق سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ، دېدى.

  شى جىنپىڭ يەنە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 27 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-تاجىكىستان مۇناسىۋىتىدە باشتىن-ئاخىر تېز ۋە ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ساقلىنىپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن تاجىكىستان تاغ-دەريالىرى ئۆزئارا تۇتىشىدىغان ياخشى خوشنا، ھەمدە سەمىمىي ۋە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، ھەمكارلىشىپ تەڭ ئۇتۇق قازىنىدىغان ياخشى شېرىكلەر، بىر بىرىگە يار-يۆلەك بولىدىغان ياخشى قېرىنداشلاردۇر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا. جۇڭگو جەزمەن مۇقىم ۋە تەرەققىي قىلغان، ھەمدە گۈللەنگەن تاجىكىستاننى كۆرۈشنى خالايدۇ، تاجىكىستاننىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، تاجىكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو يەنە تاجىكىستان بىلەن بىرگە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو-تاجىكىستان تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى ۋە بىخەتەرلىك ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ