مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

گالغا قىلتىرىق تۇرۇپ قالغاندا ئاچچىقسۇ ئىچىش، ھورنان يېيىش خاتا

بېيجىڭ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرخانىسىدىن ليۇ فاڭ

2019.06.18 15:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر يىغىلىپ تاماق يېگەندە، بىر تەرەپتىن تاماق يەپ، بىر تەرەپتىن ئېچىلىپ- يېيىلىپ پاراڭلىشىش نورمال ئىش. بۇ چاغدا تازا ئېچىلىپ سۆزلەۋاتقان بىرىنىڭ گېلىغا بېلىق قىلتىرىقى تۇرۇپ قېلىشى بىلەن ھەممەيلەننىڭ كۈلكە ئاۋازى توختاپ قالىدۇ. تاماق ئۈستىلىدىكى «چالا تىۋىپ»لارنىڭ ھەرخىل رېتسىپلىرى بىر-بىرلەپ سىناپ چىقىلىدۇ، ھورنان يەپ، بېلىق قىلتىرىقىنى قوشۇپ يۇتۇۋېتىش، ئاچچىقسۇ ئىچىپ، بېلىق قىلتىرىقىنى ئېرىتىۋېتىش، قولنى گالغا تىقىپ قىلتىرىقنى تارتىپ چىقىرىش، قىلتىرىقنى قۇسۇپ چىقىرىش دېگەندەك ھەرخىل چارىلەر كۆپىنچە ھالدا ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدۇ.

  كۆپچىلىككە مەلۇمكى، گالغا قىلتىرىق تۇرۇپ قېلىش ئىنتايىن ئازابلىق ئىش، گالغا قىلتىرىق تۇرۇپ قالغاندا توغرىسى قانداق قىلىش كېرەك ؟ تۆۋەندە گالغا قىلتىرىق تۇرۇپ قېلىش توغرىسىدىكى توققۇز كىچىك بىلىمنى تونۇشتۇرىمىز.

  بىرىنچى، ئالدى بىلەن تاماق يېگەندە يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش، پاراڭ سېلىشتىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ كىچىك بالىلار تاماق يېگەچ ئوينىماسلىق كېرەك.

  ئىككىنچى، ئەگەر بېلىق قىلتىرىقى گالغا تۇرۇپ قالسا، ھورنان بىلەن قوشۇپ يۇتۇش، ئاچچىقسۇغا چىلاش، قول بىلەن كوچىلاشلارنىڭ ھەممىسى توغرا ئۇسۇل ئەمەس، تاماق يېيىشنى دەرھال توختىتىش كېرەك، باشنى كەينىگە تاشلاپ، گال قىسمىغا شۆلگەي يىغىپ يۇتقۇنچاقنى نەمدەش ياكى يۇتقۇنچاق ئارقا دىۋارىنى غىدىقلاپ ھۆ قىلىش ئارقىلىق، ئانچە چىڭ سانجىلىپ قالمىغان قىلتىرىقنى قۇسۇپ چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئامال بار بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. قىلتىرىق سانجىلىپ قالغان سېزىم ۋە بەدەن ئورنىنى تەپسىلىي تەسۋىرلەپ بېرىش، مەسىلەن يۇتقاندا ئاغرىش ياكى غەيرىي نەرسە يىڭنە سانجىلغاندەك چوقۇلۇش، قىلتىرىق سانجىلىپ قالغان ئورۇن كېكىردەكنىڭ سول تەرىپىدىمۇ، ياكى ئوڭ تەرىپىدىمۇ، ۋە ياكى تىل ئاستىنىڭ ئوتتۇرىسىدىمۇ دېگەنلەرنى دەپ بېرىش كېرەك؛ يەنە بويۇن قىسمىدا بېلىق قىلتىرىقى سانجىلغان ئورۇننىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى كۆرسىتىپ، دوختۇرنىڭ بېلىق قىلتىرىقى بار-يوقلۇقى ۋە بېلىق قىلتىرىقىنىڭ ئورنىغا ھۆكۈم قىلىشىغا ياردەملىشىش لازىم.

  تۆتىنچى، قۇلاق، بۇرۇن، يۇتقۇنچاق، كېكىردەك بۆلۈمىگە بېرىپ كۆرسىتىش لازىم. دوختۇر ئالدى بىلەن ئېغىز يۇتقۇنچاق قىسمىنى تەكشۈرۈپ، بېلىق قىلتىرىقىنىڭ سانجىلغان- سانجىلمىغانلىقىنى تەكشۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئامال بار ئاغزىنى يوغان ئېچىپ، «ئا» دەپ چىقىرىپ، يۇتقۇنچاق بوشلۇقىنى تولۇق ئېچىپ، دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىش لازىم. ئەگەر كۆڭلى ئېلىشىپ قالسا، خېگۇ پەللىسىنى ئۇۋۇلاپ قويسا بولىدۇ.

  بەشىنچى، ئەگەر بېلىق قىلتىرىقى بىر قەدەر چوڭقۇر سانجىلغان بولسا، دوختۇر ئاۋۋال تىلىنى تارتىپ چىقىرىپ، كېكىردەك ئەينىكى بىلەن كېكىردەك قىسمىنى تەكشۈرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئامال بار تىلىنى ئالدى تەرەپ تۆۋەنگە چىقىرىش لازىم.

  ئالتىنچى، ئەگەر ۋاسىتىلىك كېكىردەك ئەينىكىدە تەكشۈرۈشتىن رازى بولمىغاندا، دوختۇر بەزى ناركوز دورىلىرىنى كېكىردەك قىسمىغا پۈركۈپ، ئاندىن بۇرۇن بوشلۇقى ياكى ئېغىز بوشلۇقى ئارقىلىق كۆپ ئىقتىدارلىق كېكىردەك ئەينىكىنى كىرگۈزۈپ تەكشۈرىدۇ، كېكىردەك ئەينىكى جانلىق، كۆرۈش دائىرىسى ياخشى، ئاغرىق ئاز بولىدۇ، جىددىيلەشمەسلىك، ئامال بار ئەركىن قويۇپ بېرىش كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىرتتىن ئىشلىتىدىغان ناركوز دورىسى ئاز، ئادەم بەدىنى ئازراق سۈمۈرۈدۇ، ناركوز دورىسىنىڭ زەھەرلىك ئەكس تەسىرىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.

  يەتتىنچى، ئەگەر كېكىردەك ئەينىكىدە تەكشۈرۈشتە بېلىق قىلتىرىقى ئېنىق كۆرۈنمىسە، بۇ چاغدا ئىككى خىل ئېھتىماللىق بولىدۇ، بىر خىلى بېلىق قىلتىرىقى يوق بولۇپ، پەقەتلا شىللىق پەردە يارىلانغاندىن كېيىن كۆرۈلگەن يۇتقۇنچاق قىسمىدا غەيرىي ماددا سېزىمى ۋە ئاغرىش بولۇپ، ناركوز دورىسى پۈركۈلگەندىن كېيىن كېسەللىك ئالامەتلىرى يوقىلىدۇ، كۆزىتىپ بېقىپ، يېقىنقى ئىككى كۈندە يۇمشاق تاماق يېيىشكە بولىدۇ؛ يەنە بىرى، بېلىق قىلتىرىقى بىرقەدەر چوڭقۇر بولۇپ، قىزىلئۆڭگەچتە بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق بولغاندا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش كېرەك.

  سەككىزىنچى، ئەگەر كېكىردەك ئەينىكىدە تەكشۈرۈشتە بېلىق قىلتىرىقى بايقالمىغان، لېكىن يۇتقاندا ئاغرىش كۆرۈنەرلىك بولغان، بولۇپمۇ ئۈستۈنكى تاماق سۆڭىكىنىڭ ئىچى تەرىپىدە ئاغرىش روشەن بولۇپ، يۇتۇش قىيىنلاشقان بولسا، بېلىق قىلتىرىقىنىڭ قىزىلئۆڭگەچ يولىغا سانجىلىپ قالغان-قالمىغانلىقىنى ئويلىشىش كېرەك، دوختۇرلار قىزىلئۆڭگەچنى سايىلاندۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىپ ياكى قىزىلئۆڭگەچ ئەينىكىدە تەكشۈرۈىدۇ. قىزىلئۆڭگەچتە قىلتىرىق بولۇشتا كۆپىنچە يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى بېلىق قىلتىرىقىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلماسلىق ياكى داۋالاشنى كېچىكتۈرۈشتىن كېلىپ چىققان ئەھۋال كۆپ بولىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ بېلىق قىلتىرىقى گالغا تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن بالدۇرراق دوختۇرغا كۆرۈنۈشىنى، قارىغۇلارچە ئۆز ئالدىغا بىر تەرەپ قىلماسلىقىنى، كېسەل كۆرسىتىشنى كېچىكتۈرمەسلىك تەكلىپى بېرىمىز.

  توققۇزىنچى، ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلەيمىزكى، مەيلى بېلىق قىلتىرىقى شىللىق پەردىنى زەخىملەندۈرسۇن ياكى بېلىق قىلتىرىقى گالغا تۇرۇپ قالسۇن ئىككى-ئۈچ كۈنگىچە يۇمشاق تاماق يەپ، سۇس تۇز سۈيىدە ئېغىزنى چايقاپ بېرىش لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ