مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىجتىمائىي ئالاقىدە دائىم ئوڭايسىزلىنىپ قالامسىز؟

2019.06.19 15:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئىجتىمائىي ئالاقە، يىغىلىشلار دائىم قىزغىن بولۇۋەرمەيدۇ، يەنە ئادەمنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان نۇرغۇن سوغۇق كەيپىياتلارمۇ بولغان، دېگىلى گەپ تاپالمىغان ياكى نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئامېرىكا «ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن تەرمىلەر» تور بېكىتى خۇلاسىلىگەن تۆۋەندىكى ماھارەتلەر بەلكىم پاراڭلىشىشقا ماھىر بولمىغانلارغا ياردەم قىلالىشى مۇمكىن.

  بىرىنچى، مېھمان ئەمەس، ساھىبخان بولۇڭ. باشقىلارنىڭ ئۆيىگە مېھماندارچىلىققا بارغاندا بىز ئاسانلا قورۇنۇپ، نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي قالىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئۆيىدە ئەركىن-ئازادە بولۇمىز. ئىجتىمائىي ئالاقە سورۇنىدا ئوڭايسىز ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە، بىز ئۆزىمىز تونۇيدىغان كىشىلەرنى بىر- بىرىمىزگە تونۇشتۇرۇپ، «ساھىبخان» نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرساق ئۆزىمىزنى ئەركىن قويۇۋېتىپلا قالماي، يەنە قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىيالايمىز، باشقىلارمۇ سىزنىڭ كۆيۈمچانلىقىڭىزدىن مىننەتدار بولىدۇ.

  ئىككىنچى، ھەمراھىڭىزنى ئېلىپ كېلىڭ. ئۆزى تونۇمايدىغان سورۇنلارغا بېرىشقا نىسبەتەن دوستى، خىزمەتداشلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، ئىككى ئادەم بىر-بىرىگە ھەمراھ بولسا بولىدۇ، يەنە ناتونۇش كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا بىر-بىرىگە ھەمدەم بولسا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا، قىلىدىغان گەپ تاپالماي قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  ئۈچىنچى، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇڭ. ئىجتىمائىي ئالاقىنى «سەۋر-تاقەت» قىلىش دەپ قارىماسلىق لازىم، پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ، ناتونۇش كىشىلەر بىلەن بولغان ئىجتىمائىي ئالاقە ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ راھەت چەمبىرىكىدىن چىقىپ كېتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ. يېڭى ئادەملەر بىلەن تونۇشۇپ، يېڭى كەچۈرمىشلەرنى سىناپ باققاندا، ئازراق ماسلىشالمىسىڭىزمۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە نۇرغۇن ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە پۇرسەتكە ئېرىشەلەيسىز.

  تۆتىنچى، قارشى تەرەپنىڭ ئىسمىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇڭ. تونۇش بولمىغاچقا، ئوڭايسىزلىنىپ قېلىش بولىدۇ، لېكىن ھامان بىر كىشىنىڭ «مۇز يېرىش»ىغا توغرا كېلىدۇ. تەشەببۇسكارلىق بىلەن قارشى تەرەپنىڭ ئىسمىنى ئېسىڭىزدە ساقلىسىڭىز ھەمدە پات-پات دەپ تۇرسىڭىز، قارشى تەرەپ ناھايىتى يېقىملىق ھېس قىلىدۇ، سىز بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ خالايدۇ، بۇنداق بولغاندا كەيپىيات ئاستا-ئاستا جانلىنىدۇ.

  بەشىنچى، پوزىتسىيەڭىز يېقىملىق بولسۇن. بەزىدە ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىش ھەرگىزمۇ ھېچكىم گەپ قىلمىغانلىقتىن ئەمەس، بەلكى بىر ئادەم ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىپ، باشقىلار بىر-بىرىگە قارىشىپ، گەپ قىلماي تۇرۇپ قېلىش. ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنىڭ قۇرۇق گەپ سېتىۋاتقان- سېتىۋاتمىغانلىقىڭىزدىن ياكى ئۆز- ئۆزىڭىزنى ماختاشقا باشلىغان- باشلىمىغانلىقىڭىزدىن ھوشيار بولۇڭ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، پاراڭلىشىش جەريانىدا ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە دىققەت قىلىپ كەتمەسلىك، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشنى بىلىش كېرەك. ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى تىنچ، مۇلايىم ئىپادىلەش ھامان ھەيۋە قىلىش ياكى سۆھبەت مونوپوللۇقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ.

  ئالتىنچى، قىزىقارلىق ھېكايە تەييارلىۋېلىڭ. گەرچە تەبىئىي پاراڭلىشىش ئادەمنى تېخىمۇ راھەت ھېس قىلدۇرالىسىمۇ، لېكىن ئەگەر سىز سوغۇق كەيپىياتتىن بەك قورقىدىغان ئادەم بولسىڭىز، ئاۋۋال بەزى قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى تەييارلىۋالسىڭىز بولىدۇ، مەسىلەن، يېقىندا دۇچ كەلگەن ئادەم ۋە ئىشلار، كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىدىكى غەيۋەت قاتارلىقلار ئارقىلىق بىر تېمىنى ئېچىپ، قاتمال ھالەتنى ئوڭشىسىڭىز بولىدۇ.

  يەتتىنچى، تەسەۋۋۇرىڭىزنى جارى قىلدۇرۇڭ. بەزىدە «ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ ئالدايدىغان» بەزى تەسەۋۋۇر ئۇسۇللىرىمۇ ئوڭايسىز كەيپىيات ئېلىپ كېلىدىغان ئىچكى بېسىمنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ. مەسىلەن، ھەقىقەتەن پاراڭ تېمىسى تاپالمىغاندا، ئەتراپتىكىلەرگە قاراپ، ئۇلارنى كىچىك بالىدەك تەسەۋۋۇر قىلىپ باقسىڭىز، كاللىڭىزدا پەيدا بولغان ئوبرازلار سىزنى ئۆزلۈكىدىن بوشاشتۇرۇپ، دادىللىق بىلەن باشقىلارغا يېقىنلاشتۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ