باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئاخبارات - ھۆججەت

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى

(2019-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

2019.06.13 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇندەرىجە

  1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

  2-باب مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

  3-باب مەبلەغ سېلىشنى قوغداش

  4-باب مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش

  5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

  6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  

  1-باب ئومۇمىي پىرىنسىپ


  1-ماددا بۇ قانۇن ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ قانۇنلۇق مەبلەغ سېلىش ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداش، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن چىقىرىلدى.

  2-ماددا چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە دېيىلىدۇ) مەبلەغ سېلىشىغا مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ.

  بۇ قانۇندا ئېيتىلغان چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى چەت ئەللەرنىڭ تەبىئىي ئىگىلىرى، كارخانىلىرى ياكى باشقا تەشكىلاتلىرى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار دېيىلىدۇ)نىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك مەبلەغ سېلىش پائالىيىتىنى كۆرسىتىدۇ، بۇ تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  (1) چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار يالغۇز ياكى باشقا مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالىدىغان كارخانىلارنى قۇرۇش؛

  (2) چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ پاي چېكى، پاي ھوقۇقى، مۈلۈك ئۈلۈشى ياكى شۇ تۈردىكى باشقا ھوقۇق-مەنپەئەتكە ئېرىشىش؛

  (3) چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار يالغۇز ياكى باشقا مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە يېڭى تۈرگە مەبلەغ سېلىش؛

  (4) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ياكى گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن باشقا شەكىللەردىكى مەبلەغ سېلىش.

  بۇ قانۇندا ئېيتىلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار تولۇق ياكى قىسمەن مەبلەغ سالغان، جۇڭگونىڭ قانۇنلىرىغا ئاساسەن جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە رويخەتكە ئالدۇرۇپ قۇرغان كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ.

  3-ماددا دۆلەت ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە قانۇن بويىچە مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.

  دۆلەت يۇقىرى سەۋىيەلىك مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم، ئاشكارا، كۆزلىمىلىك ۋە ئادىل رىقابەتلىشىدىغان بازار مۇھىتى يارىتىدۇ.

  4 -ماددا دۆلەت چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا قارىتا، ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە بىلەن پاسسىپ تىزىملىك بىرلەشتۈرۈلگەن باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

  ئالدىنقى تارماقتا ئېيتىلغان ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە دېگەنلىك مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى بېرىش باسقۇچىدا چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ مەبلىغىگە قىلىنغان مۇئامىلە دۆلىتىمىزنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەبلىغىگە قىلىنغان مۇئامىلىدىن تۆۋەن بولماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. پاسسىپ تىزىملىك دېگەنلىك دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە مۇئەييەن ساھەلەردە چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىجازەت بېرىشنى ئالاھىدە باشقۇرۇش تەدبىرىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ پاسسىپ تىزىملىككە كىرگۈزۈلمىگەن ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىشىغا پۇقراۋى مۇئامىلە قىلىدۇ.

  پاسسىپ تىزىملىكنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلىدۇ ياكى ئېلان قىلىشنى تەستىقلايدۇ.

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تۈزۈشكەن ياكى قاتناشقان خەلقئارا شەرتنامە، كېلىشىملەردە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئىجازەت بېرىش مۇئامىلىسىگە قارىتا تېخىمۇ ئېتىبار بەلگىلىمە بولسا، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىشقا بولىدۇ.

  5-ماددا دۆلەت چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى سېلىنمىسى، پايدىسى ۋە باشقا قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى قانۇن بويىچە قوغدايدۇ.

  6-ماددا جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىغان چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار جۇڭگونىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك، جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشكە، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  7-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى، مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى ئىش تەقسىماتى بويىچە، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قوغداش ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ؛ گوۋۇيۈەننىڭ باشقا ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قوغداش ۋە باشقۇرۇشقا دائىر خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدۇ.

  ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قانۇن-نىزاملارغا ۋە شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قوغداش ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  8-ماددا چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قانۇن بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى قۇرۇپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار ئۆز كارخانىسىدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا زۆرۈر پائالىيەت شارائىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  

  2-باب مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش


  9-ماددا چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارغا دۆلەتنىڭ كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش سىياسەتلىرى قانۇن بويىچە باراۋەر تەتبىقلىنىدۇ.

  10-ماددا چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئالاقىدار قانۇن، نىزام، قائىدىلەرنى تۈزۈشتە، مۇۋاپىق ئۇسۇلنى قوللىنىپ چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئېلىش كېرەك.

  چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئالاقىدار قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەت، ھۆكۈم-كېسىم ھۆججىتى قاتارلىقلارنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا ئېلان قىلىش لازىم.

  11-ماددا دۆلەت چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنى قانۇن-نىزام، سىياسەت-تەدبىر، مەبلەغ سېلىش تۈر ئۇچۇرى قاتارلىق جەھەتلەردىن مەسلىھەتچىلىك ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  12-ماددا دۆلەت باشقا دۆلەت ۋە رايونلار، خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىپ، مەبلەغ سېلىش ساھەسىدىكى خەلقئارا ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.

  13-ماددا دۆلەت ئېھتىياجغا ئاساسەن، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون تەسىس قىلىپ ياكى قىسمەن رايونلاردا چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى سىناق قىلىش خاراكتېرىدىكى سىياسەت-تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

  14-ماددا دۆلەت خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنى مۇئەييەن كەسىپ، ساھە، رايونلارغا مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ. چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار قانۇنلار، مەمۇرىي نىزاملارغا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئېتىبار مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ.

  15- ماددا دۆلەت چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ قانۇن بويىچە ئۆلچەم تۈزۈش خىزمىتىگە باراۋەر قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۆلچەم تۈزۈشكە دائىر ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش ۋە ئۇنىڭغا قارىتىلغان ئىجتىمائىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىدۇ.

  دۆلەت بەلگىلىگەن مەجبۇرىي ئۆلچەملەر چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارغا باراۋەر تەتبىقلىنىدۇ.

  16-ماددا دۆلەت چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ قانۇن بويىچە باراۋەر رىقابەتلىشىش ئارقىلىق ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ھۆكۈمەت سېتىۋېلىشتا، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرىغا ۋە قىلغان مۇلازىمىتىگە قانۇن بويىچە باراۋەر مۇئامىلە قىلىنىدۇ.

  17-ماددا چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار پاي چېكى، شىركەت زايومى قاتارلىق ئاكسىيەلەرنى ئاشكارا تارقىتىش ۋە باشقا ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىق قانۇن بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

  18-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇن، مەمۇرىي نىزام ۋە يەرلىك نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسىدە چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قولايلاشتۇرۇش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى چىقارسا بولىدۇ.

  19-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى قولاي، ئۈنۈملۈك، ئاشكارا بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مەمۇرىيەت مۇلازىمىتىنى ياخشىلاپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش كۆرسەتمىسىنى تۈزۈپ ۋە ئېلان قىلىپ، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىشى ۋە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

  3-باب مەبلەغ سېلىشنى قوغداش


  20-ماددا دۆلەت چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سالغان مەبلىغىنى ئېلىۋالمايدۇ.

  ئالاھىدە ئەھۋالدا، دۆلەت ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ئېھىتىياجى ئۈچۈن، قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ سالغان مەبلىغىنى ئالسا ياكى ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. ئېلىش، ئېلىپ ئىشلىتىشنى قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىش ھەمدە ۋاقتىدا ئادىل، مۇۋاپىق تولۇقلىما بېرىش كېرەك.

  21-ماددا چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە چىقارغان مەبلىغى، ئالغان پايدىسى، كاپىتال پايدىسى، مۈلۈك بىر تەرەپ قىلىش تاپاۋىتى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىدىن ئىجازەتلىك پايدىلىنىش ھەققى، قانۇن بويىچە ئېرىشكەن تولۇقلىما ياكى تۆلەم، راسچوت قىلىنغان تاپاۋەت قاتارلىقلارنى خەلق پۇلى ياكى تاشقى پېرېۋوت شەكلىدە قانۇن بويىچە ئەركىن كىرگۈزسە، چىقارسا بولىدۇ.

  22-ماددا دۆلەت چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ھوقۇقدارى ۋە ئالاقىدار ھوقۇقدارلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا چېقىلىش قىلمىشىنى سادىر قىلغانلارنىڭ قانۇن جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرىدۇ.

  دۆلەت چەت ئەل سودىگەرلىرىنى مەبلەغ سېلىش جەريانىدا ئىختىيارىيلىق پىرىنسىپى ۋە سودا قائىدىسى ئاساسىدا تېخنىكا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. تېخنىكا ھەمكارلىقى شەرتىنى مەبلەغ سالغۇچى ھەرقايسى تەرەپلەر ئادىللىق پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا باراۋەر كېڭىشىپ بېكىتىدۇ، مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ مەمۇرىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

  23-ماددا مەمۇرىي ئورگانلار ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا بىلىپ قالغان چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ سودا مەخپىيىتىنى قانۇن بويىچە ساقلىشى، ئاشكارىلاپ قويماسلىقى ياكى باشقىلارغا قانۇنسىز بەرمەسلىكى لازىم.

  24-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى چىقارغان چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا چېتىلىدىغان قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر قانۇن-نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك؛ قانۇن، مەمۇرىي نىزام ئاساسى بولمىسا، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى كېمەيتىۋېتىشكە ياكى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتىنى كۆپەيتىۋېتىشكە يول قويۇلمايدۇ، بازار ئىجازىتى ۋە بازاردىن چېكىنىشىگە شەرت قويۇشقا، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىگە چات كېرىۋېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  25-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارغا قانۇن بويىچە بەرگەن سىياسەت ۋەدىسى ۋە قانۇن بويىچە تۈزۈشكەن تۈرلۈك توختاملىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

  دۆلەتنىڭ مەنپەئىتى، ئومۇمنىڭ مەنپەئىتى ئېھتىياجىدىن سىياسەت ۋەدىسىنى، توختامدىكى پۈتۈمنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى ۋە تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىش ھەمدە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ مۇشۇ سەۋەبتىن تارتقان زىيىنىغا قانۇن بويىچە تولۇقلىما بېرىش كېرەك.

  26-ماددا دۆلەت چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئەرز قىلىش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار ياكى ئۇنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئالاقىدار سىياسەت-تەدبىرلەرنى ماسلاشتۇرىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار ياكى ئۇنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ مەمۇرىي ھەرىكىتى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىمىزگە دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ قارىسا، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئەرز قىلىش خىزمىتى مېخانىزمى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

  چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار ياكى ئۇنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى مەمۇرىي ئورگان ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنىڭ مەمۇرىي ھەرىكىتى قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىمىزگە دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ قارىسا، ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئەرز قىلىش خىزمىتى مېخانىزمى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئىلتىماس قىلغاندىن باشقا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ، مەمۇرىي دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ.

  27-ماددا چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، سودا جەمئىيەتلىرىنى قانۇن بويىچە قۇرسا ۋە ئۇنىڭغا ئىختىيارىي كىرسە بولىدۇ. سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، سودا جەمئىيەتلىرى ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى قانۇن-نىزاملار ۋە نىزامنامىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قانات يايدۇرۇشى، ئەزالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

  4-باب مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇش


  28-ماددا چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىدە بەلگىلەنگەن مەبلەغ سېلىش چەكلەنگەن ساھەلەرگە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ سالسا بولمايدۇ.

  چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىدە بەلگىلەنگەن مەبلەغ سېلىشقا چەك قويۇلىدىغان ساھەلەرگە چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغ سالسا، پاسسىپ تىزىملىكتە بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

  چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىدىكىدىن باشقا ساھەلەر ئىچكى-تاشقى مەبلەغكە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپى بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.

  29-ماددا چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىدا تۈرنى تەستىقلاش، ئەنگە ئېلىش زۆرۈر بولسا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  30-ماددا چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلاردىن قانۇن بويىچە ئىجازەت ئالىدىغان كەسىپ، ساھەلەرگە مەبلەغ سالىدىغانلىرى ئالاقىدار ئىجازەت ئېلىش رەسمىيىتىنى قانۇن بويىچە بېجىرىشى كېرەك.ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلار ئىچكى مەبلەغكە تەتبىقلىنىدىغان شەرت ۋە تەرتىپ بويىچە، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىجازەت ئىلتىماسىنى تەكشۈرۈشى كېرەك، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

  31-ماددا چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ تەشكىلىي شەكلى، تەشكىلىي ئاپپاراتلىرى ۋە پائالىيەت مىزانلىرىغا «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەمشېرىك كارخانىلار قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.

  32-ماددا چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار ئىشلەپچىقىرىش-تىجارەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى ئەمگەك مۇھاپىزىتى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا دائىر بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى، باج، بوغالتىرلىق، تاشقى پېرېۋوت قاتارلىقلارغا دائىر ئىشلارنى قانۇن، مەمۇرىي نىزاملار ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بېجىرىشى ھەمدە ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنىڭ قانۇن بويىچە يولغا قويغان نازارەتچىلىك ۋە تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

  33-ماددا چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى كارخانىلارنى قوشۇۋالغان ياكى باشقا شەكىللەر ئارقىلىق تىجارەتچىلەرنىڭ مەركەزلىشىشىگە قاتناشقان بولسا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، تىجارەتچىلەرنىڭ مەركەزلىشىشىگە قارىتىلغان تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  34-ماددا دۆلەت چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ. چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ياكى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار كارخانا تىزىملاش سىستېمىسى، كارخانا ئىناۋەت ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش سىستېمىسى ئارقىلىق سودا مەسئۇل تارمىقىغا مەبلەغ سېلىش ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلىشى لازىم.

  چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلىش مەزمۇنى ۋە دائىرىسى ھەقىقەتەن زۆرۈر بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ؛ تارماقلار ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سىستېمىسى ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان مەبلەغ سېلىش ئۇچۇرىنى قايتا مەلۇم قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

  35-ماددا دۆلەت چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ياكى تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرىدۇ.

  قانۇن بويىچە چىقىرىلغان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش قارارى ئاخىرقى قارار بولىدۇ.

  5-باب قانۇن جاۋابكارلىقى


  36-ماددا چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلاردىن چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىدە بەلگىلەنگەن مەبلەغ سېلىش چەكلەنگەن ساھەلەرگە مەبلەغ سالغانلىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق مەبلەغ سېلىش ھەرىكىتىنى توختىتىشقا، پاي چېكى، مۈلكىنى سۈرۈك ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىشقا ياكى باشقا زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، مەبلەغ سېلىشتىن بۇرۇنقى ھالىتىگە قايتۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولسا، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ.

  چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلاردىن مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىدە بەلگىلەنگەن چەك قويۇپ ئىجازەت بېرىش توغرىسىدىكى ئالاھىدە باشقۇرۇش تەدبىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە، زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ ئىجازەت بېرىش توغرىسىدىكى ئالاھىدە باشقۇرۇش تەدبىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتمىگەنلەرنى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەرىكىتى چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلغاندىن باشقا، ئۇلار قانۇن بويىچە مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقىنىمۇ ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

  37-ماددا چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىدىكى تەلەپ بويىچە مەبلەغ سېلىش ئۇچۇرىنى مەلۇم قىلمىغانلىرىنى سودا مەسئۇل تارمىقى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ سۈرۈك ئىچىدە تۈزەتمىسە، 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

  38-ماددا چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ قانۇن، نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ ھەمدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىناۋەت ئۇچۇرى سىستېمىسىغا كىرگۈزىدۇ.

  39-ماددا مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ خىزمەتچىلىرىدىن چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قوغداش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىدە ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىغانلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىغا ياكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش جەريانىدا بىلىپ قالغان سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويغان، باشقىلارغا قانۇنسىز بەرگەنلىرىگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  6-باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

  40-ماددا ھەرقانداق دۆلەت ياكى رايون مەبلەغ سېلىش جەھەتتە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىگە كەمسىتىش خاراكتېرلىك مەنئى قىلىش، چەك قويۇش ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا تەدبىرلەرنى قوللانسا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن شۇ دۆلەت ياكى رايونغا قارىتا مۇناسىپ تەدبىر قوللانسا بولىدۇ.

  41-ماددا چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە بانكىچىلىق، ئاكسىيەچىلىك، سۇغۇرتا كەسپى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە كەسىپلىرىگە مەبلەغ سېلىشى ياكى ئاكسىيە بازىرى، تاشقى پېرېۋوت بازىرى قاتارلىق پۇل مۇئامىلە بازارلىرىدا مەبلەغ سېلىشىنى باشقۇرۇشقا قارىتا، دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

  42-ماددا بۇ قانۇن 2020–يىل 1–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار قانۇنى» شۇنىڭ بىلەن تەڭ بىكار قىلىنىدۇ.

  بۇ قانۇن يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو-چەت ئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو-چەت ئەل ھەمكارلىقىدىكى كارخانىلار قانۇنى»غا ئاساسەن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بەش يىل ئىچىدە، ئەسلىدىكى كارخانىنىڭ تەشكىلىي شەكلىنى ساقلاپ قالسا بولىدۇ. كونكرېت يولغا قويۇش چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

  _____________________

  دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەمىنلىدى، جۇڭگو مىللەتلەر تىل- يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمە قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر