مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز ئامېرىكا تەرەپنىڭ ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى بويىچە مۇئاۋىن باش كاتىپىنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىنى ئەيىبلىشى ئىنتايىن بىمەنىلىك، دېدى

2019.06.18 16:56 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ئامېرىكا تەرەپ ئەمەلدارلىرىنىڭ ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى بويىچە مۇئاۋىن باش كاتىپىنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشى توغرىسىدا قىلغان ئالاقىدار پوزىتسىيەسىنى كۆزدە تۇتۇپ، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 17-ئىيۇن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپنىڭ قۇرۇق گەپ سېتىپ، جۇڭگو ۋە ب د ت نى سەۋەبسىز ئەيىبلىشى ئىنتايىن بىمەنىلىك ۋە پۈتۈنلەي بىھۇدە ئىش قىلغانلىق.

  شۇ كۈنىدىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى سۇللىۋېن 14-چېسلا ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن تېلېفونلىشىپ، ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى بويىچە مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋولۇنكوفنىڭ شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغانلىقىغا «چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى. ئۇ ب د ت تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى «ئىنتايىن مۇۋاپىق ئەمەس»، «بۇ، ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئىنسانىي ھوقۇق جەھەتتىكى ئابرۇيى ۋە ئىناۋىتىنى زىيانغا ئۇچراتتى» دېدى. بۇنىڭدا جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى قانداق ؟

  «ئالدى بىلەن مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارلىرى ئىنتايىن بىمەنە گەپ قىلغان.» لۇ كاڭ مۇنداق دېدى: ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىشلىرى بويىچە مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋولۇنكوف 13-چېسلادىن 15-چېسلاغىچە جۇڭگودا زىيارەتتە بولدى، زىيارەت ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بۇ، جۇڭگو بىلەن ب د ت نىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتتى، ب د ت تەرەپمۇ بۇ قېتىمقى زىيارەتكە ئىجابىي باھا بەردى.

  لۇ كاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ۋولۇنكوف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭ رايونىدا ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭ رايونىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. جۇڭگو تەرەپ يېقىندا باشقا چەت ئەل ئەمەلدارلىرى، چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، مۇخبىرلىرى، ئالىملىرىنى شىنجاڭ رايونىنى ئېكسكۇرسىيە ۋە زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى. نۇرغۇن كىشى نەق مەيداندا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، بۇ زىيارەتنىڭ ئۇلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چۈشىنىشىگە ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقىنى، ئۇلار جۇڭگو ھۆكۈمىتى قوللانغان تەدبىرلەرگە ئاكتىپ باھا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشقا ئەرزىيدۇ، دەپ قارىدى.

  لۇ كاڭ: «سىز تىلغا ئالغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆز-ھەرىكىتىگە كەلسەك، سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتقاندا، ئامېرىكا تەرەپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا ئادىل، ئوبيېكتىپ ھۆكۈم چىقىرىشىنى خالىمايدۇ، بۇ ھازىر يېڭىلىق ھېسابلانمايدۇ»-دېدى. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 3-ئايدا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ 46-يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، جۇڭگونىڭ جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىغا غەمخورلۇق قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇدى، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇ چاغدىمۇ ئامېرىكا بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.

  لۇ كاڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەت ۋە تەدبىرلىرىگە تۆھمەت قىلىشى پۈتۈنلەي جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق، جۇڭگو بۇ ھەقتە كەسكىن مەيدانى ۋە قەتئىي قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسىنى كۆپ قېتىم بىلدۈردى. ئامېرىكا تەرەپ بۇ قېتىم ۋولۇنكوفنىڭ شىنجاڭدا زىيارەتتە بولغانلىقىغا قارىتا يەنە قۇرۇق گەپ سېتىپ، جۇڭگو ۋە ب د ت نى سەۋەبسىز ئەيىبلىدى، بۇ پۈتۈنلەي بىھۇدە ئىش.

  لۇكاڭ: «ب د ت كاتىبات باشقارمىسى ئەمەلدارىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى كۈتۈۋېلىش جۇڭگو بىلەن ب د ت نىڭ نورمال ھەمكارلىقىنىڭ بىر قىسمى، ئامېرىكا ئۆزىمۇ ئىلگىرى ۋولۇنكوفنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. شۇڭا، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن ب د ت نىڭ نورمال ھەمكارلىقى توغرىسىدا قالايمىقان گەپ قىلىش سالاھىيىتى يوق»، دېدى.

  لۇ كاڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ۋولۇنكوفنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ رايونىنى زىيارەت قىلىشى جۇڭگو بىلەن ب د ت كېڭىشىپ بېكىتكەن زىيارەت مۇساپىسىنىڭ بىر قىسمى. «ئامېرىكا بىر تەرەپتىن جۇڭگو تەرەپنىڭ شىنجاڭ رايونىدا قوللانغان ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش تەدبىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن جۇڭگو دەرۋازىنى ئېچىپ، ب د ت ئەمەلدارلىرىنى شىنجاڭ رايونىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغاندا، ب د ت نىڭ زىيارىتىنى «ئىنتايىن مۇۋاپىق ئەمەس» دەپ ئەيىبلىدى، بۇ زادى قانداق لوگىكا؟ ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ ئۇسۇللىرى ئىنتايىن ساختا، قىلچە ئاساسى يوق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ