خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 22 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ يىبىڭ شەھىرى چاڭنىڭ ناھىيەسىدە 6 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 16 كىلومېتىرغا يەتتى. ھازىرغا قەدەر، يەر تەۋرەشتە 13 ئادەم قازا قىلدى، 158 ئادەم يارىلاندى، 140 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىدى، قىسمەن سۇ ئېلېكتىر، قاتناش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر زىيانغا ئۇچرىدى.
يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تەشكىللەپ، خادىملارنى ئىزدەش، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، تالاپەتنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش لازىم. ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم يەرلىكنىڭ خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى ۋە ماسلىشىشى كېرەك. ئىلمىي قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يەر تەۋرەش ئەھۋالىنى كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سۇ، توك بىلەن تەمىنلەش، قاتناش-تىرانسپورت، ئالاقىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى خەۋپتىن ساقلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھازىر كەلكۈن مەزگىلى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەلكۈن، ھۆلچىلىك قاتارلىق ئاپەتلەر كۆرۈلۈپ، تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، ئالاقىدار جايلاردىكى پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پائال تەشكىللەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يەر تەۋرەش ئاپەت ئەھۋالىنى چىڭ تۇتۇپ تەكشۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەتەردىن قۇتقۇزۇش ۋە يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشقا تەشكىللەپ، زىيانغا ئۇچرىغان قاتناش، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى تېزدىن رېمونت قىلىش لازىم. ئاپەت ئەھۋالى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاپەت رايونىنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش لازىم. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ئالاقىدار جايلارنىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىكى كۈچلۈك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈرلۈك ئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ھەمكارلىشىشى كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ