مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق داۋامىدا كۈچ ھاسىل قىلايلى»

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 2019-يىلى يازدا ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان سەپىرى توغرىسىدا

2019.06.18 16:43 مەنبە: خەلق تورى

  زىيارەت نەتىجىسىگە تولغان رۇسىيە سەپىرى ئاياغلىشىپ، قىسقىغىنە تۆت كۈندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە يولغا چىقتى.

  چۇ دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان بىشكەكتىن گىسار جىلغىسى ۋادىسىدىكى دۈشەنبىگىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن ئاسىيا ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ۋە ئىشىنىش تەدبىرلىرى يىغىنىغىچە بەش كۈندۈز، تۆت كېچىدە ئىككى قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى، ئىككى مەيدان رەھبەرلەر يىغىنى، 40 مەيدانغا يېقىن قوش تەرەپلىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

  بۇ چاغدا تارىخنىڭ ۋاقىت-بوشلۇق كوردىناتى بارغانسېرى روشەنلەشتى.

  خەلقئارا ۋەزىيەت داۋالغۇپ، 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش بولماقتا، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش دەۋر ئېقىمىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ قوشۇشقا توغرا كەلدى.

  ھالقىلىق پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە پىلانى يېڭى ۋەزىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى مۇساپىنى باشلىدى.

  ۋەتەن ئىشەنچى، قېرىنداشلىق دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

  بىر ئاي ئىلگىرى، ھەممە يەر باھار تۈسىگە چۆمگەن چاغدا، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى ۋە بېيجىڭ دۇنيا باغۋەنچىلىك كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقىلى جۇڭگوغا كەلگەن قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ژېنبېكوۋ، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.

  بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، مېۋە - چېۋىلەر مەي باغلاپ پىشقان چاغدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىككى قەدىناس دوستى بىلەن يەنە كۆرۈشتى.

  ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دوستلۇق شۇنچە يېقىنلىشىدۇ، قوشنىلار تۇغقاندەك بولىدۇ.

  شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا، چوڭ-كىچىك مۇرەككەپ ئىشلار كۈتۈپ تۇرسىمۇ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ ساھىبخانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زۇڭتۇڭ ژېنبېكوۋ يەنىلا ئايرودرومغا بېرىپ، رەئىس شى جىنپىڭنى كۈتۈۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن سىزنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىڭىزنى كۈتكىلى ئۇزۇن بولدى.»

  رەئىس شى جىنپىڭ مېھمانخانىغا ئەمدى يېتىپ كەلگەندە، ژېنبېكوۋ رەئىس شى جىنپىڭنى ئۆزىنىڭ سارىيىغا ھال-ئەھۋال سورىشىشقا تەكلىپ قىلدى.

  نان، قېزا، مېۋە مۇرابباسى، بوغۇرساق . . . بىر مەيدان ئوتتۇرا ئاسىيا ئالاھىدىلىكىگە ئىگە چاي زىياپىتى، ئازادە ۋە يېقىملىق مەنزىرە.

  رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «كونا دوستۇمنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغىنىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. بۇ مېنىڭ ئارىدىن ئالتە يىلدىن كېيىن قىرغىزىستاننى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىشىم.»

  2013-يىلى 9-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، جۇڭگو-قىرغىزىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى. 2018-يىلى 6-ئايدا زۇڭتۇڭ ژېنبېكوۋنىڭ جۇڭگودا مۇۋەپپەقىيەتلىك زىيارەتتە بولۇشى بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-قىرغىزىستان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق ئاچتى.

  تاغ-دەريالار تۇتاش، سەمىمىي بولۇش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئۆزئارا يار-يۆلەك بولۇش.

  رەئىس شى جىنپىڭ «ياخشى قوشنا، ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداش» دېيىش ئارقىلىق ئوبرازلىق ھالدا جۇڭگو-قىرغىزىستان، جۇڭگو-تاجىكىستان مۇناسىۋىتىنى بېكىتتى.

  ئوخشاشلا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقىنى يەنە تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان ئىدى.

  2014-يىلى 9-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم تاجىكىستانغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئۈچۈن باردى، زۇڭتۇڭ راخمان 10 سائەتكە يېقىن ھەمراھ بولدى. «ياخشى قېرىنداشلار قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك!» ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەيدۇ ___ بۇ، جۇڭگو-تاجىكىستان دوستلۇقىنىڭ بىر ياخشى سۆزىگە ئايلاندى.

  بۇ، كىلىمات ۋە پەسىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان دوستلۇق، تېخىمۇ مۇھىمى تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى، خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى.

  تولۇق تېكىستىنى بۈگۈنكى خەلق گېزىتىنىڭ باش بېتىدىن كۆرۈڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ