مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە خەلق قۇرۇلتىيى 32-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىنى 25-ئىيۇندىن 29-ئىيۇنغىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى

2019.06.18 14:47 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى 17-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11- يىغىنىنى 25-ئىيۇندىن 29-ئىيۇنغىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىدا ۋاكسىنا باشقۇرۇش قانۇنى لايىھەسى، ھەق تەلەپ قانۇنى تويلىشىش-ئائىلە قۇرۇش قائىدىسى تۈزۈش لايىھەسى، ھەق تەلەپ قانۇنى ۋارىسلىق قىلىش قائىدىسى تۈزۈش لايىھەسى، يەر باشقۇرۇش قانۇنى، شەھەر ئۆي-زېمىن باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش تەكلىپى بېرىلدى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ ئورمان قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى؛ گوۋۇيۈەننىڭ مەھەللىلەرنى تۈزەش قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، شىفىر قانۇنى لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپى، كېرەكسىز نەرسىلەرنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ