مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەر-خوتۇن مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلار

2019.06.14 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ھەممە ئادەم ئەر-خوتۇن تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك بولۇشىنى ھەمدە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. لېكىن مۇھەببەتنىڭ ئاجىز تەرىپى بار، نۇرغۇن سەۋەبلەر ئىككى ئادەمنىڭ ھېسسىياتىنى زەربىگە ئۇچرىتىشى مۇمكىن. يېقىندا ئامېرىكىدىكى توي مۇناسۋىتى مەسىلىسى بويىچە 100 مۇتەخەسسىس ئەر-خوتۇننىڭ ئاجرىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر قانچە چوڭ سەۋەبنى خۇلاسىلەپ چىققان بولۇپ، توي قىلغانلارنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتتى.

  بىرىنچى، توي قىلىش مەقسىتى ئېغىپ كېتىش. توي كىشىلىك ھاياتتىكى چوڭ ئىش، توي قىلىشتىن بۇرۇن «مەن نېمىشقا توي قىلىمەن؟» دېگەن مەسىلىنى چوقۇم ئويلىنىش كېرەك، توي قىلىشنىڭ سەۋەبى تاشقى دۇنيادىن ئەمەس، بەلكى چوڭقۇر ئويلىنىشىڭىزدىن كېلىدۇ. بەزىلەر: «ھەممە ئادەم بىزنى بەك ماس كەلگەن بىر جۈپلەر دەيدۇ» ياكى «بىز تويلۇق ئۆينىمۇ سېتىۋالدۇق» دېيىشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ چوقۇم ئۇزۇنغىچە بىرگە ئۆتەلەيدىغانلىقىڭلارنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. توي قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم ئېنىق نىشان بولۇشى كېرەك، ئەسلىي مەقسەت توغرا بولغاندىلا، ئاندىن توي مۇناسىۋىتى ئۇزاققىچە مۇقىم بولىدۇ.

  ئىككىنچى، ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇش. ئەگەر قارشى تەرەپ سىزنىڭ بارلىق ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى تارتىۋالسا، سىزنىڭ ئۆزىڭىزگە تەۋە بولغان ھېچقانداق بوشلۇقىڭىز بولمىسا، «توي مەھبۇسى»غا ئايلىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. بەختلىك توي مۇناسىۋىتى قارشى تەرەپنىڭ نەتىجە قازىنىشىغا ياردەم بېرىشتۇر، ھەرگىزمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇش ئەمەس.

  ئۈچىنچى، تۇرمۇش نىشانى بىردەك بولماسلىق. ئىككى ئادەم توي قىلغاندىن كېيىن، بارغانسېرى ھەقىقىي ھالدا ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ، بۇنىڭدا بەلكىم ھېسسىيات تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىشى مۇمكىن، ئارازلىق زورىيىشىمۇ مۇمكىن. توي قىلىشتىن بۇرۇن قارشى تەرەپنى كۆپرەك چۈشىنىش كېرەك، بۇ نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم.

  تۆتىنچى، جىنسىي تۇرمۇش ئىناق بولماسلىق. ھېسسىياتى ھەرقانچە ياخشى ئەر-خوتۇنمۇ جىنسىي مۇناسىۋەت ئالدىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن، مۇھىمى بىر-بىرىنىڭ كارىۋاتتىكى «خاراكتېرى»گە قانداق يۈزلىنىشنى بىلىپ، بىر-بىرىنىڭ پەرقىنى چۈشىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ قىزىقىشىنى چۈشىنىپ، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندىلا، ئاندىن جىنسىي مەسىلە تۈپەيلىدىن ھېسسىياتتىن يىراقلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

  بەشىنچى، قارشى تەرەپنى ئىش قىلىشقا مەجبۇرلاش. بىر ئادەم خۇشال بولمىسا، دائىم ھەمراھىنى ئۆز ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ خۇشاللىق تاپىدۇ. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش چارىسى ئىچىدە ئاغرىنىش، ئەيىبلەش، ۋاتىلداش، تەھدىت سېلىش ياكى ئاز-تولا ياخشىلىق قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىشقا بولمايدۇ. بىز ئۆزىمىزنىڭ قانداق قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى كۆپرەك ئويلىشىشىمىز، ئاددىي، قوپال ئۇسۇللاردىن ساقلىنىشىمىز، ئۇنىڭ ئورنىغا ھۆرمەت قىلىشىمىز ۋە كېڭىشىشىمىز كېرەك.

  ئالتىنچى، ئىستېمال قارىشى ئوخشىماسلىق. ئاسانلا ئاجرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر سەۋەب پۇل كەملىك ئەمەس، بەلكى ئىككى ئادەمنىڭ ئىستېمال قارىشىنىڭ ئوخشىماسلىقى. مەسىلەن، بىرى نەرسە سېتىۋالغاندا ئەزەلدىن كرېدىت كارتىسىنى ئونكول قىلىشتىن قورقمىسا، يەنە بىر ئادەم ئۇزاق مۇددەتلىك نىشان ئۈچۈن پۇل ئامانەت قويۇشنى ئويلىسا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ خىل زىددىيەت بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ كېتىدۇ. يول قويۇشنى بىلىپ، مالىيە باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرغاندىلا، توي مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ «پاي شىركىتى»نى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ.

  يەتتىنچى، يېقىن ھەرىكەت ئاز بولۇش. ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى جىنسىي تۇرمۇش ئەلۋەتتە مۇھىم، لېكىن ئىشقا چىقىشتىن بۇرۇن ۋە ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن سۆيۈپ قويۇش، خۇشال بولغاندا قۇچاقلىشىش، ھەتتا ئاددىي قول تۇتۇشمۇ ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ھېسسىيات يېپىشتۇرغۇچىسىدۇر. جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى بەدەن ئۇچرىشىشى كەمچىل بولغاندا، ئىككى ئادەم بارغانسېرى ناتونۇش بولۇپ كېتىدۇ.

  سەككىزىنچى، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا دائىم ئۇرۇشۇش. ھەر بىر جۈپ ئەر- خوتۇن ئارىسىدا پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلىدىغان ۋاقىت بولىدۇ، مۇھىمى زىددىيەتكە يولۇققاندا، ئىككى ئادەم قانداق پىكىر ئالماشتۇرۇش، قانداق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ھەققىدە بەزى ئاساسىي قائىدىلەرنى بېكىتەلىشى كېرەك. ئەگەر ئىككى ئادەم مەسىلىنى ھەل قىلالمىسا، ئىشەنچلىك تونۇشى ياكى توي مەسلىھەتچىسىنى تېپىپ، زىددىيەتنى ۋاقتىدا ھەل قىلسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ