مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۇقىرى بوشلۇقتىن نەرسە چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالىنى تۈزەشتە ھەق تەلەپ ئىشلىرى، ھەتتا جىنايى ئىشلار بويىچە سۈرۈشتە قىلىش كېرەك

2019.06.18 14:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يۇقىرى بوشلۇقتىن نەرسە تاشلاشتەك ئەھۋال يەنە كۆرۈلدى. 6-ئاينىڭ 16- كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى شېنجېن شەھىرى فۇتيەن رايونىدىكى بىر ئولتۇراق رايوندا دېرىزە چېقىلىپ چۈشۈپ كېتىپ، بەش ياشلىق بالا يارىلىنىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى. ئۈچ كۈن ئىلگىرى، بۇ ئوغۇل بالا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە سىرتقا چىققاندا، بۇ ئولتۇراق رايوندىكى يۇقىرى بوشلۇقتىن چۈشكەن دېرىزە بالىنىڭ بېشىنى يارىلاندۇرۇپ، دوختۇرخانىغا جىددىي ئاپارغان، لېكىن يارىسى ئېغىر بولغاچقا، بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكەن. يېرىم ئاي ئىلگىرى، بۇ ئولتۇراق رايوندا يەنە بىر دېرىزە 8- قەۋەتتىن چۈشۈپ كەتكەن، بەختكە يارىشا پىيادىلەر يارىلانمىغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلاردا يۇقىرى بوشلۇقتىن نەرسە چۈشۈپ كېتىپ ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ۋەقەسى پات-پات يۈز بېرىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ نەرسە چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغىدى. جامائەت پىكرى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى: يۇقىرى بوشلۇقتىن نەرسە چۈشۈپ كەتسە ئاممىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدۇ، بۇ، ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تۈزەيدىغان، كېچىكتۈرۈشكە بولمايدىغان مەسىلە بولۇپ قالدى.

  يۇقىرى بوشلۇقتىن نەرسە تاشلاش جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان غايەت زور يوشۇرۇن خەۋپ. سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 30 گىرام كېلىدىغان بىر تۇخۇمنى 4-قەۋەتتىن تاشلىسا، ئادەمنىڭ تەگكەن يېرىنى ئىششىتىپ قويىدۇ؛ 8- قەۋەتتىن تاشلىسا، ئادەمنىڭ بېشىنى يارىلاندۇرىدۇ؛ 18-قەۋەتتىن تاشلىسا، پىيادىلەرنىڭ باش سۆڭىكىنى سۇندۇرۋېتىدۇ؛ 25-قەۋەتتىن تاشلىسا، ئادەم نەق مەيداندا ئۆلۈپ كېتىدۇ. يۇقىرى بوشلۇقتىن نەرسە تاشلاش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، پەقەت ئۆي ئىگىلىرىدىن تەلەپ قىلىش ۋە تەشۋىق-تەربىيەگە تايىنىش كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەخلاق جەھەتتىنلا ئەيىبلەشكە بولمايدۇ، قانۇن جەھەتتىن ھەق تەلەپ ئىشلىرى بويىچە تۆلىتىۋېلىش، ھەتتا جىنايى ئىشلار بويىچە سۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  يۇقىرى بوشلۇقتىن نەرسە تاشلاش دېلولىرىدا، ئەمەلىي مەسئۇل كىشىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمىغان ئەھۋالدا، ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش، ھەق تەلەپ تۆلىمىدە «چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش»نى يولغا قويۇشقا بولىدۇ. «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھوقۇققا چېقىلىش جاۋابكارلىقى قانۇنى»نىڭ 87- ماددىسىدا: ئىمارەتتىن تاشلانغان ياكى ئىمارەتتىن چۈشۈپ كەتكەن نەرسە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، كونكرېت ھوقۇققا چېقىلغۇچىنى بېكىتىش قىيىن بولسا، ئۆزىنىڭ ھوقۇققا چېقىلغۇچى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىيالىشىدىن باشقا، باشقىلارغا زىيان سېلىش ئېھتىمالى بولغان ئىمارەتنى ئىشلەتكۈچى تۆلەم بېرىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ، ئەگەر كونكرېت ھوقۇققا چېقىلغۇچىنى بېكىتكىلى بولمىسا، ۋەقەگە چېتىشلىق ئېگىز بىنالاردىكى بارلىق ئائىلىلەردە زىيان سېلىش ئېھتىمالى بارلىقىدىن، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئوخشاش بىر ئىمارەتنىڭ ئۆي ئىگىلىرى ئۆزىنىڭ ھوقۇققا دەخلى - تەرۇز قىلغۇچى ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىيالىسىلا، زىيان ئۈچۈن پۇل تۆلىمەيدۇ. بۇ، ئۆي ئىگىلىرى يۇقىرى بوشلۇقتىن نەرسە تاشلاش ئۈچۈن تۆلەشكە تېگىشلىك بەدەل. بارلىق ئۆي ئىگىلىرىنىڭ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى، خەۋپ-خەتەرنى تەقسىملىشى ئەمەلىيەتتە ئامالسىزلىقتىن بولغان، لېكىن بۇنداق قىلىشنىڭ ھەقىقەتەن بەلگىلىك نازارەت قىلىش رولى بار. ئۆي ئىگىلىرى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن، ھەقىقىي جاۋابكارنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، ھەقىقىي جاۋابكارنى تېپىپ چىقسا بولىدۇ. ئەگەر ئۆي ئىگىلىرى مەسئۇل كىشىنى تېپىپ چىقالىسا، مەسئۇل كىشى بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالىدۇ، بۇنداق قىلىشنىڭ تەتۈر قىستاش ۋە نازارەت قىلىش رولى بار بولۇپ، ئۆي ئىگىلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ نازارەت قىلىدىغان، ئۆزئارا ئاسرايدىغان ئىناق مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق.

  قانۇن يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتىدە، يۇقىرى بوشلۇقتىن نەرسە تاشلاش دېلولىرىدا «چاتما جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىش»تىكى ھۆكۈم مىساللىرى بار. 2016-يىلى 9-ئايدا، ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان ۋۇخەن شەھىرى خەنياڭ رايونىدىكى يۇقىرى بوشلۇقتىن نەرسە تاشلاپ، قىز بوۋاقنىڭ مېيىپ بولۇپ قېلىشى بىلەن تۆلەم تەلەپ قىلىش دېلوسىغا ۋۇخەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2-سوت ئېچىپ، نارازىلىق ئەرزى بېرىلگەن ئۆي ئىگىلىرىنىڭ دەۋا تەلىپىنى رەت قىلىپ، ئۆي ئىگىلىرى شياۋ شىنيىغا 360 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك تولۇقلىما بېرىش، 1-سوتنىڭ ئەسلىي ھۆكۈمىنى ساقلاپ قېلىشقا ھۆكۈم قىلدى.

  يۇقىرى بوشلۇقتىن نەرسە چۈشۈپ كېتىش دېلوسىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەن دېلودا، جاۋابكار جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىشى كېرەك. يۇقىرى بوشلۇقتىن نەرسە تاشلىغۇچى ئېغىر ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارسا ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى مەنپەئەتىگە خەۋپ يەتكۈزسە، تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرت، يەنە جىنايى جازا بېرىلىدۇ. جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 114 - ۋە 115 - ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدا «جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى دېگىنى ئوت قويۇش، پارتلىتىش، خەتەرلىك ماددا تاشلاشتىن باشقا خەتەرلىك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، جىنايەت قىلمىشىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈدىغانلىقىنى، يەنى مۇئەييەن بولمىغان كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقى ياكى زور جامائەت ۋە شەخسلەرنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا، ئەگەر ھەرىكەت مەلۇم بىر مۇئەييەن كىشىنىڭ مال -مۈلكى ياكى ھاياتىغا زىيان يەتكۈزسە، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 275- ماددىسىدىكى مال-مۈلۈكنى قەستەن ۋەيران قىلىش جىنايىتى، 232-ماددىسىدىكى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ۋە 234 -ماددىسىدىكى قەستەن زەخىملەندۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، «خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى»نىڭ سۇبيېكتىپ تەرىپى قەستەنلىك بولۇپ، سۇبيېكت بولسا 16 ياشقا توشقان، جىنايى جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەردىن بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. 115-ماددىسىنىڭ 2- تارمىقىدا «سەۋەنلىك بىلەن جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش» بەلگىلەنگەن بولۇپ، سۇبيېكتىپ جەھەتتە سەۋەنلىك كۆرۈلگەندىن سىرت، قالغانلىرى «جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەتەرلىك ئۇسۇل بىلەن خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى» بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ