مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

توردا قىممەت تۇلۇقلاش ئارقىلىق ئىستېمال قىلغاندا دېققەت قىلىڭ

2019.06.19 15:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، ئىستېمالچىلارنىڭ كۆچمە ئالاقە تورى دەۋرىدىكى ئىستېمال قىلىش يېڭى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ تور سۇپىلىرى توردا قىممەت تۇلۇقلاش ئارقىلىق ئىستېمال قىلىش ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ، ئىستېمالچىلارغا قولايلىق يارىتىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدا يەنە بەزى مەسىلىلەرمۇ ساقلانماقتا. يېقىندا، شاڭخەي شەھىرى ئىستېمالچىلارنى قوغداش كومىتېتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تور سۇپىسىدا قىممەت تۇلۇقلاش ئارقىلىق ئىستېمال قىلىشنى سىناشنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تور سۇپىسىدا قىممەت تۇلۇقلاپ ئىستېمال قىلىشتا خەۋپ-خەتەر ساقلانغانلىقى بايقالغان، بەزى سۇپىلار پۇل قايتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمىگەن ياكى ئۇلارنىڭ پۇل قايتۇرۇش شەرتى ئىنتايىن ئېغىر ئىكەن.

  شاڭخەي شەھىرى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى يېقىندا نەق پۇل ئارقىلىق قىممەت تۇلۇقلاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان 31 تور سۇپىسىنى سىناق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىستېمال قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن، نەتىجىدە پەقەت 10 ئورۇننىڭ سۇپىسىدا ئۆز ئالدىغا پۇل قايتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە يەتتىسىنىڭ ھەر ۋاقىت ھېساباتقا كىرگىلى بولىدىغانلىقىنى، ئۈچىنىڭ سۇپىدا ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا ھېساباتقا كىرگىلى بولىدىغانلىقىنى بايقىغان؛ ئۇ 31 سۇپىدىن 12سى خېرىدارلار مۇلازىمىتى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ئاندىن پۇل قايتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن؛ يەتتىسى شەھەرلىك ئىستېمالچىلار كومىتېتى بىلەن ئالاقىلاشقاندىن كېيىن ئاندىن پۇل قايتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى ياكى APPنى يېڭىلىغاندىن كېيىن ئاندىن پۇل قايتۇرۇش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكىنى بايقىغان.

  شاڭخەي شەھىرى ئىستېمالچىلارنى ئاسراش كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، نۇرغۇن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش، كىتاب ئوقۇش ۋە كۆرۈنمە چاستوتىلىق كۆڭۈل ئېچىش دېگەندەك مۇلازىمەت تۈرلىردىكى تور سۇپىلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ مەۋھۈم پۇل سېتىۋېلىش ئارقىلىق پۇل تۆلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇ خىل ساختا پۇللار ئىستىمالچىلارنىڭ سۇپا ھېساباتىدا ساقلانغان، ھەمدە ئۇ خېلى كۆپ مىقداردىكى مەبلەغنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كېتىشىنى پەيدا قىلغان.

  كۆپ ئۇچرايدىغان ئاۋانس خاراكتېرلىك ئىستېمال قىلىش بىلەن بۇ خىل ئىستېمال قىلىشنىڭ، يەنى تور سۇپىسىدا قىممەت تۇلۇقلاش ئارقىلىق ئىستېمال قىلىشنىڭ قانداق پەرقى بار؟ بۇ ئىككىسىنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى بار. بۇ مەسئۇل خادىم مۇنداق دېدى: ئاۋانس خاراكتېرلىك ئىستېمال قىلىشتا، ئىستېمالچىلار ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن ئالدىن مەلۇم مىقداردا پۇل تۆلەپ، ئالاقىدار مەھسۇلات ياكى مۇلازىمەتنى سېتىۋالىدۇ ھەمدە تىجارەتچىلەر بىلەن ئىستېمال توختامى مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ. تور سۇپىسىدا قىممەت تۇلۇقلاش بولسا، ئىستېمالچىلار پۇلنى تىجارەتچى بېكىتكەن سۇپا ئىسچوتىغا ئامانەت قويۇپ، ئىستېمال قولايلىقىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ، ئەمما سۇپىدىكى پۇل يەنىلا ئىستېمالچىلارنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولىدۇ. تور سۇپىسىنىڭ پۇل قايتۇرۇشقا قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقى ۋە پۇل قايتۇرۇش جەريانىنىڭ قولايلىقلىقى سۇپىنىڭ ئىناۋەت دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

  بۇنىڭغا قارىتا، شاڭخەي شەھىرى ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئالاقە تورى + سېتىش» ئەندىزىسىدىكى تور سۇپىسى چوقۇم ئىناۋەت ئېڭى ۋە قانۇن ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇۋېلىشىغا قولايلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇش كىرىش ئېغىزى ۋە بوسۇغىسىنىڭ لايىھەلىنىشى چوقۇم ئىستېمالچىلار ئىستېمال قىلغان چاغدىكى كىرىش ئېغىزى ۋە بوسۇغىسىدىن يۇقىرى بولماسلىقى كېرەك، سۇپا چوقۇم بەزى تېخنىكىلىق ئۇسۇللار ۋە سودا يۈرۈشلۈك يوللىرى ئارقىلىق، ئىستېمالچىلارنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇشىغا توسالغۇ پەيدا قىلماسلىقى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ