مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى زۆرۈر دەرسلىك

2019.06.19 15:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شاڭخەيدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ «ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىش»نى ئائىلە تاپشۇرۇقىغا كىرگۈزگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر جامائەت پىكرىنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى، ھەم شۇنداقلا ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ ئويلىنىشىنى قوزغىدى. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: بۈگۈن بىز ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى رولىغا زادى قانداق قارىشىمىز كېرەك؟

  ئەمگەك ئادەمنىڭ ئاساسىي ياشاش ئىقتىدارىدۇر. يوتقان-كۆرپە يىغىش، ئەخلەت تۆكۈش ۋە كىر يۇيۇش دېگەندەك بالىلارنىڭ قۇربى يېتىدىغان ئائىلە ئەمگەكلىرى بالىلاردا ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بالىلاردا يەنە «ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلىش» دەيدىغان قاراشنى تۇرغۇزۇشقىمۇ پايدىلىق، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەر خىل «كىچىك ئىشلار» ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا بەدەن چېنىقتۇرۇشى ۋە ئىرادىسىنى تاۋلىشىغىمۇ پايدىلىقتۇر. چوڭلار ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىگە چات كېرىۋالسا، قارىماققا بالىلىرىنى ئاز جاپا چەككۈزگەندەك قىلغان بىلەن، ئۇ ئەمەلىيەتتە بالىلارنى ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرىدۇ. بالىلارغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلغۇزۇش ئەمەلىيەتتە بالىلارنى جاپا تارتقۇزغانلىق بولماستىن، ئەكسىچە بالىلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سالغانلىق بولىدۇ.

  ئۆي ئىشلىرىنى ئۆزى قىلىش بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى زۆرۈر دەرسلىك. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، بالىلار ھەتتا بوز يەر ئېچىش، تېرىش ۋە ئوغۇتلاش ئىشلىرىغا قاتناشقاندا، بالىلارغا ھەربىر ۋاق تاماقنىڭ ئاسان كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ؛ ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە سىنىپنى تازىلىغاندا، بالىلارغا ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ؛ ئۆزى تىككەن كۆكتاتنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بالىلارغا «ئەمگەك ئەڭ شەرەپلىك، ئەمگەك ئەڭ ئالىيجاناب، ئەمگەك ئەڭ ئۇلۇغ، ئەمگەك ئەڭ گۈزەل» دېگەن قائىدىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، بالىلار ئۆي ئىشلىرىنى تېخىمۇ كۆپرەك قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ