مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2019.06.20 16:50 مەنبە: خەلق تورى

  يىغىندا شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈمىدىگە لايىقلاشتۇرۇش؛ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاش تەدبىرىنى بېكىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش؛ يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 19-ئىيۇن گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلاش ئۈمىدىگە لايىقلاشتۇرۇش؛ يېزا ئېلېكتىر تورىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋەزىپىسىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملاش تەدبىرىنى بېكىتىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش؛ يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى سەۋىيەسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۆستۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قوللاپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تىكى ئورۇنلاشتۇرمىلارغا ئاساسەن، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلەش كېرەك، بۇنىڭدا سېلىنمىنى مۇقىملاشتۇرۇش مۇھىم تەرەپ. باشلىنىش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ ھەم ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرالايدىغان، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىپ، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولغان، ھەم تەكرار قۇرۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدىغان چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ