مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ چاۋشيەن تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋرنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يازايلى

2019.06.20 16:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن دىموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى» قاتارلىق ئاساسلىق تاراتقۇلاردا «جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋرنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يازايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى.

  جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋرنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يازايلى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ

  بۇ يىل جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. بۇ تارىخىي پەيتتە، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى يولداش كىم جۇڭئۇننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مەن «دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلىپ، يېڭى سەھىپىنى داۋاملىق يېزىپ چىقىش» گۈزەل ئارزۇيۇم بىلەن، چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا تۇرماقتىمەن.

  ئەينى يىللارنى ئەسلىسەك، ئىككى پارتىيە ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى ئورتاق غايە-ئېتىقادى ۋە چوڭقۇر ئىنقىلابىي دوستلۇقى بىلەن، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىپ، بىزگە ئورتاق قىممەتلىك بايلىق قالدۇردى. جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ نەچچە ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئىزچىل قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر ئالاقە قىلىشى ۋە سەمىمىي ھەمكارلىشىشىغا بەخت يارىتىش توغرىسىدا خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدىكى ياخشى سەھىپىنى يېزىپ چىقتى.

  ئۇزاقتىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەندىكى ئىككى پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەيلى سىرتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئورتاق قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۆرىشىدە بولسۇن، ياكى سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنى قانات يايدۇرۇش داۋامىدا بولسۇن، ئىككى دۆلەت خەلقى بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، بىر-بىرىگە ياردەم بېرىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى، بۇنى «ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن ۋە ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز دوستلۇق» دېيىشكە بولىدۇ.

  تۇغقانلار يوقلاشقانسىرى يېقىنلىشىدۇ، قوشنىلار باردى-كەلدى قىلغانسىرى مۇناسىۋىتى كۈچىيدۇ. ياخشى يولداش، ياخشى قوشنا بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا ۋەزىيەتتە مەيلى قانداق ئۆزگىرىشلەر بولسۇن، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتىكى قەتئىي مەيدانى ئۆزگەرگىنى يوق ھەم ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگو قەتئىي تۈردە كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە خەلقنى يېتەكلەپ،يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىدا يېڭى ۋە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى قوللايدۇ.

  جۇڭگو-چاۋشيەن ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئازاب-ئوقۇبەتتىن قۇتۇلۇپ، تىنچلىقنىڭ ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر بىلىدۇ. بىز شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۇقكى، كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ توغرا تەدبىر بەلگىلىشى ۋە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىسىدا، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ۋەزىيىتى شەكىللەندى، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئىشى تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتكە دۇچ كەلدى، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشى ۋە كۈتۈشىگە ئېرىشتى. جۇڭگو جەزمەن چاۋشيەنلىك يولداشلار بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىلانى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىشنى خالايدۇ.(تولۇق تېكىستى خەلق گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى باش بېتىگە قاراڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ