شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش: تولار زېمىن باھار پەيزىگە، بارچە گۈللەر ئاچقاندا پورەك

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن چىنيەن

2019.06.17 16:49 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5- ئاينىڭ 25- كۈنى، شايار بوشىرەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى پاختا يىغىش ماشىنىسىنى قۇراشتۇرماقتا. بۇ شىركەتنى جېجياڭ ئۆلكىسى جياشىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بۇلتۇر 2- ئايدا كىرگۈزگەن بولۇپ، شۇ يىلى 9- ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، نۆۋەتتە 142 كىشىنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.(يۈ ليۇدۇڭ فوتوسى)

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش دۆلەت ئىستراتېگىيەسى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدىغان قۇرۇلۇش قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  ـــ شى جىنپىڭ

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى ئايلانغاندا، مەيلى چەت - ياقىغا جايلاشقان كىچىك بازار بولسۇن، ياكى بوستانلىققا يوشۇرۇنغان جىمجىت كىچىك شەھەر بولسۇن، ھەممىلا جايدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ شىنجاڭغا ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

  ئۆزگىرىشنىڭ ئارقىسىدا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرغانلىقى، ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بار. بولۇپمۇ، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، پۇختىلىنىپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئەۋزەللىكى تولۇق گەۋدىلەندى.

  ■ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلدى

  خېجىڭ ناھىيەسىگە جايلاشقان خېبېي يېڭى كەنتىگە كىرگەندە، بىر پارچە مەنزىرە رەسىم كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ: تۈپتۈز ئاسفالت يوللار، يېڭىچە لايىھەلەنگەن تۆت ئائىلە بىر گۇرۇپپا قىلىنغان ئىككى قەۋەتلىك كىچىك بىنالار، تەرتىپلىك لايىھەلەنگەن مەنزىرە پىيادىلەر يولى...

  «بىز چارۋىچىلارنىڭ بۇنداق تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى چۈشۈمدىمۇ ئويلاپ باقمىغانىدىم.» 5- ئاينىڭ 16- كۈنى بايىنبۇلاق يايلىقىدىكى چارۋىچى بارنا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بىنادا ئولتۇرىمىز، مائاش ئالىمىز، مۇھىتىمىز گۈزەل، بەختتىن ھۇزۇرلىنىش دېگەن مانا مۇشۇدە!»

  «سۇ بىلەن تەمىنلەش - يۇندى چىقىرىش، يېقىلغۇ گاز، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، يورۇتۇش، خەۋەرلىشىش، تۈرلۈك ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسى تەل.» ئولتۇراق رايوندا سەيلە قىلىۋاتقان پاڭ فېي ھاياجانلانغان ھالدا: «لايىھەلىگۈچىلەر ھەقىقەتەنمۇ ئەتراپلىق ئويلىشىپتۇ!» دېدى.

  ھازىرقى ئۆزگىرىش توغرىسىدا توختالغاندا، پاڭ فېي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇنداق ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشىشىمىز پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ خالىس ياردىمىدىن ئايرىلالمايدۇ».

  تۈمەنلىگەن ئىشلارنىڭ ئىچىدە، خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. دۆلەت بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان كۈچلەر بىرلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈردى، ھەر مىللەت ئامما ئۈچۈن قىيىن ئىشلارنى ھەل قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىش، بەختنى كۆزلەشتىكى بىرىكمە كۈچ توپلاندى.

  خەلق تۇرمۇشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتىگە ئايلاندى. مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىن 7527سى يولغا قويۇلدى، 67 مىليارد 590 مىليون يۈەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى سېلىندى. زور بىر تۈركۈم خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئاساسنى كۈچەيتىدىغان، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان تۈرلەر ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشتى.

  «شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىگە ياقتى!» ئۇلۇغچات ناھىيەسى قىزىلئۆي يېزىسى قانجۇغان كەنتى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇردالى ھەسەن مۇنداق بىلدۈردى: كەنت يوللىرى ياخشىلاندى، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى قۇرۇلدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى كۆپەيدى، بېيىش يوللىرى كېڭەيدى، يۇرتداشلار چىن قەلبىدىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ.

  ■ كەسىپلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشى نامراتلارنى يۆلەش ئۈنۈمىنى نامايان قىلدى

  «زاۋۇت ئۆيۈمنىڭ ئۇدۇلىدا، يېنىدا يەسلى بار. ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقىپ، بالامنى يەسلىگە ئاپىرىۋېتىپلا، زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلەيمەن، ھەر ئايلىق مائاشىم مۇقىم، ئائىلە ۋە خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كېلىۋاتىمەن.» كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى تۇنساگۈل غوپۇر مۇنداق دېدى: «زاۋۇتقا كىرىپ ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولدى.»

  5- ئاينىڭ 20- كۈنى، مۇخبىر تۇنساگۈلنىڭ كەنتتىكى 100 نەچچە ئايال ئىشچى بىلەن كىيىم تىكىش ماشىنىسى ئالدىدا ئولتۇرۇپ، يىپ ئۆتكۈزۈش، يىپ ماڭدۇرۇش، تىكىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ناھايىتى پىششىق تاماملاۋاتقانلىقىنى كۆردى، كىيىم تىكىش ماشىنىسى توختىماي «تاراقلاپ» تۇراتتى.

  «يۈرۈڭ، مېنىڭ يېڭى ئۆيۈمنى كۆرۈپ بېقىڭ!» زاۋۇت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، چوڭ يولدىن ئۆتكەندىن كېيىن، تۇنساگۈلنىڭ ئىللىق قورۇسى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى، مېھمانخانا ئۆيگە قويۇلغان يېڭى سافانى ئۇ مائاشىغا سېتىۋاپتۇ. «مەن داۋاملىق پۇل يىغىپ، يەنە يېڭى ئۆي جاھازلىرىنى سېتىۋېلىپ، ئۆيۈمنى تېخىمۇ چىرايلىق قىلىپ بېزەيمەن!» دېدى تۇنساگۈل.

  «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياخشى ئىشلەنمىسە، خەلق تۇرمۇشىنى تۈپتىن ياخشىلاش تەسكە توختايدۇ»، دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى خې يۈ.

  مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ كىرگۈزۈش، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ كۈچەش نۇقتىسىغا ئايلاندى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەر يېڭى تەدبىر، ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەممىسى ئارتۇقچىلىقلىرىنى نامايان قىلىپ، توقۇمىچىلىق، يېنىك سانائەت، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر قاتارلىق كەسىپلەرنى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارغا كەينى - كەينىدىن ماكانلاشتۇردى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەردىكى كارخانىلارمۇ شىنجاڭغا كىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، يەنە ئۆز تەرەققىياتى ئۈستىدىمۇ ئىزدەندى.

  قىسقىغىنا بەش يىلدا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر كەسىپلەر ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 14 مىليارد 280 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھەر تۈرلۈك كەسىپلەر باغچە رايونى قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، ئارتۇق ئەمگەكچىدىن 200 مىڭ ئادەم قېتىم قوبۇل قىلدى.

  كەسىپلەر ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى «بېلىق بېرىش»تىن «بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىش»كە ئۆزگىرىۋاتقان بولۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينى تېخىمۇ ياخشى «قان ئىشلەش» ئىقتىدارى ۋە تېخىمۇ زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئاممىغا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.

  ■ ئەقلىي كۈچ جەھەتتىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تەرەققىيات جاسارىتىنى ئاشۇردى

  «شاڭخەيلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى دوختۇرلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دوختۇرخانىمىز كۆپ تۈرلۈك تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى.» 5- ئاينىڭ 18- كۈنى، قەشقەر ۋىلايەتلىك 2- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ پارتكوم شۇجىسى تاڭ شيەنجياڭ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شاڭخەينىڭ خالىس ياردەم بېرىپ، دوختۇرخانىمىزنى تېز تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىغا رەھمەت.»

  شاڭخەيدىكى چوڭ دوختۇرخانىلارنىڭ دوختۇرلىرى قەشقەرگە كەلگەندە، كۆپ تۈرلۈك پىشقان تېخنىكىلارنى ئېلىپ كەلدى. شاڭخەيلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى دوختۇرلار يەرلىكتىكى نۇرغۇن داۋالاش خادىملىرى بىلەن بىللە قەشقەردە دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنى داۋالاش سەۋىيەسىنى ئورتاق ئۆستۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختىشىغا ئېرىشتى.

  شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلارنىڭ ياردىمىدە، قەشقەر ۋىلايەتلىك 2- خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ بۆرەك كېسەللىرى بۆلۈمى «ئۈسكۈنە بولماسلىق، ئادەم كۈچى بولماسلىق، كەسپىي تېخنىكا بولماسلىق»تىن ھازىرقى قورساق پەردىسى دىيالىز تېخنىكىسىدىكى بوغما ھالەتنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە تەرەققىي قىلىپ، بۆرەك كېسەللىرىنى داۋالاش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى.

  يالغۇز بۇلا ئەمەس، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر يەنە ئۆزىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولى ئارقىلىق ئىختىساسلىقلارنىڭ «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىنى پائال يولغا قويۇپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جاينىڭ مائارىپ، داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  2016- يىلى يەتتە ئۆلكە، شەھەر «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ شىنجاڭغا كىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان دوختۇرخانىلارنىڭ خەتەرلىك، جىددىي ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش ئوتتۇرىچە نىسبىتى 2015- يىلىدىكى %88تىن ھازىرقى %95 تىن كۆپرەككە ئۆرلەپ، يۆتكەپ داۋالاش نىسبىتى %6تىن %4.6كە چۈشۈپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىدە 3A دەرىجىلىك دوختۇرخانا بولۇشتەك تارىخىي بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئەقلىي كۈچ جەھەتتىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يۇمشاق ئەمەلىي كۈچىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. 2015- يىلى بېيجىڭ شەھىرى، شاڭخەي شەھىرى يەنە ئايرىم - ئايرىم ھالدا كادىر، ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى، قاراماي شەھىرىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشىنى قانات يايدۇردى؛ شەندۇڭ ئۆلكىسى، تيەنجىن شەھىرى يەنە ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىڭتۇەن 12- شىسى، 11- شىسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان ۋىلايەت، ناھىيە ئىككى دەرىجىلىك ۋە بىڭتۇەن شى دەرىجىلىكلەرنىڭ كادىر، ئىختىساسلىقلار بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشىنىڭ تولۇق قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەردىكى مۇناسىۋەتلىك شەھەر (رايون)، ناھىيەلەر ياردەمگە ئېرىشكەن 82 ناھىيە (شەھەر) بىلەن قوشماقلىشىش مۇناسىۋىتى ئورناتتى، بىر «توغرا يۆنىلىشتە چەتكىچە، تىك يۆنىلىشتە تېگىگىچە» بولغان كۆپ قاتلاملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يېڭى ئەندىزىسى شەكىللىنىپ، شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى ئىلگىرى سۈردى، يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى داۋاملىق پورەكلىتىپ ئېچىلدۇردى.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ