سۇرىيەلىك سەرسان-سەرگەردان كۇلالچى ئۇستام

2019.06.20 17:33 مەنبە: خەلق تورى

  6-ئاينىڭ 5-كۈنى، سۇرىيەدىكى خومېستا، زاكالاييا قارقۇش ئۇستىخانىسىدا ساپال بۇيۇم ياسىماقتا. زاكالاييا قارقۇش ئۇ بىر كۇلالچى. سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى پارتلاشتىن ئىلگىرى، ئۇ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ھەلەبتە ياشىغان. كېيىن، ئۇرۇش ئوتىدىن قېچىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يۇرتىدىن ئايرىلىپ، خومېستا سەرسان بولۇشقا مەجبۇر بولدى. ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، يەر شارى مىقياسىدا 70 مىليون 800 مىڭ ئادەم يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە چېگرا ئىچىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرۈۋاتقانلار 41 مىليون 300 مىڭ كىشى بولۇپ، يەنە 25 مىليون 900 مىڭ مۇساپىر ۋە 3 مىليون 500 مىڭ پاناھلىق ئىزدىگۈچى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ