مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىئەن شەھىرىدە ئۆي سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى

نوپۇسقا ئېلىنىپ بىر يىل توشقاندا ئاندىن ئۆي سېتىۋالغىلى بولۇش چەكلىمىسى قويۇلغان رايونلار يەنىمۇ كېڭەيتىلدى

2019.06.21 16:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئىيۇن، شىئەن شەھەرلىك ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش سىياسىتىنىڭ دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۈگۈندىن باشلاپ، شىئەن شەھىرى نوپۇسىغا كۆچۈپ كىرگەن ئاھالە ئائىلىلىرى (ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن، كەسىپ ئالماشتۇرغان، ئائىلە تەۋەلىرىدىن ئارمىيە بىلەن بىللە نوپۇسقا ئېلىنغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا) شىئەن شەھىرىنىڭ تۇرالغۇ ئۆي سېتىۋېلىشقا چەك قويۇلغان رايون دائىرىسىدە تاۋار ئۆي ياكى نىمكەش ئۆي سېتىۋېلىشتا، نوپۇسقا ئېلىنغىنىغا بىر يىل توشقان بولۇشى ياكى شىئەن شەھىرىدە ئۇدا 12 ئاي ئىجتىمائىي سۇغۇرتا (ياكى شەخسىي تاپاۋەت بېجى) تاپشۇرغان بولۇشى كېرەك.

  شىئەن شەھىرى نوپۇسىدا بولمىغان ئاھالە ئائىلىلىرىدىن شىئەن شەھىرىنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشقا چەك قويۇلغان رايون دائىرىسىدە ئۆيى يوق ھەمدە بەش يىلدىن ئارتۇق (بەش يىلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) شەخسىي تاپاۋەت بېجى ياكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىسپاتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغانلىرى بىر يۈرۈش تاۋار ئۆي ياكى نىمكەش ئۆي سېتىۋالسا بولىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شىئەن شەھىرى لىنتۇڭ رايونىنى تۇرالغۇ سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، شىئەن شەھىرىنىڭ تۇرالغۇ سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش سىياسىتىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىئەن شەھىرىنىڭ تۇرالغۇ سېتىۋېلىشقا چەك قويۇلغان رايونى شىئەن شەھىرىنىڭ يېڭى شەھەر رايونى، بېيلىن رايونى، ليەنخۇ رايونى، يەنتا رايونى، ۋېيياڭ رايونى، باچياۋ رايونى، چاڭئەن رايونىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش رايونى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا رايونى، ئىقتىساد تەرەققىيات رايونى، چۈجياڭ يېڭى رايونى، چەنبا ئېكولوگىيە رايونى، ئالەم قاتنىشى بازىسى، خەلقئارا پورت رايونى، فېڭدۇڭ يېڭى شەھەر رايونى قاتارلىق تەرەققىيات رايونى پىلانلاش رايونلىرىنىڭ دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ