شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئېن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى

2019.06.21 15:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 20-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئېن پيۇڭياڭدىكى مۇلەن سارىيىدا ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى.

  ھەيۋەتلىك مۇلەن سارىيى ئىچىدە چىراغلار چاقناپ، مېھمانلار بىلەن لىق تولغانىدى، تەنتەنىلىك ھەم خوشاللىق كەيپىيات بىلەن تولۇپ تاشقان ئىدى.

  كەچ سائەت 7 دە، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن كىم جۇڭئېن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى لى شۆجۇنىڭ ھەمراھلىقىدا زىياپەت زالىغا كىردى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

  قارشى ئېلىش زىياپىتى باشلاندى، شى جىنپىڭ بىلەن كىم جۇڭئېن زىياپەتتە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلدى.

  كىم جۇڭئېن مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىز چەكسىز خۇشال كەيپىياتتا، ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمان باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خانىمنى كۈتۈۋالىمىز. چاۋشيەن بىلەن جۇڭگو بىرلىكتە سوتسىيالىزم قۇرۇش جەريانىدا، بىر-بىرىگە ھەمدەم بولىدىغان، ئۆزئارا قوللايدىغان، ھەمكارلىشىدىغان ئېسىل ئەنئەنىنى ئاللىقاچان شەكىللەندۈردى. ئۆتكەن بىر يىلدا تۆت قېتىم ئۇچرىشىش ئارقىلىق، مەن يولداش باش شۇجى بىلەن سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇشنىڭ چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقىنى قوغداشنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردۈم. بۈگۈن باش شۇجى شى جىنپىڭ چاۋشيەننى زىيارەت قىلىپ، چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ يېڭى شانلىق سەھىپىسىنى ئاچتى. بايا مەن يولداش باش شۇجى بىلەن يېڭى دەۋردە چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇش ۋە زورايتىش، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو خەلقى سوتسىيالىزمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇساپىسىدە يېڭى، ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. چاۋشيەن ئىلگىرىكىدەكلا جۇڭگو بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئىلگىرىلەپ، چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدۇ.

  شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ 70 يىللىق تارىخىنى ئەسلىسەك، ئىككى تەرەپنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى جۇڭگو-چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى بەرپا قىلىپ، بىزگە ئورتاق قىممەتلىك بايلىق قالدۇردى. گەرچە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولغان بولسىمۇ، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دوستلۇقى ئۇزاقتىن بۇيان مۇستەھكەم بولماقتا. بايا كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئېن بىلەن مول نەتىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو- چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق پىلانلاپ، بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىز بىردەك مۇنداق دەپ قارايمىز: جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئەنئەنىۋى دوستلۇققا قەتئىي تەۋرەنمەي ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دەۋرنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق ئېچىشى كېرەك. بىز بىردەك مۇنداق دەپ قارايمىز، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، تىنچلىق سۆھبىتى بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ