ب د ت نىڭ دوكلاتىدا دۇنيا بويىچە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلەرنىڭ سانىدا رېكورت يارىتىلغانلىقى كۆرسىتىلدى

2019.06.21 16:10 مەنبە: خەلق تورى

  سۈرەتتە: 19-ئىيۇن، سۇرىيەنىڭ خومىس ئۆلكىسىدە، مۇساپىرلار لاگېرىدىن ئايرىلغان مۇساپىرلار ئىنسانپەرۋەرلىك يولىغا كەلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى 19-ئىيۇن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، دۇنيا بويىچە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەنلەرنىڭ سانى 70 مىليون 800 مىڭغا يېتىپ، 20 يىل ئىلگىرىكىدىن 20 ھەسسە ئېشىپ، 70 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان. «يەر شارى يۈزلىنىشى» ناملىق بۇ يىللىق دوكلاتتا، ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى، 2018-يىلى يەر شارى بويىچە يېڭىدىن 2 مىليون 300 مىڭ سەرگەردان كۆپەيدى، دېيىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ