مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يوقالغان كېچىك كېمىسى ئۆزگەرمىگەن كېچىك

2019.06.20 16:31 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ئۇدا نەچچە كۈن يامغۇر يېغىپ، دولقۇنلار شىددەت بىلەن مەۋج ئۇردى.

  كەنتنىڭ نامى يۈۋېڭبۇ بولۇپ، كەنت بېلىقچىلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقانلىقتىن داڭ چىقارغان. «ئۇزۇن سەپەردىكى بىرىنچى كېچىك» يۈدۇ دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنى بولغان لەنجياڭ دەرياسى كەنتنى كېسىپ ئۆتۈپ، كەنتنى جەنۇب، شىمال ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدۇ.

  «كەنت بېشىدا بىر كېچىك بولۇپ، ئۇ مەركىزىي قىزىل ئارمىيە دەريادىن ئۆتكەن سەككىز چوڭ ئاساسلىق كېچىكنىڭ بىرى.» ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگۈچى گو چىڭفا 71 ياشتا بولۇپ، بوۋىسىنىڭ ئىسمى گو جېڭتاڭ، 85 يىل ئىلگىرى يۈۋېڭبۇ كېچىكىدىكى كېمىچى ئىدى. 1934- يىلى 10- ئايدا، كېچىك بىلەن بوۋىسىنىڭ كېچىك كېمىسى بىر توپ ئالاھىدە «مېھمان»لارنى كۈتۈۋالغان، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ قىزىل 9- جۈنتۇەنى بۇ يەردە دەريادىن ئۆتۈپ ئۇزۇن سەپەرنى باشلىغان.

  «دەريا يۈزىنىڭ كەڭلىكى 90 نەچچە مېتىر بولۇپ، بىر قېتىم بېرىپ - كېلىشكە يېرىم سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ.» گو چىڭفامۇ كېچىكتە ئون نەچچە يىل كېمىچى بولۇپ، بازارغا بارىدىغان يۇرتداشلار، مەكتەپكە بارىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى دەريادىن ئۆتكۈزۈپ قوياتتى. 2005- يىلى، كېچىكتە يۈۋېڭبۇ چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، كېچىك كېمىسى تەدرىجىي يوقىغان، لېكىن كېچىكتىن سەپەرگە چىقىش ھېكايىلىرى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا تارقالغان.

  ئېغىزدىن - ئېغىزغا تارقالغان بايانلار خۇددى بىر رەسىم قەلىمىدەك، ئەينى يىللاردىكى دەريادىن ئۆتۈش كارتىنىسىنى ئورتاق سىزىپ چىقتى: يارىدارلار كېمىگە ئولتۇرۇپ دەريادىن ئۆتكەن، چوڭ قىسىم كېچىكنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى 200- 300 مېتىر كېلىدىغان جايدىن سۇ كېچىپ ئۆتكەن، دەريادىن ئۆتكەندىن كېيىن جەڭچىلەر لەمپە ئاستىدا دەم ئالغان، يۇرتداشلار قانچە تەكلىپ قىلسىمۇ ئۆيگە كىرمىگەن.

  «يارىسى ئېغىر بىر قىسىم جەڭچىلەرنى يۇرتداشلار ئېلىپ كېتىشتى.» 81 ياشلىق خۇاڭ دارۇڭنىڭ بايان قىلغىنى مومىسى چېن جاۋدىنىڭ ھېكايىسى ئىدى.

  كېچىككە ئانچە يىراق بولمىغان، 85 يىل ئىلگىرىكى تيەندۇڭ كەنتى خۇاڭۋۇ تەبىئىي كەنتىنىڭ ئىبادەتخانىسىدا، چېن جاۋدى يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە يارىلانغان قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ يارىسىغا دورا سۈرۈپ، ئۇلارغا تاماق ئاپىرىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالغان. 1935- يىلىنىڭ بېشىدا، دۈشمەن قوشۇنلىرى كەنتكە يېتىپ كېلىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى، يەنە جەڭچىلەرنى يېقىن جايدىكى تاغ ئۆڭكۈرىگە يوشۇرۇنچە يۆتكىگەن، ئۆلتۈرۈلۈش خەۋپىگە قارىماي ئىككى ئۈچ كۈندە بىر قېتىم تاغقا كىرىپ ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان.

  كېچىكتىن سەپەرگە چىقىش ھېكايىلىرىنى يەنە پارتىيە تارىخى تەتقىقاتچى خادىملىرى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا يەتكۈزدى.

  «... لەيلىمە كۆۋرۈك سالدۇق، بۇ خىزمەتكە مەن مەسئۇل بولغانىدىم، مېنىڭ بىر چوڭ ئوغلۇم قىزىل 3- جۈنتۇەندە ئىدى، ئۇ 1934- يىلى چۇڭياڭ بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنى يۈدۇ دەرياسىدىن ئۆتكەن...» مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە سارىيىنىڭ مۇئاۋىن ساراي باشلىقى جاڭ شياۋپىڭنىڭ خىزمەت ئۈستىلى ئۇزۇن سەپەرگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك كىتابلارغا تولغان بولۇپ، دادىسى جاڭ دېمېي يازغان 30 نەچچە خاتىرە دەپتەر رەتلىك دەستىلەنگەنىدى، ئارىسىدا قىزىل قاتتىق تاشلىق، كۆك يۇمشاق تاشلىق خاتىرە دەپتەرلەر بار بولۇپ، بەزىلىرى بىۋاسىتە ماقالە قەغىزى ئىدى.

  20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى، يۈدۇ ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىدا كاتىپلىق قىلغان جاڭ دېمېي ئىنقىلابىي تارىخ خاتىرە سارىيى (ئىلگىرىكى مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش خاتىرە سارىيى)نى قۇرۇشقا ئاجرىتىلغان، شۇ چاغدىكى تارىخ تەرىپىدىن چوڭقۇر جەلپ قىلىنغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك زىيارەت ۋە خاتىرىلەر ئىچىگە باشچىلاپ كىرىپ كەتكەن. جياڭجۈندىن سوۋېت رايونىنىڭ پېشقەدەم كادىرىغىچە، يۈدۇ دالىلىرىدىن غەربىي شىمال چېگراسىغىچە، شۇنىڭدىن كېيىنكى يېقىنقى 20 يىلدا، جاڭ دېمېي جۇڭگونىڭ يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئۇزۇن سەپەرگە مۇناسىۋەتلىك 200 نەچچە ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگۈچىنى زىيارەت قىلغان.

  «قىزىل بايراقنى ئەۋلادتىن - ئەۋلادقىچە جەۋلان قىلدۇرۇشتىكى ئاچقۇچ ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتە.» ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلغان جاڭ شياۋپىڭ «ئۇزۇن سەپەردىكى بىرىنچى كېچىك» ھەققىدىكى 30دىن ئارتۇق خاتىرىنى ساقلىغان، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياشلارغا يېقىنلىشىپ، خاتىرە سارىيىدىكى «قىزىل ئارمىيە چىغ چورۇق كىيىپ 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنى تاماملاپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى كۈتۈۋالدى» دېگەن ئىدىيەگە ۋارىسلىق قىلدى، چىغ چورۇق بىلەن تىزىپ چىقىلغان بىر پارچە جۇڭگو خەرىتىسى مەنبەنى ئىزدەۋاتقان ساياھەتچىلەر جەزمەن سۈرەتكە تارتىدىغان «توردا داڭق چىقارغان» چوقۇم كۆرۈپ ئۆتىدىغان بەلگىگە ئايلاندى.

  يۈدۇ دەرياسى تالاي يىللار ئاقتى، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئىلگىرىكى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگۈچىلەر بىر - بىرلەپ ئالەمدىن ئۆتتى، دەل بۇ ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا تارقالغان بايانلاردىن 85 يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ ئۇلۇغ يۆتكىلىشنىڭ سەپەرگە چىقىش خاتىرىسى قۇراشتۇرۇلۇپ، تارىخنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ خاتىرىسىنىڭ چوڭقۇر يېرىگە ئورناپ كەتكەن سەپەرگە ئاتلىنىش ۋە خوشلىشىشنى خاتىرىلىدى، بۇ، كىشىلەرنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، مەنبە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىلگىرىكى جاپا - مۇشەققەت ۋە شەرەپنى ياد ئېتىشىنىڭ ئىزناسىغا ئايلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ