شى جىنپىڭ چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن بېيجىڭدىن ئايرىلدى

شى جىنپىڭ پيۇڭياڭغا يېتىپ بارغاندا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى

2019.06.21 19:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇن پيۇڭياڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئىيۇن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن پيۇڭياڭغا يېتىپ بېرىپ، چاۋشيەن دېموكراتتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شۇ جاي ۋاقتى سائەت 12 دە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان پيۇڭياڭ شۈنئەن ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ باردى. يامغۇردىن كېيىن پيۇڭياڭنىڭ ھاۋاسى ئوچۇق، ئىللىق، ھەممە يەر بۈك-باراقسان، رەڭگارەڭ بولۇپ، پۈتكۈل شەھەر دوستانە، قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەنىدى. ئايرودۇرۇمدا جۇڭگو-چاۋشيەن ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايراقلىرى لەپىلدەپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى يولداش شى جىنپىڭنى قىزغىن قارشى ئالىمىز»، «ئىسسىق قان بىلەن پۈتكەن جۇڭگو-چاۋشيەن خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەھكەم دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق ياشىسۇن» دەپ يېزىلغان چوڭ پىلاكاتلار ئېسىلغان ئىدى، 10 مىڭغا يېقىن ئامما رەتلىك سەپ بولۇپ تىزىلىپ، گۈللەرنى پۇلاڭلىتىپ، تەبەسسۇم بىلەن ئەزىز جۇڭگولۇق مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئېن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى لى شۆجۇ ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى. چاۋشيەن ئاممىسىنىڭ دولقۇندەك ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بۆلۈمچىدىن چىقتى، كىم جوڭئېن ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى لى شۆجۇ ئايروپىلان شوتىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشۈپ، كىم جوڭئېن بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە ھال سوراشتى. چاۋشيەنلىك ئۆسمۈرلەر شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەنگە گۈل تەقدىم قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ قارشى ئېلىشقا كەلگەن چاۋشيەننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئېھتىرام بىلدۈردى.

  چاۋشيەن تەرەپ ئايرودرومدا تەنتەنىلىك قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. 21 پاي ھۆرمەت توپى ساداسى ئىچىدە، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دۆلەت گىمنىنى ئورۇنلىدى، شى جىنپىڭ كىم جوڭئېننىڭ ھەمراھلىقىدا چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە سەپ تۈزۈش ئويۇنىنى كۆردى.

  دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلارمۇ شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.

  جۇڭگونىڭ چاۋشيەندە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لى جىنجۈنمۇ ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.

  چاۋشيەننىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن پياۋ فېڭجۇ، لى يۇڭخاۋ، لى ۋەنجيەن، لى جۇيۇڭ، سۈي خۇي، جىن يىڭجې، جىن شيۇجى، لى يۇڭجى، نۇ گۇاڭتيې، لى لۇڭنەن، جىن يۇجېڭ قاتارلىقلار ئايرودۇرۇمدا ئۆتكۈزۈلگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، 21 مېھمان كۈتۈش موتوسىكلىتىنىڭ قوغدىشى بىلەن، شى جىنپىڭ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ جىنشيۇشەن ئالىي مېھمانسارىيىغا باردى. نەچچە يۈز مىڭ ئامما جۇڭگو-چاۋشيەن دۆلەت بايرىقى ۋە رەڭگارەڭ گۈللەرنى پۇلاڭلىتىپ، «جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقى ياشىسۇن» دېگەن شوئارلارنى توۋلاپ، يولدا قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ لىمىڭ كوچىسى ئېغىزىغا يېتىپ بېرىپ، ئۈستى ئوچۇق ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، كىم جوڭئېن بىلەن بىللە جىنشيۇشەن قۇياش سارىيى مەيدانىغا باردى. كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ، مىسلىسىز دەبدەبىلىك ئىدى. كۈتۈۋالغىلى كەلگەن ئامما ئېگىز جايلاردا تۇرۇپ، بىنالارنىڭ دېرىزە تەكچىلىرىدىن باش چىقىرىپ، جۇڭگولۇق ئەزىز مېھمانلارغا تەنتەنە قىلىپ، ئېھتىرام بىلدۈرۈشتى. ھەممىلا يەر خۇش چىرايلارغا ۋە قىزغىن كۈلكە ئاۋازىغا تولغان. شى جىنپىڭ بىلەن كىم جوڭئېن قارشى ئېلىشقا چىققان كىشىلەرگە قول پۇلاڭلىتىپ، ئېھتىرام بىلدۈردى.

  ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا، جىنشيۇشەن قۇياش سارىيى مەيدانى ئادەتتىن تاشقىرى ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى، كىم ئېرسىن، كىم جۇڭئېلنىڭ غايەت زور رەسىملىرى قاتار-قاتار ئېسىغلىق تۇراتتى، چوڭ تىپتىكى گۈللۈكلەر مەيداننىڭ ئوتتۇرىسىغا يېيىلىپ، خۇش پۇراق چېچىپ، يېشىللىققا پۈركەنگەنىدى. قارشى ئالغۇچىلار بايراملىق كىيىملىرىنى كىيىپ، رەتلىك تىزىلغان ئىدى. شى جىنپىڭ يېتىپ بارغاندا، نەچچە ئون مىڭ رەڭلىك شار ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن كىم جوڭئېن ۋە لى شۆجۇنىڭ ھەمراھلىقىدا بۇ يەردە چاۋشيەن پارتىيە-ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە پيۇڭياڭ شەھەر ئاھالىلىرى ۋەكىللىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلار بىلەن بىرمۇ بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى. بۇ، چەت ئەل رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم جىنشيۇشەن قۇياش سارىيى مەيدانىدا ئېھتىرام بىلەن كۈتۈۋېلىنىشى بولۇپ، ساھىبخاننىڭ قىزغىنلىقى ۋە ھۆرمىتىنى تولۇق نامايان قىلغان ئىدى. چاۋشيەننىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن سۈي لۇڭخەي، جىن سەيلۇڭ، پياۋ گۇاڭخاۋ، جىن پىڭخەي، ۋۇ شۇيۇڭ، پياۋ تەيچېڭ، تەي خېڭچې، سۈي فۇرى، جېڭ جىڭزې، جىن دېشۈن، لى جۇۋۇ، دۇڭ جېڭخاۋ، جىن نېڭجىن قاتارلىقلار ھۆرمەت بىلدۈرۈش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ