مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«بۇ قىش ئانچە سوغۇق ئەمەس» شىنجاڭدا قويۇلۇپ، مەستانىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى

2019.06.17 16:50 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  مۇخبىرىمىز ليۇ مېڭمېڭ خەۋىرى: 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، «بۇ قىش ئانچە سوغۇق ئەمەس» فىلىمى شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم قويۇلدى. ئۈرۈمچى خېپىڭ دۇخۇي كىنوخانىسىدا، مۇخبىر نەچچە ئون تاماشىبىن بىلەن بىرگە بۇ فىلىمنى كۆردى. شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى تېما قىلىنغان بۇ فىلىم كىنو مەستانىلىرىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى.

  كىنو مەستانىسى لى لىخۇا تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «قۇملۇقنى كېسىپ ئۆتۈپ خوتەننى ئازاد قىلغان ھەمدە چېگرانى چىڭ ساقلىغان خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، بوز يەر ئېچىشقا ئائىت بىر قاتار ھېكايىلىرى كىشىنى بەكمۇ تەسىرلەندۈرىدىكەن، ئۇلارنىڭ سادىقلىق بىلەن چىڭ تۇرۇپ، خالىس تۆھپە قوشۇش روھى ۋە پەزىلىتىگە ئالقىش ياڭرىتىمىز». بۇ كىنوخانىنىڭ دىرېكتورى جىن شيانىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، «بۇ قىش ئانچە سوغۇق ئەمەس» فىلىمى قويۇلغاندىن بۇيان، تاماشىبىنلار بىلەن تولۇش نىسبىتى %60تىن ئاشقان بولۇپ، كىنوخانا كىنونىڭ كۆرۈلۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن قويۇلۇش قېتىم سانىنى كۆپەيتكەن.

  فىلىمدە 1949-يىلى قىش پەسلىدە، ئەسلىدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1-دالا ئارمىيەسىنىڭ 1-بىڭتۇەن 2-جۈن 5-شى 15-تۇەنىنىڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنى پىيادە كېسىپ ئۆتۈپ خوتەننى ئازاد قىلغانلىقى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان. فىلىمدە باش پېرسۇناژلارنىڭ مۇھەببەتلىشىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش، ساقلاش، تاكى يېرىم ئەسىر ئۆتكەندە قايتا كۆرۈشۈشتەك تەسىرلىك ھېكايىسى سۆزلەنگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ