مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلىتىمىز شەخسىي ئىش بىلەن ئىلتىماس قىلىنغان ئادەتتىكى پاسپورت قاتارلىقلارنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ

2019.06.21 16:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 20-ئىيۇن مۇنداق دېدى: 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، شەخسىي ئىش سەۋەبىدىن بىجىرىلىدىغان ئادەتتىكى پاسپورتنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى 160 يۈەندىن 120 يۈەنگە چۈشۈرۈلىدۇ، شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا بېرىش-كېلىش يول خېتىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى 80 يۈەندىن 60 يۈەنگە تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ھەقنى تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، سىمسىز تېلېگراف چاستوتىسىنى ئىگىلەش ھەققى، چېگرادىن كىرىش- چىقىش كىنىشكىسى تۈرىدىكىلەرنىڭ ھەققى، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققى قاتارلىق قىسمەن مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش قارار قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىشنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققى ئېلىش ئۆلچىمى 1000 يۈەندىن 500 يۈەنگە چۈشۈرۈلدى؛ ئۆزگەرتىش ھەققى ئۆلچىمى 250 يۈەندىن 150 يۈەنگە چۈشۈرۈلدى. توردا ئىلتىماس قىلغان ھەمدە ئېلېكتىرونلۇق ھۆججەت تارقاتقان تاۋار ماركىسى كەسپىدىن ئۆزگەرتىش ھەققى ئېلىنمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ