باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2018-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات(2)

2019.06.19 15:43        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  

  2. 2019-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوت لايىھەسى


  2019-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، بىرىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق يىلى، خامچوت تۈزۈش خىزمىتى ۋە مالىيە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. مەركەز ئىقتىسادىي خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن، 2019-يىللىق خامچوت لايىھەسىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ، مالىيە كىرىمى، چىقىمى، يۆتكىمە چىقىم، قىزىل رەقەم ۋە قەرز كۆلىمى قاتارلىقلارنى ئىلمىي تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

  

  (1) 2019-يىللىق مالىيە كىرىم-چىقىم ۋەزىيىتى توغرىسىدا تەھلىل.


  نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ھېلىھەم مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە بۇ مەزگىلدە تۇرىدۇ، تەرەققىياتىمىز تولۇق ئېلاستىكىلىق، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچ ۋە ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇپ تۇرغان يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىگە ئىگە، ئىقتىسادنىڭ ئۇزاق مەزگىل ياخشىلىنىپ بارىدىغان يۈزلىنىشى ئۆزگەرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات دۇچ كەلگەن خەلقئارا مۇھىت ۋە ئىچكى شارائىتتا چوڭقۇر ھەم مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ۋە مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلار تېخىمۇ كۆپىيىۋاتىدۇ، تېخىمۇ زورىيىۋاتىدۇ، ئىقتىسادىي ھەرىكەت مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ئۆزگىرىش ئىچىدە ئەنسىزلىك پەيدا بولۇۋاتىدۇ. تاشقى مۇھىت مۇرەككەپ ھەم جىددىي بولۇۋاتىدۇ، سودا قورۇقچىلىقى ۋە تاق تەرەپچىلىك كۈچىيىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتى ئاجىزلاۋاتىدۇ، تۇراقسىز، ئېنىقسىز ئامىللار كۆپىيىپ قالدى. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق قۇرۇلمىلىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر تاشقى مۇھىتنىڭ زەربىسى ئاستىدا روشەنلىشىشكە باشلىدى، ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى ئاستىلاپ قالدى، ئەمەلىي ئىقتىسادتىكى قىيىنچىلىق كۆپىيىۋاتىدۇ، بازار ئىشەنچى ۋە كۆزلىمىسى تەسىرگە ئۇچرىدى، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا بەزى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغا ئۇچراشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. مالىيە كىرىم ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنىڭ تەسىرى، باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىشنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە يولغا قويغانلىقىمىز، ھەم ئالدىنقى يىلدا باجنى كېمەيتىدىغان-ھەقنى ئازايتىدىغان قىسمەن سىياسەتنى يولغا قويۇش سەۋەبىدىن كىرىم كېمىيىپ كېتىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، 2019-يىللىق مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىشى مۇمكىن. مالىيە چىقىم ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ مالىيە مەبلىغىگە بولغان ئېھتىياجى ناھايىتى چوڭ بولۇۋاتىدۇ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ھالقىلىق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە دائىر بىرقانچە قۇرۇلۇشنى باشلاش، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى سېلىنما سالمىقىنى ئاشۇرۇش، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسىگە مەدەت بېرىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ مالىيە كاپالەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا مەدەت بېرىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ تەھلىل قىلغاندا، 2019-يىللىق مالىيە كىرىم ۋەزىيىتى خېلى كەسكىن، كىرىم-چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش بېسىمى خېلىلا گەۋدىلىك، بىز چوقۇم تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، كۈلپەت ئېڭىمىزنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش بىلەن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، سىياسەتنى ۋە مەبلەغنى بىرتۇتاش غەملەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ۋە نۇقتىلىق چىقىمغا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى ساقلايمىز.

   (2) 2019-يىللىق خامچوتنى تۈزۈش ۋە مالىيە خىزمىتىگە قويۇلىدىغان ئومۇمىي تەلەپ.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، 2019-يىلى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنى مۇۋاپىق دائىرىدە يۈرۈشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى، پۇل مۇئامىلىنى، تاشقى سودىنى، چەت ئەل مەبلىغىنى، سېلىنمىنى، كۆزلەنمىنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. خامچوت تۈزۈش ۋە مالىيە خىزمىتىگە قويۇلغان ئومۇمىي تەلەپ مۇنداق بولىدۇ: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدە قىلىش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش باش رىتىمىدا، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىدە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا، بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئۈچ چوڭ جەڭنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈچەپ ئۇرغۇتۇپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشتە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش. ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىشنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇپ، قوشۇلما قىممەت بېجى قاتارلىق باجلارنىڭ نىسبىتىنى ئەمەلىي تۆۋەنلىتىش؛ مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاپ، غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئادەتتىكى چىقىمنى قاتتىق تىزگىنلەپ، نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ئۈنۈملۈك يەڭگىللىتىش؛ زامانىۋى مالىيە تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىپ، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى ئېنىق ئايرىلغان، مالىيە كۈچى ماسلاشقان، رايونلار تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغان مالىيە مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش؛ خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنىڭ ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن جەريانلىق، تولۇق قاپلانغان سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش؛ يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومىنىڭ كۆلىمىنى بىر قەدەر چوڭ دائىرىدە ئاشۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ پائال ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى پەسەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىغا ۋە ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنى تاماملاشقا ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن تەبرىكلەش.

  يۇقىرىقى تەلەپ بويىچە، تۆۋەندىكى 5 تەرەپنى ياخشى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بېرىمىز: بىرىنچى، باج كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. باجنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە كېمەيتىپ ۋە ھەقنى تېخىمۇ روشەن ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باج كېمەيتىش بىلەن قۇرۇلمىلىق باج كېمەيتىشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ياسىمىچىلىق ۋە كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ باج يۈكىنى نۇقتىلىق يەڭگىللىتىپ، تۈزۈم خاراكتېرلىك سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلايمىز. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، ھازىرقى ھەق يىغىش-تاپشۇرۇش ئۇسۇلىنى مۇقىملاشتۇرىمىز. ئىككىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەر سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنىڭ دەللىكىنى ئاشۇرىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مالىيە چىقىمىنىڭ ئاممىۋى خاراكتېرى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، چىقىم قۇرۇلمىسىنى داۋاملىق تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، مالىيە سېلىنمىسىنىڭ دەللىكىنى كۈچەيتىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە سېلىنمىنى نۇقتىلىق كۆپەيتىپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەپ مەدەت بېرىمىز. ئۈچىنچى، غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ئادەتتىكى چىقىمنى قاتتىق تىزگىنلەيمىز. كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر باشلامچىلىق بىلەن غورىگىل تۇرمۇش كەچۈرۈپ، ئادەتتىكى چىقىمنى كۈچەپ ئازايتىپ، ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى خامچوتىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، تۆۋەن ئۈنۈملۈك، ئۈنۈمسىز چىقىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇزۇن مەزگىللىك تىنما مەبلەغنى ئېنىقلاپ قايتۇرۇۋالىمىز. مەركەز مالىيەسى باشلامچىلىق بىلەن تارماقلار چىقىمىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، ئادەتتىكى چىقىمنى %5تىن تۆۋەن بولمىغان دائىرىدە ئازايتىدۇ، ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتىنى يەنە %3 ئەتراپىدا ئازايتىدۇ. يەرلىك مالىيەلەرمۇ مەركەزنىڭ خىزمەت ئۇسۇلىغا ئاساسەن، مەمۇرىي-كەسپىي ئورۇنلارنىڭ چىقىمىنى قاتتىق كونترول قىلىشى لازىم. تۆتىنچى، مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى مالىيە تۈزۈمىنى تېز بەرپا قىلىمىز. مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق بولۇش ۋە جايلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغىتىش تەلىپى بويىچە، سىستېما توپلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مالىيە تۈزۈلمىسى، خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمى، باج تۈزۈمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىمىز. بەشىنچى، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قائىدىلىك قەرز ئېلىش ئالدى ئىشىكىنى چوڭ ئېچىۋېتىپ، قانۇنغا، قائىدىگە خىلاپ قەرز ئېلىش ئارقا ئىشىكىنى چىڭ تاقىۋېتىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرز ئېلىش-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ، يوشۇرۇن قەرزنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىپ، يوشۇرۇن قەرزنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى قەتئىي توسۇپ، ئارقا ئىشىكنى تېخىمۇ چىڭ تاقاپ، ئالدى ئىشىكنى تېخىمۇ چوڭ ئاچىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىش كۆلىمىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتىپ، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چوڭ-چوڭ قۇرۇلۇشلارغا ۋە كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا مەدەت بېرىپ، مەخسۇس زايومنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سۈرۈش، يوشۇرۇن قەرز خەۋپ-خەتىرىنى تۈگىتىش قاتارلىق بىر ئىشتىن كۆپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتەك سىياسەت ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

  (3) 2019-يىللىق مالىيە سىياسىتى.


  2019-يىلى ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىدە ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچەپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشنىڭ رولىنى ئوبدان جارى قىلدۇرۇپ، تەڭشەش-تىزگىنلەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكى، قاراتمىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىنى ئاشۇرۇپ، سىياسەتلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.

  «كۈچەش»نى باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىشنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇش ۋە چىقىم سالمىقىنى ئاشۇرۇشتا گەۋدىلەندۈرىمىز. باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش جەھەتتە: قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان %16لىك باج نىسبىتىنى %13كە، قاتناش-تىرانسىپورت، بىناكارلىق قاتارلىق ساھەلەردە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان %10لىك باج نىسبىتىنى %9كە چۈشۈرۈپ، ئاساسلىق ساھەلەرنىڭ باج يۈكىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يېنىكلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز؛ %6لىك بىر دەرىجىلىك باج نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەيمىز، لېكىن ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش خاراكتېرلىك مۇلازىمەت كەسپىدە باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش قاتارلىق يانداش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەممە ساھەدە باج يۈكىنى ئېغىرلاتماي يېنىكلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىمىز، باج نىسبىتىنى 3 دەرىجىدىن 2 دەرىجىگە ئىخچاملاش، باج تۈزۈمىنى ئاددىيلاشتۇرۇش يۆنىلىشىگە قاراپ داۋاملىق قەدەم تاشلايمىز. يىل بېشىدا ئوتتۇرىغا قويغان كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ بېجىنى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كېمەيتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتىمىز. تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، 6 تۈرلۈك مەخسۇس قوشۇمچە خىراجەتنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىش سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى يۈكىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يېنىكلىتىمىز، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شەھەر-بازارلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ھەققىنىڭ ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىمىز، جايلار تۆۋەنلىتىپ %16كە چۈشۈرسىمۇ بولىدۇ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ۋە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ، بولۇپمۇ كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى تاپشۇرۇش يۈكىنى چوقۇم ماھىيەتلىك يېنىكلىتىمىز. مەمۇرىي-كەسپىي ھەقلەرنى داۋاملىق ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇرىمىز. باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئومۇملاشتۇرغاندا، پۈتۈن بىر يىلدا كارخانىلارنىڭ باج ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى يۈكىنى ئاز كەم 2 تىرىليون يۈەن يېنىكلىتىمىز. مەركەز مالىيەسى كەڭ كۆلەمدە باج كېمەيتىش-ھەق ئازايتىشقا يار يۆلەك بولۇش ئۈچۈن، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرىغا تاپشۇرىدىغان پايدىسىنى كۆپەيتىدۇ، يەرلىك مالىيەلەرمۇ يوشۇرۇن كۈچنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قېزىپ، تۈرلۈك مەبلەغ ۋە مۈلۈكنى كۆپ خىل يوللار بىلەن جانلاندۇرىدۇ. چىقىم سالمىقىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە: مالىيە چىقىمى كۆلىمىنى ئىزچىل زورايتىپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 2 تىرىليون 760 مىليارد يۈەنلىك مالىيە قىزىل رەقىمى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 2018-يىلدىكىدىن 380 مىليارد يۈەن ئاشۇرۇپ، قىزىل رەقەم نىسبىتىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ %2.6تىن %2.8كە پىرسەنتكە يەتكۈزىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 2 تىرىليون 150 مىليارد يۈەنلىك يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس زايومى ئورۇنلاشتۇرۇپ، 2018-يىلدىكىدىن 800 مىليارد يۈەن ئاشۇرىمىز. بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ چىقىم ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇلغان، ئۇنىڭدا مالىيە سىياسىتىنىڭ ئاكتىپ كۈچىدىن سىگنال بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ كارخانا كۆزلىمىسىنى تېخىمۇ ياخشى يېتەكلەش ۋە بازار ئىشەنچىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، بۇنىڭدىن كېيىن كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇشقا سىياسەت ئىمكانىيىتى قالدۇرۇشنىمۇ كۆزدە تۇتقان. «ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش»نى مالىيە مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتە گەۋدىلەندۈرىمىز. مەبلەغنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە: چىقىم قۇرۇلمىسىنى كۈچەپ تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، بەزىلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش، بەزىلىرىنى قىسىشتا چىڭ تۇرۇپ، كاپالەتلىك قىلىشقا تېگىشلىك چىقىملارغا كاپالەتلىك قىلىپ، كېمەيتىشكە تېگىشلىك چىقىملارنى كېمەيتىپ، ساقلانما مالىيە مەبلىغىنى ئىزچىل جانلاندۇرۇپ، مەبلەغنى بىرتۇتاش غەملەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە يار-يۆلەك بولۇش ئىقتىدارىنى دەل جايىدا ئاشۇرۇشقا قارىتىمىز. مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە: خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى خامچوتنى تۈزۈش-ئىجرا قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، خامچوتنىڭ ئۈنۈمىنى ياخشى نازارەت قىلىپ، خاتالىقلارنى ۋاقتىدا تۈزىتىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ رولىنى بالدۇر جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بېرىشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولىمىز.

  2019-يىللىق ئاساسلىق كىرىم-چىقىم سىياسىتى:

  1. تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۈچەپ قوللايمىز.


  تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا ئېغىشماي چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىسلاھات چارىلىرىنى قوللىنىپ، تېخىمۇ كۆپ بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان ۋاسىتىلەرنى ئىشقا سېلىپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش»قا كۈچ چىقىرىمىز. «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيمىز. بۆسۈش، تۇرغۇزۇش، تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سانائەت كارخانلىرى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش مەخسۇس مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، «مۇردا كارخانىلار»نى داۋاملىق بىر تەرەپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇق ساھەلەرنى تۈگىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز. كارخانىلاردا تۈزۈم ئۆزگەرتىش-قايتا تەشكىللەش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى باج ئېتىبار سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ياخشىلىرى تاللىنىپ، ناچارلىرى شاللىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي فۇنكسىيەسىنى ئايرىۋېتىش ۋە تارىختىن قېپ قالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا داۋاملىق مەدەت بېرىمىز.

  مىكرو سۇبيېكتلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىمىز. كارخانا تاپاۋەت بېجى ئېتىبارىدىن بەھرىلىنىدىغان كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ ئۆلچىمىنى زور ھەجىمدە كەڭ قويۇۋېتىپ ۋە تاپاۋەت بېجى ئېتىبارىدىن بەھرىلىنىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچىلاردىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىش چېكىنىڭ ئايلىق سېتىش سوممىسىنى 30 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، جايلارنىڭ بايلىق بېجى، شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى، ئۆي-جاي بېجى، شەھەر-بازار يەرلىرىنى ئىشلىتىش بېجى، ماركا بېجى (ئاكسىيە سودىسى ماركا بېجىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، تېرىلغۇ يەرلەرنى ئىگىلەش بېجى ۋە مائارىپ خىراجىتى قوشۇمچىسى، يەرلىك مائارىپ خىراجىتى قوشۇمچىسىنى %50لىك باج ھەجىمى ئىچىدە ئازايتىپ يىغىشىغا يول قويۇپ، مەبلەغ سېلىپ پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنى قۇرغانلارنىڭ باج ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىمىز.

  كەسىپ زەنجىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. خەۋپ-خەتەر تولۇقلىمىسى، كېيىن ياردەم پۇل بېرىش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، كارخانىلارنى پەن-تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇش، كەسىپلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. بىر تۈركۈم ئەمەلىي ئىقتىساد تەرەققىيات رايونلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ۋاسىتىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىگە داۋاملىق مەدەت بېرىمىز. دۆلەت ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلىرى تەرەققىيات فوندى، گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر بويىچە ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەش فوندىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجادچان كارخانىلاردىن قۇرۇلۇۋاتقان مەزگىلدە، ئوتتۇرا مەزگىلدە تۇرۇۋاتقانلىرىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرىمىز. ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سالغۇچىلارغا قارىتىلغان شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئېتىبار سىياسىتىنى ئوبدان ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋەلىكتىكى كارخانىلارنىڭ تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش تاپاۋىتىدىن ئېلىنىدىغان كارخانا تاپاۋەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش نورمىسى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىمىز.

  خەلق ئىگىلىكىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرىمىز. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈپ ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، تولۇقلىما ئورنىدا مۇكاپات بېرىش، باجدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق شەكىللەردىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى پۇقراۋى كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىمىز. دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك فوندىنى ئىشقا سېلىشنى تېزلىتىپ، كېپىللىك سوممىسى 5 مىليون يۈەندىن 10 مىليون يۈنگىچە بولغانلىرىغا قارىتا، 5 مىليون يۈەندىن تۆۋەن سومما بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن ھەق ئېلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىلگىرىكى زىممىسىگە ئېلىشقا تېگىشلىك %0.5تىن ئاشمايدىغان خەتەر مەسئۇلىيىتى نىسبىتىنى %0.3كە چۈشۈرۈپ، ھەمكارلاشقۇچى ئاپپاراتلارنى ئوتتۇرىچە كېپىللىك ھەققى نىسبىتىنى %1تىن تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشكە يېتەكلەيمىز. 30 شەھەردە پۇقراۋى كارخانىلار ۋە كىچىك-مىكرو كارخانىلارغا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا مەدەت بېرىپ، نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شەھەرلەرنى كارخانىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە يېتەكلەيمىز. كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ كېپىللىك ھەققى نىسبىتىنى %2تىن ئاشۇرۇۋەتمىگەن ئۆلكىلەرگە مۇكاپات-تولۇقلىما بېرىمىز. پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

   2. ئۈچ چوڭ جەڭنى ئوبدان قىلىشقا داۋاملىق مەدەت بېرىمىز.

  مالىيە، پۇل مۇئامىلە خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى پەسەيتىمىز. يېتەكلەش بىلەن توسۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنى تىزگىنلەيمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز نورمىسىنى يېڭىدىن 3 تىرىليون 80 مىليارد يۈەن كۆپەيتىمىز، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىكى قەرز 930 مىليارد يۈەن، مەخسۇس قەرز 2 تىرىليون 150 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشىنى مەبلەغ كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز، شۇنداقلا يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە ئۇنى پەسەيتىشكە تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىنى داۋاملىق تارقىتىپ، ئۇنى سىياسەت-بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قەرزلەرگە ئالماشتۇرۇپ، ساقلانما قەرزنى ئالماشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداپ بولىمىز. يوشۇرۇن قەرز ساقلانمىسىنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىپ، خەۋپ-خەتىرى يۇقىرى شەھەر-ناھىيەلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرز كۆلىمىنى تېزراق ئازايتىپ، قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىمىز. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپا شىركەتلىرىنى كېڭىشىپ بازارلاشقان ئۇسۇللارنى قوللىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، قەرەلى مۇۋاپىق بولغان پۇل مۇئامىلە قوراللىرى ئارقىلىق قەرەلى توشقان ساقلانما يوشۇرۇن قەرز خەۋپ-خەتىرىگە تاقابىل تۇرۇپ، تۈر مەبلىغى زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ كېتىشىدىن ساقلىنىمىز. مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى شىركەتلىرىنى بازارلاشتۇرۇش يولى بىلەن تىپىنى ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولىمىز. يوشۇرۇن قەرز مىقدارىنىڭ كۆپىيىپ بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، خەۋپ-خەتەرنى كۆزىتىپ تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قەرز ئېلىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىلمىشلىرىنى بايقىغان ھامان ئۇدۇللۇق مەسئۇلىيەت سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇدۇللۇق ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، جاۋابكارلىقنى ئۆمۈر بويى سۈرۈشتۈرىمىز، جاۋابكارلىقنى ياندۇرۇپ تەكشۈرىمىز. مەخسۇس زايومنى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نورما كۆلىمىنى ئومۇمىي سومما بويىچە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقىدار ھۆكۈمەت فوند خامچوتىنى ئالدى بىلەن قەرەلى توشقان مەخسۇس زايومنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇشقا ئىشلىتىپ، مەخسۇس زايومنى تۈر مۈلكى ۋە ئۇنىڭ پايدىسى بىلەن قەتئىي ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، قەرز قايتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەخسۇس زايومدا ھېچقانداق خەۋپ-خەتەر كۆرۈلمەسلىككە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى زور كۈچ بىلەن قوللايمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى نىشانىدا ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مالىيە سېلىنمىسى كاپالىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېغىر نامرات رايونلار ۋە ئالاھىدە نامراتلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. مەركەز مالىيەسىدىن 126 مىليارد 95 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، %18.9 ئاشۇرىمىز، كۆپەيمە مەبلەغنى ئاساسەن ئېغىر نامرات رايونلارغا ئىشلىتىمىز. باشقا ئالاقىدار يۆتكىمە چىقىم ۋە قەرز نورمىسىنى تەقسىم قىلىشتىمۇ داۋاملىق نامرات رايونلارغا بولۇپمۇ ئېغىر نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرىمىز. «ئىككىدىن خالاس قىلىش، ئۈچتە كاپالەتلەندۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشتا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئوبدان ھەل قىلىشقا نۇقتىلىق مەدەت بېرىپ، نامراتلارنى كەسىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ساغلاملىق، ئىجتىمائىي كاپالەت، مەدەنىيەت قاتارلىقلار ئارقىلىق يۆلەشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، نامرات رايونلار، نامرات ئاممىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلىغىنى بىرلەشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلكە ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى دەل جايىغا تارقىتىش، دەل جايىغا ئىشلىتىشكە تۈرتكە بولىمىز. مالىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ھەرىكەتچان نازارەت قىلىش تىزگىنلەش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مالىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك ۋە تۈرلۈك نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ھەر ۋاقىت ھەرىكەتچان نازارەت قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش تۈر مەبلىغىنى پۈتۈن جەريان بويىچە نەتىجىلىك باشقۇرىمىز. ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى تەقسىم قىلىش نەتىجىسىنى بىردەك ئاشكارىلايمىز، يېزا، كەنت ئىككى دەرىجىلىك نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى بىردەك ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا ئېلان قىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ئىگىلەپ ئىشلىتىۋېلىشتىن قەتئىي ساقلىنىمىز. نامراتلىق قالپىقى ئېلىۋېتىلگەن ناھىيەلەر ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىلەرنى يۆلەش سىياسەتلىرىنى بىر مەزگىل ساقلاپ قېلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيمىز.

   بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە پائال مەدەت بېرىمىز. مەۋقەنى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك يەتتە جەڭدە غەلىبە قىلىشقا قويۇپ، بۇنىڭغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنى بارلىق خىزمەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئورنىغا قويۇپ، مەركەز مالىيەسىدىن ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە 25 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، %25 ئاشۇرىمىز. شىمال رايونلىرىنىڭ قىشتا پاكىز ئىسسىنىشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە داۋاملىق مەدەت بېرىمىز. شەھەرلەردىكى قارا-سېسىق سۇلارنى يوقىتىشنى سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشكە 30 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، %45.3 ئاشۇرىمىز. تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەرىكىتى پىلانىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا مەدەت بېرىپ، تۇپراق بۇلغىنىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈش، بۇلغىنىپ كەتكەن تۇپراقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش-تۈزەش قاتارلىقلارنى كۈچەيتىپ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشكە 5 مىليارد يۈەن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇپ، %42.9 ئاشۇرىمىز. چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى ئېكولوگىيەسىنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈش بويىچە مۇكاپاتلاش سىياسىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلەرنىڭ ئۆلكىلەر ئارا ۋە ئۆلكە ئىچىدە توغرا لىنىيەلىك ئېكولوگىيەنى قوغداش تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنىڭ تېزدىن ئورنىتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەت زېمىنىنى كەڭ كۆلەمدە كۆكەرتىش ھەرىكىتىگە مەدەت بېرىپ، تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا ۋە ئوتلاققا قايتۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئورمان بايلىقىنى يېتىلدۈرۈش ۋە باشقۇرۇش-قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، قۇملىشىپ كەتكەن يەرلەرنى دائىرىلەپ قوغداشنى قانات يايدۇرىمىز. يايلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش بويىچە تولۇقلىما بېرىش-مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، نۇقتىلىق ئېكولوگىيە فۇنكسىيەلىك رايونلارغا 81 مىليارد 100 مىليون يۈەن يۆتكىمە چىقىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، %12.5 ئاشۇرۇپ، جايلارنى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەت باغچىسى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان يەرلەر سىستېمىسى قاتارلىقلارنى بەرپا قىلىشقا يېتەكلەيمىز.

   3. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى يېتەكلەشتە چىڭ تۇرىمىز.

   ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مالىيە مەبلىغىنىڭ «دامكىراتلىق» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كاپىتال ۋە بايلىقنى ئىستراتېگىيەلىك ھالقىلىق ساھەلەرنى نىشانلاشقا يېتەكلەپ، زور كەمتۈك جابدۇقلار ئىستېھكامىغا ھۇجۇم قىلىش، نۇقتىلىق كەسىپلەردە يېڭىلىق يارىتىش مۇلازىمەت سۇپىسى قاتارلىقلارغا مەدەت بېرىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھالقىلىق ساھەلەردە يېڭىلىق يارىتىش ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ياسىمىچىلىقنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ قوشۇلما قىممەت بېجى نىسبىتىنى ماھىيەتلىك تۆۋەنلىتىپ، ياسىمىچىلىققا تەدبىقلايدىغان باج نىسبىتىنى %16تىن %13كە چۈشۈرۈپ، قەرەل ئاخىرىدا توغرىلاشقا قالدۇرۇلغان قوشۇلما قىممەت بېجى سوممىسىنى قايتۇرۇش تۈزۈمىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخ يۈكىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىمىز. تۇراقلىق مۈلۈكنى تېز ئامورتىزاتسىيە قىلىش ئېتىبار سىياسىتىنى ياسىمىچىلىقنىڭ ھەممە ساھەسىگە كېڭەيتىمىز. يېڭىلىق يارىتىش ۋە يېشىل تەرەققىياتنى قوللايدىغان ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى (يۈرۈش) تېخنىكا جابدۇقىنى ئىشلىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ياسىمىچىلىق بولۇپمۇ زور جابدۇقلار ۋە ھالقىلىق مەھسۇلاتلارغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز.

   پەن-تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرىمىز. مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىشنى ۋە ئېھتىياجنى نىشانلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇل تەتقىقات ۋە ئەمەلىي ئۇل تەتقىقاتقا پائال مەدەت بېرىپ، ئاچقۇچلۇق ۋە يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن-تېخنىكا كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇشى ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسىنىڭ جايلىشىشىنى سەرخىللاشتۇرۇشقا، پەن تەتقىقات ئەسلىھەلىرى ۋە ئەسۋابلىرىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىپ ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ زور پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرى ۋە «پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش 2030 − زور تۈرى»نى يولغا قويىمىز. پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىغا مۇقىم مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. مەركەز مالىيەسىنىڭ پەن تەتقىقات تۈرلىرى مەبلىغىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتى قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈمىنى كۆرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈم، سەمىمىيەت ۋە ئىقتىدار ئاساس قىلىنغان پەن تەتقىقات باشقۇرۇش ئىسلاھاتى سىنىقىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتشقا رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرىمىز. يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كارخانا سۇبيېكىت قىلىنغان، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن يېڭى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ زور پەن-تېخنىكا تۈرلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇشىنى قوللايمىز. خەۋپ-خەتەر تولۇقلىمىسى بېرىش، كېيىن ياردەم پۇل بېرىش، سېلىنمىنى ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، كارخانىلارنى پەن-تېخنىكا سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداشنى كۈچەيتىشكە مەدەت بېرىمىز.

   4. كۈچلۈك دۆلەت ئىچى بازىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

   ئاھالىنىڭ ئىستېمالىنى كۈچەپ كېڭەيتىمىز. مۇناسىۋەتلىك باج سىياسەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە، كۈتۈنۈش، داۋالاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى قىلىشىغا مەدەت بېرىپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىلدۈرىمىز. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش مۇلازىمىتى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، سېتىۋېلىش دائىرىسى ۋە كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرىمىز. ئەلالىرى ۋە كۈچلۈكلىرىنى يۆلەش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا قارىتا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجىنى داۋاملىق كەچۈرۈم قىلىپ، سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ۋە شەھەر ئاممىۋى قاتنىشىنى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارغا ئالماشتۇرۇشقا ئىلھام بېرىمىز. زامانىۋى تەمىنلەش زەنجىرى سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلايمىز. ئېلېكترونلۇق سودىنى يېزىلارغا يۈزلەندۈرۈش بويىچە ئۇنىۋېرسال ئۈلگە كۆرسىتىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شەھەرلەرگە كىرگۈزۈش ۋە سانائەت بۇيۇملىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈشنى قوللايمىز.

  سېلىنمىنىڭ ھالقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىمىز. مەركەزنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش سېلىنمىسى ئۈچۈن 577 مىليارد 600 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، 2018-يىلدىكىدىن 40 مىليارد يۈەن ئاشۇرۇپ، سېلىنما نىشانى ۋە قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، ئۈنۈم باھالاشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار قۇرۇلۇشى، زور ئۇل ئەسلىھەلەر، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش ۋە قۇرۇلمىنى تەڭشەش، كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە جەمئىيەت باشقۇرۇش، ئېنېرگىيە تېجەش-مۇھىت ئاسراش ۋە ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەرگە نۇقتىلىق ئىشلىتىمىز. قاتناش، سۇچىلىق، ئېنېرگىيە، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇر تورى، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تىرەكلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. سەنشيا سۇ ئامبىرى رايونىنىڭ داۋاملاشما خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە داۋاملىق مەدەت بېرىمىز. مەركەزدىكى تارماقلار ۋە جايلارنىڭ تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغان بەزى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىشىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىمىز. سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈريولىنى لايىھەلەپ قۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. PPP نى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئومۇملاشتۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، ئەلئارا كاپىتالنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسىنى كۈچەپ ئۆستۈرىمىز.

  يەرلىك ھۆكۈمەت زايومىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرىمىز. 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 7-سانلىق يىغىنىنىڭ ھوقۇق بېرىش توغرىسىدىكى قارارىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ 2019-يىلى يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان ئادەتتىكى قەرز پۇل نورمىسىدىن 580 مىليارد يۈەن، يېڭىدىن كۆپەيتىلىدىغان مەخسۇس قەرز پۇل نورمىسىدىن 810 مىليارد يۈەن بولۇپ، جەمئىي 1 تىرىليون 390 مىليارد يۈەننى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈردى؛ مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلگەن قەرز پۇل نورمىسى بېرىلگەن ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدە بولدى. مەخسۇس زايومنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنى مۇۋاپىق كېڭەيتىپ، مەخسۇس زايومنىڭ رايون قۇرۇلمىسى ۋە سېلىنىش قۇرۇلمىسىنى ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، زايوم تارقىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، زايوم تارقىتىش ئارقىلىق جۇغلانغان مەبلەغنى ئالدى بىلەن قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرگە ئىشلىتىپ، «سۆرەلمە» قۇرۇلۇشلارنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلىنىمىز. مالىيە خەزىنىسىدىن ئالدىن پۇل ئورۇنلاشتۇرۇپ، مەخسۇس زايومغا مۇناسىۋەتلىك تۈر قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشكە يول قويىمىز.

  5. رايونلار ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.


   دۆلەتنىڭ رايونلار زور ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا مەدەت بېرىمىز. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ-تىيەنجىن-خېبېي ماسلاشما تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتى، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق زور ئىستراتېگىيەلەرنى يېتەكچى، غەربىي قىسىم، شەرقىي شىمال، ئوتتۇرا قىسىم ۋە شەرقىي قىسىمدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بۆلەكنى ئاساس قىلىپ، دۆلەتنىڭ رايون زور ئىستراتېگىيەسىنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. غەربىي رايوندىكى كارخانىلارغا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى قەرەلى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئىجرا قىلىمىز. شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇش، خەينەننىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق دۆلەتنىڭ رايون زور ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى داۋاملىق تۈردە پائال قوللايمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۈچلۈك دېڭىز-ئوكيان دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، دېڭىز-ئوكيان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دېڭىز-ئوكيان پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىنى قوغداش، ئارال، دېڭىز تەۋەسى، دېڭىز قىرغىقى بەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىشكە مەدەت بېرىمىز.

   رايونلار ئارا ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىشىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىمىز. يۆتكىمە چىقىمنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزنىڭ جايلارغا يۆتكىمە چىقىم قىلىش كۆلىمىنى بىر قەدەر زور ھەجىمدە ئاشۇرىمىز ھەمدە ئوتتۇرا-غەربىي رايونلارغا مايىللاشتۇرىمىز. مەركەز مالىيەسىنىڭ تەڭپۇڭ يۆتكىمە چىقىمى ئۈچۈن 1 تىرىليون 563 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، %10.9 ئاشۇرىمىز. كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارغا 248 مىليارد 905 مىليون يۈەن يۆتكىمە چىقىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، %14.7 ئاشۇرىمىز. ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي مالىيە كۈچىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى مۇكاپات-تولۇقلىما مەبلىغى ئۈچۈن 270 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، %10 ئاشۇرىمىز. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر سىياسەتنىڭ تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىش مالىيە تولۇقلىمىسى ئۈچۈن 40 مىليارد يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، مالىيە قىيىنچىلىقى بار رايونلارنىڭ تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز. بايلىقى تۈگىگەن شەھەرلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىغا مەدەت بېرىمىز. چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز. ئۆلكىدىن تۆۋەن مالىيە تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە كۈچىنى تۆۋەنگە يۈزلەندۈرۈپ، ئۆلكىدىن تۆۋەن ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىمىز.

   رايونلار ئۆزئارا ياردەم بېرىش ۋە مەنپەئەتتىن تەڭ ھەمبەھرىلىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۆلكە ھالقىپ تولۇقلاشنى دۆلەت بىرتۇتاش پىلانلاش مېخانىزمى ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇش يېرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئازىيىشىنى چېتىشتىكى ئېشىنچا كۆرسەتكۈچنى ئۆلكە ھالقىپ تەڭشەش مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تاپاۋەت پايدىسىنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا مەدەت بېرىشكە ئىشلىتىمىز. شەرقىي رايونلاردا مالىيە كۈچىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، مەبلەغ سېلىنمىسىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەشتىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇر يولغا قويىمىز. ھەر تەرەپلىمە، دەل جايىدا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭ، شىزاڭ ۋە چىڭخەي، سىچۈەن، يۈننەن، گەنسۇ قاتارلىق تۆت ئۆلكىدىكى زاڭزۇلار رايونلىرى ئىقتىسادىنىڭ ۋە جەمئىيىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

   يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مەركەز مالىيەسى يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەرلىشىشى ئۈچۈن 30 مىليارد يۈەن مۇكاپات مەبلىغى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنى قوبۇل قىلغان رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. مالىيە يۆتكىمە چىقىم قىلىش چارىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەرلىشىش تەننەرخىنى مۇۋاپىق دەرىجىدە تەڭ ئۈستىگە ئېلىپ، دائىم تۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ ھەممىسىنى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتى بىلەن قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز. بۇلۇت شەھەرلەر، شەھەرلەرنىڭ يەر ئاستى ئۇنىۋېرسال تۇرۇبا كارىدورى سىنىقى ياردەم پۇلىنى ۋاقتىدا ئاجرىتىپ بېرىپ، جايلارنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بېرىمىز.

  

  6. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرىمىز ۋە يولغا قويىمىز.


  يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتتە راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز. مەركەز مالىيەسىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىيات مەبلىغى، يېزا ئىگىلىك بايلىقى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش ياردەم مەبلىغى قاتارلىقلارنى داۋاملىق كۆپەيتىمىز. ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىدا تۇپراققا مۇراجىئەت قىلىش، پەن-تېخنىكىغا مۇراجىئەت قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز، ئۈنۈملۈك، تېجەشلىك سۇغىرىش قاتارلىق ئېتىز-ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىپ، تېرىلغۇ يەرلەرنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تېرىش، شۈدىگەرلەش تۈزۈمى سىنىقىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلاشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار، ياراملىق يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىمىز. زىرائەت شاخ-شۇمبىلىرىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز. سورت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا مەدەت بېرىپ، يېشىل يېڭى سورت تەجرىبىسىنى ئومۇملاشتۇرىمىز. چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى نۇقتىلىق سۇ دائىرىسىدە تۇتۇشنى چەكلەش تۆلەم خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ، يېڭىچە كەسپىي دېھقانلارنى يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچىسى قۇرۇلۇشى ۋە كەسىپ ئارقىلىق كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش- ناھىيەلەرنى كۈچلەندۈرۈش ھەرىكىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلاردىكى 1-،2-،3-كەسىپنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە پائال مەدەت بېرىمىز.

   يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن مەدەت بېرىمىز. يېزىلارنىڭ ئەخلەت-پاسكىنا سۇلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تاشلاندۇقلىرىنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ ئىشلىتىش، ھاجەتخانا ئىنقىلابى، كەنت قىياپىتىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا مەدەت بېرىمىز. يېزا ئېلېكتىر تورىنى يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈش-ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا يولى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش-قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتى سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرىمىز. يېزا ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىنى مۇستەھكەملەش-ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز يولغا قويىمىز. يېزا پاراۋانلىق ئىشلىرىغا مالىيە مۇكاپاتى-تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا مەدەت بېرىمىز. يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ كاپالەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز.

  يېزا ئىگىلىكى، يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. يېڭىچە يېزا ئىگىلىكىنى قوللاش، قوغداش سىياسەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىمىز. يېشىل ئېكولوگىيەنى يېتەكچى قىلغان يېزا ئىگىلىك ياردەم پۇلى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز. يېزا ئىگىلىكىگە چېتىشلىق مەبلەغنى بىرتۇتاش پىلانلاپ غەملەشنى كۈچەيتىمىز. بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەڭ تۆۋەن سېتىۋېلىش باھاسى سىياسىتىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شال، بۇغداي قاتارلىق ئاساسلىق ئاشلىق تۈرلىرىنى مالىيە جەھەتتىن قوللاش سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرىمىز. كۆممىقوناق ۋە سېرىق پۇرچاق ئىشلەپچىقارغۇچىلارغا تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. يېزا ئىگىلىك ئېغىر ئاپەت سۇغۇرتىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاشلىق زاپىسىنى ھەزىم قىلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قالدۇقسىزلاشتۇرۇش رىتىمى ۋە سالمىقىنى تۈرگە ئايرىپ ياخشى ئىگىلەيمىز. سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ تەمىناتىنى ئاشۇرىمىز. يېزا ئىگىلىكىگە ئىشلىتىدىغان سۇ باھاسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز. يېزا ئۇنىۋېرسال ئىسلاھات سىنىقى تەجرىبىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىمىز.

   7. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنى كۈچەيتىمىز.ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز. مەركەز مالىيەسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم مەبلىغى ئۈچۈن 53 مىليارد 878 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، %14.9 ئاشۇرىمىز، يەنە ئىشسىزلىق سۇغۇرتا فوندى قاتارلىق چىقىم قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر ۋە ھەربىيدىن چېكىنگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق توپلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت بېرىپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى، شەھەر-بازارلارنىڭ تىزىمدىكى ئىشسىزلاردىن ئىشسىز قالغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشقانلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ھەرخىل كارخانىلارنىڭ نورمىلىق بېجىنى ئۈچ يىل ئىچىدە كېمەيتىپ ئالىمىز ياكى كەچۈرۈم قىلىمىز. ئىگىلىك تىكلەشكە كېپىللىك قەرز ئۆسۈم ياردەم پۇلى بېرىش ئارقىلىق قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شەرتكە چۈشىدىغان شەخس ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئىگىلىك تىكلەش بويىچە كېپىللىك قەرزى بېرىشنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 150 مىڭ يۈەنگە ۋە 3 مىليون يۈەنگە ئۆستۈرىمىز. كارخانىلارنى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنىدا تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تەربىيەلىنىش خىراجىتىنى باجدىن بۇرۇن چىقىرىۋېتىش نورمىسىنى ئۆستۈرىمىز. كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇرۇش، كارخانىلارنىڭ يېڭىچە شاگىرت ئىشچى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، دۆلەت يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى كۆپەيتىش پىلانىنى يولغا قويۇش قاتارلىقلارغا مەدەت بېرىش ئارقىلىق، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمگەك كۈچى بازىرىدىكى قۇرۇلمىلىق زىددىيەتنى پەسەيتىمىز.

   مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىمىز. يېزىلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن، مۇھىم نۇقتىسى يېزىلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇستەھكەملەپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ ئاجىز ھالقىلىرىنى ياخشىلاش ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بېرىپ، شەھەر-بازارلاردىكى «سىنىپتا ئوقۇغۇچى زىيادە كۆپ بولۇش»نى نۇقتىلىق تۈگىتىپ، يېزا-كەنتلەردىكى كىچىك كۆلەملىك مەكتەپلەر ۋە يېزا-بازارلاردىكى ياتاقلىق مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شەھەرگە كىرىپ ئىشلەۋاتقانلارنىڭ بىللە كەلگەن پەرزەنتلىرىنىڭ شەھەردە ئوقۇپ بىلىم ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائاش تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيمىز. يېزا-كەنت ئوقۇتقۇچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. مەركەز مالىيەسىنىڭ يەسلى مائارىپىنى قوللاش تەرەققىيات مەبلىغىدىن 16 مىليارد 850 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، %13.1 ئاشۇرىمىز. ھۆكۈمەت مەكتىپى بىلەن پۇقرا مەكتىپىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق يەسلى مائارىپى بايلىقىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولىمىز. مەركەز مالىيەسىنىڭ زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش پىلانى مەخسۇس مەبلىغى ئۈچۈن 23 مىليارد 721 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، %26.6 ئاشۇرىمىز، كەسپىي مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ بىرلىشىشى ۋە مەكتەپ بىلەن كارخانىنىڭ ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى-ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ياردەم بېرىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرىمىز. ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ بويىچە دۆلەتنىڭ ئوقۇش مۇكاپات فوندىنى تەسىس قىلىمىز. مەركەزدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە خامچوت بويىچە پۇل ئاجرىتىش تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىكتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىسلاھاتىغا مەدەت بېرىپ، «دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان داشۆ ۋە پەنلەر» قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىمىز. مىللىي مائارىپنى ۋە ئالاھىدە مائارىپنى ياخشى باشقۇرۇشقا مەدەت بېرىمىز. ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىشنىڭ تۈجۈپىلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرىمىز.

   كۈتۈنۈش كاپالىتى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىمىز. 2019-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، كارخانا ۋە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى ئوتتۇرىچە ھېساب بىلەن تەخمىنەن %5 ئۆستۈردۇق. كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ مەركەز تەڭشەيدىغان نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ %3.5كە يەتكۈزۈپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش غەملەشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، جايلارنىڭ سىياسەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى ۋە فوند كىرىم-چىقىمىنى بىرتۇتاش قىلىشىغا، يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا شارائىت ھازىرلاپ بېرىمىز. بىر قىسىم دۆلەت كاپىتالىنى داۋاملىق ئاجرىتىپ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلايمىز.

   ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك بەرپا قىلىشقا مەدەت بېرىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا بېرىلىدىغان مالىيە ياردەم ئۆلچىمىنى 30 يۈەن ئۆستۈرۈپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئۆلچىمىنى 520 يۈەنگە يەتكۈزىمىز، ئۆستۈرگەن 30 يۈەننىڭ يېرىمىنى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتا كاپالىتى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە ئىشلىتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىرگە شەخسلەرنىڭ ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرىمىز. ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ تۆلەم ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، فوندىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىمىز. ئاساسىي ئاممىۋى ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە ياردەم ئۆلچىمىنى 5 يۈەن ئۆستۈرۈپ، بۇنىڭغا ئەسلىدىكى زور ئاممىۋى ساقلىق-ساقلاش مۇلازىمىتىدىن تەكشى يۆتكىگەن ياردەم پۇلىدىن ھېسابلاپ كىشى بېشىغا 9 يۈەندىن قوشۇپ، ھەربىر كىشىگە يىلدا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنى 69 يۈەنگە يەتكۈزىمىز، بۇنىڭ ئىچىدە، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن ئاساسىي ئاممىۋى ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتىنىڭ مالىيە ياردەم خىراجىتىنىڭ ھەممىسىنى كەنت ۋە مەھەللىلەرگە ئىشلىتىمىز. ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىسىغا مەبلەغ سېلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى دورا ئارقىلىق قامداشنى تۈگىتىش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەيمىز. رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. راكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشقا مەدەت بېرىمىز. سەھىيە-ساقلىق ساقلاش ئىختىساسلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىمىز. جۇڭگو تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش، يېڭىلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىمىز.

  ئاساسىي تۇرالغۇ كاپالىتىنى كۈچەيتىمىز. مەركەز مالىيەسىنىڭ شەھەر-بازار كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى مەخسۇس مەبلىغى ئۈچۈن 143 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، %12.4 ئاشۇرىمىز. كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش دائىرىسى ۋە ئۆلچىمىنى قاتتىق ئىگىلەپ، كونا شەھەر رايونلىرىدىكى مەينەت، قالايمىقان، ناچار كەپە ئۆي رايونى ۋە دۆلەت ئىلكىدىكى زاۋۇت–كان رايونلىرى، ئورمانچىلىق رايونلىرى، بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونلىرىدىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز. شەھەر-بازارلارنىڭ ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى قۇرۇلۇشى ۋە كونا رايونلارنى ئۆزگەرتىشكە مەدەت بېرىپ، ئۆي ئىجارە بازىرىنى راۋاجلاندۇرۇش سىنىقىنى قانات يايدۇرىمىز. يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ياردەم مەبلىغى ئۈچۈن 29 مىليارد 850 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، %12.9 ئاشۇرىمىز، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا ئالغان نامرات ئائىلە، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە، ئايرىم بېقىلىدىغان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار ۋە نامرات مېيىپلەر ئائىلىسى قاتارلىق نۇقتىلىق ئوبيېكىتلارنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىشنى ئالدىن قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، كۆپەيتىلگەن مەبلىغىنى ئاساسلىقى كۈچلۈك يەر تەۋرەشتىن مۇداپىئەلىنىش رايونلىرىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىمىز.

   خەلق تۇرمۇشىغا دائىر سىياسەت كاپالىتىنى كۈچەيتىمىز. ئىجتىمائىي پاناھلاندۇرۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنى پاناھلاندۇرۇش ياردەم مەبلىغى ئۈچۈن 146 مىليارد 697 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، %5.1 ئاشۇرىمىز، جايلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى پاناھلاندۇرۇش-بېقىش، ۋاقىتلىق پاناھلاندۇرۇش، سەرگەردان-تىلەمچىلەرنى پاناھلاندۇرۇش، يېتىم بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىمىز، بۇنىڭ ئىچىدە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ياردەم پۇل سەۋىيەسىنى شەھەر-بازارلاردا %5، يېزىلاردا %8 ئۆستۈرۈپ جايلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ياردىمىنى كۆپەيتىمىز. مەركەز مالىيەسىنىڭ داۋالاش-قۇتقۇزۇش ياردەم مەبلىغى ئۈچۈن 27 مىليارد 101 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، داۋالاش-قۇتقۇزۇش سەۋىيەسىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرىمىز. قىيىنچىلىقتا قالغان بالىلار، يېزىلاردىكى ئۆيىدە قالغان بالىلارنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ۋە ئېغىر مېيىپلەرگە پەرۋىش ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىمىز.

   مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. مەركەزنىڭ جايلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى مەخسۇس ياردەم مەبلىغى ئۈچۈن 14 مىليارد 710 مىليون يۈەن ئورۇنلاشتۇرۇپ، %14 ئاشۇرىمىز. زامانىۋى ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرسى ۋە ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرىمىز. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەتكار بولىمىز. تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىمىز. بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاممىۋى تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىق پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىمىز. بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلەن مېيىپلەر قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تەييارلىق كۆرۈش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەشكە مەدەت بېرىمىز.

  

  8. دۆلەت مۇداپىئەسى، دىپلوماتىيە ۋە سىياسىي قانۇن خىزمىتىگە مەدەت بېرىمىز.


  دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىغا مەدەت بېرىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىمىز. ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مەبلەغكە ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. نەپىقە بېرىش، ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنىڭ تەمىنات كاپالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىيدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى يۆتكەپ داۋاملاشتۇرۇش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ ھەربىيدىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلار، ھەربىيدىن چېكىنگەنلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى قاتارلىقلارغا ياردەم پۇل بېرىش خىراجىتىنى داۋاملىق ئاشۇرىمىز. جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىگە مەدەت بېرىپ، دۇنيانى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر قاتنىشىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايمىز ۋە ئاشۇرىمىز. دۆلەتنىڭ رېۋېزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەدەت بېرىمىز. جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ مۇداپىئە-كونترول سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن ياردىمى خىزمىتىنى كۈچەيتىمىز. ئەمىن جۇڭگو، قانۇنچىل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىمىز.

   (4) 2019-يىللىق ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى توغرىسىدىكى مۆلچەر ۋە چىقىم ئورۇنلاشتۇرمىسى.

  

  1. مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتى.


  مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 8 تىرىليون 980 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2018-يىللىق ئىجرا سانىدىن ئوخشاش ئۆلچەم (تۆۋەندىمۇ شۇنداق) دە %5.1 ئاشۇرىمىز. بۇنىڭغا مەركەز خامچوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندىدىن يۆتكەپ كىرىدىغان 280 مىليارد يۈەننى، مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوتىدىن، مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىدىن يۆتكەپ كىرىدىغان 39 مىليارد 400 مىليون يۈەننى قوشقاندا، كىرىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 9 تىرىليون 299 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولىدۇ. مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 11 تىرىليون 129 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولۇپ، %8.7 ئاشۇرىمىز. كىرىم-چىقىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى بالانس قىلغاندا، مەركەز مالىيەسىدە 1 تىرىليون 830 مىليارد يۈەن قىزىل رەقەم كۆرۈلۈپ، 2018-يىلىدىكىدىن 280 مىليارد يۈەن كۆپىيىدۇ. مەركەز خامچوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندى قالدۇقى 96 مىليارد 399 مىليون يۈەن بولىدۇ.

  پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «مەركەز بىلەن جايلار ئوتتۇرىسىدا ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئايدىڭلاشقان، مالىيە كۈچى ماسلاشقان، رايونلار ئارا تەڭپۇڭلاشقان مالىيە مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش» تەلىپى بويىچە، دۆلىتىمىزنىڭ مەركەز بىلەن جايلارنىڭ ئورتاق مالىيە ئىش ھوقۇقى كۆپرەك بولۇشتەك ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، 2019-يىلى مەركەز مالىيەسى ئەسلىدىكى مەخسۇس يۆتكىمە چىقىمىدىكى ئورتاق مالىيە ئىش ھوقۇقىغا تەۋە تۈرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق مالىيە ئىش ھوقۇقى يۆتكىمە چىقىمى تەسىس قىلىپ، ئۇنى ۋاقتىنچە ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمغا كىرگۈزۈپ، مەركەز ئۈستىگە ئالغان ئورتاق مالىيە ئىش ھوقۇقى چىقىم مەسئۇلىيىتىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئورتاق مالىيە ئىش ھوقۇقى راسخوتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتىنىڭ باراۋەرلىشىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەركەزنىڭ جايلارغا قايتۇرىدىغان بېجىنى تۇراقلىق سوممىدىكى ياردەم پۇلى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمغا كىرگۈزىمىز. يۇقىرىقىدەك تەڭشىگەندىن كېيىن، ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم ۋە مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم تۈرى ۋە كۆلىمىنىڭ ئۆلچىمىدە زور ئۆزگىرىش بولىدۇ ھەم 2019-يىللىق خامچوتتا ئىپادىلىنىدۇ.

  مەركەزنىڭ 2019-يىللىق ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتى چىقىمىنى مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمى، جايلارغا قىلىدىغان ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم ۋە مەركەزنىڭ زاپاس راسخوتىغا ئايرىپ ئەكس ئەتتۈرىمىز.

  (1) مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمى 3 تىرىليون 539 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.5 ئاشۇرىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە، ئادەتتىكى ئاممىۋى مۇلازىمىتى چىقىمى 199 مىليارد 46 مىليون يۈەن بولۇپ، %3.1 تۆۋەنلىتىمىز. دىپلوماتىيە چىقىمى 62 مىليارد 710 مىليون يۈەن بولۇپ، %7.4 ئاشۇرىمىز. دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى 1 تىرىليون 189 مىليارد 876 مىليون يۈەن بولۇپ، %7.5 ئاشۇرىمىز. جامائەت خەۋپسىزلىكى چىقىمى 179 مىليارد 780 مىليون بولۇپ، %5.6 ئاشۇرىمىز. مائارىپ چىقىمى 183 مىليارد 513 مىليون يۈەن بولۇپ، %6 ئاشۇرىمىز. پەن-تېخنىكا چىقىمى 354 مىليارد 312 مىليون يۈەن بولۇپ، %13.4 ئاشۇرىمىز. ئاشلىق، ماي، ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش چىقىمى 117 مىليارد 715 مىليون يۈەن بولۇپ، %14.2 تۆۋەنلىتىمىز، بۇنىڭدا ئاساسلىقى قوناق، دادۇرنىڭ ئامبار قالدۇقىنى تۈگىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆسۈم راسخوتى ياردەم پۇلى چىقىمى مۇناسىپ ئازىيىپ بارىدۇ. قەرز ئۆسۈمى چىقىمى 499 مىليارد 423 مىليون يۈەن بولۇپ، %20 ئاشۇرىمىز.

  (2) جايلارغا قىلىدىغان يۆتكىمە چىقىم 7 تىرىليون 539 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، %9 ئاشۇرىمىز. ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم 6 تىرىليون 776 مىليارد 310 مىليون يۈەن بولۇپ، %7.5 ئاشۇرىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە، ئورتاق مالىيە ئىش ھوقۇقى يۆتكىمە چىقىمى 3 تىرىليون 184 مىليارد 569 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇنى ئاساسلىقى مائارىپ، سەھىيە-ساغلاملىق، ئىجتىمائىي كاپالەت، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردە ئورتاق مالىيە ئىش ھوقۇقىغا ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئىشلىتىمىز. مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم 763 مىليارد 590 مىليون يۈەن بولۇپ، يەر كۆرسەتكۈچىنى ئۆلكە، رايون ئاتلاپ تەڭشەشتىن قىلغان كىرىمىدىن ئورۇنلاشتۇرغان چىقىم ۋە بىرلەشتۈرۈپ يېڭىدىن تەسىس قىلغان تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ياردەم مەبلىغىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، %8.1 ئاشۇرىمىز، بۇنى ئاساسلىقى بۇلغىنىشنى تۈزەش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، نۇقتىلىق رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشلىتىمىز.

  (3) مەركەزنىڭ زاپاس خىراجىتى 50 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2018-يىلدىكى خامچوت بىلەن تەڭلىشىدۇ. زاپاس خىراجەتنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئەھۋالغا قاراپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمى ۋە جايلارغا قىلىدىغان يۆتكىمە چىقىمغا كىرگۈزىمىز.

   2. جايلارنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتى.

  جايلارنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتى ئۆز كىرىمى 10 تىرىليون 270 مىليارد يۈەن بولۇپ، %4.9 ئاشۇرۇلىدۇ. بۇنىڭغا مەركەزنىڭ جايلارغا قىلىدىغان يۆتكىمە چىقىمىدىن قىلغان كىرىمى 7 تىرىليون 539 مىليارد 900 مىليون يۈەننى، يەرلىك مالىيە يۆتكەپ كىرگەن مەبلەغ، ھېساب ئاغدۇرۇلغان مەبلەغ ۋە قالدۇق مەبلەغدىن ئىشلەتكەن 1 تىرىليون 195 مىليارد يۈەننى قوشقاندا، كىرىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 19 تىرىليون 4 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولىدۇ، جايلارنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 19 تىرىليون 934 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.2 ئاشۇرۇلىدۇ. يەرلىك مالىيەدە كۆرۈلىدىغان قىزىل رەقەم 930 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2018-يىلدىكىدىن 100 مىليارد يۈەن كۆپىيىدۇ، بۇنىڭ ئورنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئادەتتىكى زايومىنى تارقىتىش يولى بىلەن تولدۇرۇلىدۇ.

  3. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتى.


  مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنى جەملىگەندە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 19 تىرىليون 250 مىليارد يۈەن بولۇپ، %5 ئاشۇرىمىز. بۇنىڭغا يۆتكەپ كىرىدىغان مەبلەغ ۋە ھېساب ئاغدۇرۇلغان مەبلەغ، قالدۇق مەبلەغدىن ئىشلەتكەن 1 تىرىليون 514 مىليارد 400 مىليون يۈەننى قوشقاندا، كىرىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 20 تىرىليون 764 مىليارد 400 مىليون يۈەن بولىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 23 تىرىليون 524 مىليارد 400 مىليون يۈەن (مەركەزنىڭ زاپاس خىراجىتى 50 مىليارد يۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، %6.5 ئاشۇرۇلىدۇ. مالىيەدە كۆرۈلىدىغان قىزىل رەقەم 2 تىرىليون 760 مىليارد يۈەن بولۇپ، 2018-يىلدىكىدىن 380 مىليارد يۈەن كۆپىيىدۇ.

   (5) 2019-يىللىق ھۆكۈمەت فوندى خامچوت كىرىمى توغرىسىدىكى مۆلچەر ۋە چىقىم ئورۇنلاشتۇرمىسى.

  مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندى كىرىمى 419 مىليارد 315 مىليون يۈەن بولۇپ، %4 ئاشۇرىمىز. بۇنىڭغا ئالدىنقى يىلدىن ھېساب ئاغدۇرغان 35 مىليارد 824 مىليون يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، كىرىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 455 مىليارد 139 مىليون يۈەن بولىدۇ. مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندى چىقىمى 454 مىليارد 716 مىليون يۈەن بولۇپ، %13.1 ئاشۇرىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمى 339 مىليارد 555 مىليون يۈەن بولۇپ، %9.9 ئاشۇرىمىز؛ جايلارغا 115 مىليارد 161 مىليون يۈەن يۆتكىمە چىقىم قىلىپ، %23.5 ئاشۇرىمىز. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتىغا 423 مىليون يۈەن يۆتكەيمىز.

  جايلارنىڭ ھۆكۈمەت فوندى ئۆز كىرىمى 7 تىرىليون 375 مىليارد 456 مىليون يۈەن بولۇپ، %3.3 ئاشۇرۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىشتىن قىلغان كىرىمى 6 تىرىليون 707 مىليارد 739 مىليون يۈەن بولۇپ، %3 ئاشۇرۇلىدۇ. بۇنىڭغا مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندىدىن جايلارغا قىلغان يۆتكىمە چىقىمدىن كىرگەن 115 مىليارد 161 مىليون يۈەن كىرىمنى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس قەرز كىرىمى 2 تىرىليون 150 مىليارد يۈەننى قوشقاندا، جايلارنىڭ ھۆكۈمەت فوندىغا ئالاقىدار كىرىمى 9 تىرىليون 640 مىليارد 617 مىليون يۈەن بولىدۇ. جايلارنىڭ ھۆكۈمەت فوندىغا ئالاقىدار چىقىمى 9 تىرىليون 640 مىليارد 617 مىليون يۈەن بولۇپ، %24.4 ئاشۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ قىلغان كىرىمدىن قىلغان چىقىم 6 تىرىليون 465 مىليارد 696 مىليون يۈەن (مەخسۇس زايومدىن قىلغان ئالاقىدار چىقمنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) بولۇپ، %15.3 ئاشۇرۇلىدۇ.

  مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنى جەملىگەندە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت فوندى كىرىمى 7 تىرىليون 794 مىليارد 771 مىليون يۈەن بولۇپ، %3.4 ئاشۇرىمىز. بۇنىڭغا ئالدىنقى يىلدىن ھېساب ئاغدۇرغان 35 مىليارد 824 مىليون يۈەن كىرىم بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 2 تىرىليون 150 مىليارد يۈەنلىك مەخسۇس قەرز كىرىمىنى قوشقاندا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت فوندىغا ئالاقىدار كىرىمى 9 تىرىليون 980 مىليارد 595 مىليون يۈەن بولىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت فوندىغا ئالاقىدار چىقىمى 9 تىرىليون 980 مىليارد 172 مىليون يۈەن بولۇپ، %23.9 ئاشۇرىمىز.

   (6) مەركەزنىڭ 2019-يىللىق دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت كىرىمى توغرىسىدىكى مۆلچەر ۋە چىقىم ئورۇنلاشتۇرمىسى.

  مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت كىرىمى 163 مىليارد 811 مىليون يۈەن بولۇپ، %23.6 ئاشۇرىمىز. بۇنىڭغا ئالدىنقى يىلدىن ھېساب ئاغدۇرغان 563 مىليون يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، كىرىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 164 مىليارد 374 مىليون يۈەن بولىدۇ. مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت چىقىمى 125 مىليارد 397 مىليون يۈەن بولۇپ، %12.8 ئاشۇرىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمى 113 مىليارد 597 مىليون يۈەن بولۇپ، %10.8 ئاشۇرىمىز. جايلارغا 11 مىليارد 800 مىليون يۈەن يۆتكىمە چىقىم قىلىمىز. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتىغا 38 مىليارد 977 مىليون يۈەن يۆتكەپ، %21.2 ئاشۇرىمىز، يۆتكەش نىسبىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ %28كە كۆتۈرىمىز.

  جايلارنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت ئۆز كىرىمى 172 مىليارد 773 مىليون يۈەن بولۇپ، %9.7 ئاشۇرۇلىدۇ. بۇنىڭغا مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتال تىجارىتى خامچوتىدىن جايلارغا يۆتكىمە چىقىم قىلىپ بېرىدىغان 11 مىليارد 800 مىليون يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، كىرىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 184 مىليارد 573 مىليون يۈەن بولىدۇ. جايلارنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت چىقىمى 126 مىليارد 488 مىليون يۈەن بولۇپ، %11.5 ئاشۇرۇلىدۇ. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتىغا 58 مىليارد 85 مىليون يۈەن يۆتكەپ بېرىلىدۇ.

  مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنى جەملىگەندە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت كىرىمى 336 مىليارد 584 مىليون يۈەن بولۇپ، %16.1 ئاشۇرىمىز. بۇنىڭغا ئالدىنقى يىلدىن ھېساب ئاغدۇرغان 563 مىليون يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، كىرىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 337 مىليارد 147 مىليون يۈەن بولىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت چىقىمى 240 مىليارد 85 مىليون يۈەن بولۇپ، %11.2 ئاشۇرىمىز. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتىغا 97 مىليارد 62 مىليون يۈەن يۆتكەپ بېرىمىز.

   (7) 2019-يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى خامچوت كىرىمى توغرىسىدىكى مۆلچەر ۋە چىقىم ئورۇنلاشتۇرمىسى.

  مەركەزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كىرىمى 70 مىليارد 923 مىليون يۈەن بولۇپ، %21.8 ئاشۇرىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە، سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى 37 مىليارد 754 مىليون يۈەن، مالىيە ياردىمى كىرىمى 32 مىليارد 425 مىليون يۈەن بولىدۇ. بۇنىڭغا جايلار مەركەزنىڭ تەڭشەش فوندىغا ئۆتكۈزگەن كىرىمى 482 مىليارد 660 مىليون يۈەننى قوشقاندا، كىرىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 553 مىليارد 583 مىليون يۈەن بولىدۇ. مەركەزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى چىقىمى 69 مىليارد 634 مىليون يۈەن بولۇپ، %30.9 ئاشۇرىمىز. بۇنىڭغا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن مەركەزنىڭ تەڭشەش فوندى چىقىمى 481 مىليارد 360 مىليون يۈەننى قوشقاندا، چىقىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 550 مىليارد 994 مىليون يۈەن بولىدۇ. بۇ يىللىق كىرىم-چىقىم قالدۇقى 2 مىليارد 589 مىليون يۈەن، يىل ئاخىرىدىكى دومىلىما قالدۇقى 34 مىليارد 138 مىليون يۈەن بولىدۇ.

  جايلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كىرىمى 7 تىرىليون 896 مىليارد 831 مىليون يۈەن بولۇپ، %9.6 ئاشۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى 5 تىرىليون 661 مىليارد 619 مىليون يۈەن، مالىيە ياردىمى كىرىمى 1 تىرىليون 914 مىليارد 471 مىليون يۈەن بولىدۇ. بۇنىڭغا مەركەزنىڭ تەڭشەش مەبلىغى كىرىمى 481 مىليارد 360 مىليون يۈەننى قوشقاندا، كىرىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 8 تىرىليون 378 مىليارد 191 مىليون يۈەن بولىدۇ. جايلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى چىقىمى 7 تىرىليون 355 مىليارد 595 مىليون يۈەن بولۇپ، %14.8 ئاشۇرۇلىدۇ. بۇنىڭغا مەركەزنىڭ تەڭشەش مەبلىغى چىقىمى 482 مىليارد 660 مىليون يۈەننى قوشقاندا، چىقىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 7 تىرىليون 838 مىليارد 255 مىليون يۈەن بولىدۇ. بۇ يىللىق كىرىم-چىقىم قالدۇقى 539 مىليارد 936 مىليون يۈەن، يىل ئاخىرىدىكى دومىلىما قالدۇقى 9 تىرىليون 142 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولىدۇ.

  مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنى جەملىگەندە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كىرىمى 7 تىرىليون 967 مىليارد 754 مىليون يۈەن بولۇپ، %9.7 ئاشۇرىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە، سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى 5 تىرىليون 699 مىليارد 373 مىليون يۈەن، مالىيە ياردىمى كىرىمى 1 تىرىليون 946 مىليارد 896 مىليون يۈەن بولىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى چىقىمى 7 تىرىليون 425 مىليارد 229 مىليون يۈەن بولۇپ، %15 ئاشۇرىمىز. بۇ يىللىق كىرىم-چىقىم قالدۇقى 542 مىليارد 525 مىليون يۈەن، يىل ئاخىرىدىكى دومىلىما قالدۇقى 9 تىرىليون 176 مىليارد 238 مىليون يۈەن بولىدۇ.

  2019-يىلى مەركەز مالىيەسىنىڭ زايوم قالدۇق نورمىسى 17 تىرىليون 520 مىليارد 835 مىليون يۈەن بولىدۇ؛ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئادەتتىكى قەرز قالدۇق نورمىسى 13 تىرىليون 308 مىليارد 922 مىليون يۈەن، مەخسۇس قەرز قالدۇق نورمىسى 10 تىرىليون 768 مىليارد 508 مىليون يۈەن بولىدۇ.

  چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدىغىنى شۇكى، يەرلىك خامچوتنى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزۈپ چىقىپ، تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا يوللاپ تەستىقلىتىدۇ، ھازىر خامچوت جەملىنىۋاتىدۇ، جايلارنىڭ بۇ دوكلاتتىكى مۆلچەر كىرىمى ۋە چىقىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى مەركەز مالىيەسى ۋاكالىتەن تۈزۈپ بەرگەن.

  يۇقىرىقى خامچوتنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئالاقىدار ئىزاھاتلارنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 2018-يىللىق پۈتۈن مەملىكەت خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ 2019-يىللىق خامچوتى(لايىھە)» دىن تەپسىلىي كۆرۈۋېلىڭ.

  خامچوت قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، خامچوت يىلى باشلانغاندىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بۇ خامچوت لايىھەسىنى تەستىقلاشتىن ئىلگىرى، تۆۋەندىكى چىقىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا بولىدۇ: ئالدىنقى يىلدىن ھېساب ئاغدۇرۇلغان چىقىم؛ ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى خامچوت چىقىم سوممىسىدىن پايدىلىنىپ، تارماقلارنىڭ بۇ يىللىق زۆرۈر ئاساسىي چىقىمى، تۈر چىقىمى شۇنىڭدەك تۆۋەن دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرگە ئاجرىتىپ بېرىدىغان يۆتكىمە چىقىملار؛ قانۇندا بەلگىلەنگەن چىقىم مەجبۇرىيىتىنى جەزمەن ئادا قىلىش شەرت بولغان چىقىملار شۇنىڭدەك تەبىئىي ئاپەت قاتارلىق تاسادىپىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان چىقىملار. يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، 2019-يىلى 1-ئايدا، مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتىدىن 1 تىرىليون 345 مىليارد 300 مىليون يۈەن چىقىم قىلدۇق، بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمى 210 مىليارد 400 مىليون يۈەن، جايلارغا قىلغان يۆتكىمە چىقىم 1 تىرىليون 134 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولدى.

  
【1】 【2】 【3】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر