شى جىنپىڭ ئۇگاندا زۇڭتۇڭى مۇسېۋېنى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2019.06.26 16:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25- چېسلا خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا خىزمەت زىيارىتىگە كەلگەن ئۇگاندا زۇڭتۇڭى مۇسېۋېنى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-ئۇگاندا مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشكە بىردەك قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇسېۋېنىنىڭ ئافرىقىدىكى نوپۇزلۇق سىياسىيون بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو-ئۇگاندا مۇناسىۋىتى ۋە جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى ماختىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو-ئۇگاندا مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ھەمكارلىقنى ساقلىدى. جۇڭگو ئۇگاندا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ