باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2018-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات

2019.06.19 15:43        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 17-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى

  2018-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات

  —2019-يىل 3-ئاينىڭ 5-كۈنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىدا بېرىلگەن مالىيە مىنىستىرلىقى

  ۋەكىللەر:

  گوۋۇيۈەننىڭ تاپشۇرۇقىغا بىنائەن، ھازىر 2018-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسىنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنىمىز ھەمدە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ پىكىر بېرىشىنى سورايمىز.

  1. 2018-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى


  2018-يىلى پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلانما يىلى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جايلار ۋە تارماقلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ۋە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-، 3-ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىزمەتنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلـەش باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ تەلىپى بويىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا تەكشۈرۈپ تەستىقلانغان خامچوتنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىش ھالىتى ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك ﮬﺎﻟﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪت ﻗﯘرۇپ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻨﻰ ئەمەلگە ﺋﺎﺷﯘرۇش يولىدا يېڭى قەدەم تاشلىدى. مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولدى.

  (1) 2018-يىللىق ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتنىڭ كىرىم-چىقىم قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا.

  1. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتى.


  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 18 تىرىليون 335 مىليارد 184 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنىڭ %100.1ىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ 2017-يىلدىكىدىن ئوخشاش ئۆلچەم (تۆۋەندىمۇ شۇنداق) بويىچە %6.2 ئاشتى. بۇنىڭغا يۆتكەپ كىرگەن مەبلەغ ۋە ھېساب ئاغدۇرۇلغان مەبلەغ، قالدۇق مەبلەغدىن ئىشلەتكەن 1 تىرىليون 477 مىليارد 277 مىليون يۈەن (مەركەز مالىيەسى بىلەن يەرلىك مالىيەنىڭ خامچوتنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندى، ھۆكۈمەت فوندى خامچوتى ۋە دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىدىن يۆتكەپ كىرگەن مەبلەغنى شۇنىڭدەك يەرلىك مالىيە ئىشلەتكەن ھېساب ئاغدۇرغان مەبلەغ بىلەن قالدۇق مەبلەغنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى قوشقاندا، كىرىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 19 تىرىليون 812 مىليارد 461 مىليون يۈەن بولدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 22 تىرىليون 90 مىليارد 607 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوت %105.3 ئورۇنلىنىپ، %8.7 ئاشتى. بۇنىڭغا مەركەز خامچوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندىغا تولۇقلاپ بەرگەن 101 مىليارد 854 مىليون يۈەننى قوشقاندا، چىقىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 22 تىرىليون 192 مىليارد 461 مىليون يۈەن بولدى. كىرىم بىلەن چىقىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى بالانس قىلغاندا، 2 تىرىليون 380 مىليارد يۈەن قىزىل رەقەم كۆرۈلۈپ، خامچوتتىكى بىلەن تەڭلەشتى.

  2018-يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى ۋە مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى ئېشىپ باردى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە %12.9 ئاشتى، 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قوشۇلما قىممەت بېجىنى كېمەيتىش تەدبىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن باج ئېتىبار سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئېلىنمايدىغان ئاساسىي خىراجەتنى چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش ھەمدە يېڭى باج نىسبىتى جەدۋىلىنى قوللىنىش شۇنىڭدەك ئىقتىسادتا يېڭىدىن تۆۋەنلەپ كېتىش بېسىمى قاتارلىقلار كۆرۈلگەنلىكى تۈپەيلىدىن 5-ئايدىن 12-ئايغىچە كىرىمنىڭ ئېشىش نىسبىتى تۆۋەنلەپ %2.6كە چۈشۈپ قالدى. كىرىمنىڭ قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، باج كىرىمى 15 تىرىليون 640 مىليارد 52 مىليون يۈەن بولۇپ، %8.3 ئاشقان، بۇنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۆسۈپ %85.3كە يەتكۈزۈلگەن؛ باجدىن باشقا كىرىم 2 تىرىليون 695 مىليارد 132 مىليون يۈەن بولۇپ، %4.7 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %14.7 بولغان.

  2. مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتى.


  مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 8 تىرىليون 544 مىليارد 734 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنىڭ %100.1ىگە توغرا كېلىپ، %5.3 ئاشتى. بۇنىڭغا مەركەز خامچوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندىدىن يۆتكەپ كىرگەن 213 مىليارد يۈەننى، مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندى خامچوتى، مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىدىن يۆتكەپ كىرگەن 32 مىليارد 300 مىليون يۈەننى قوشقاندا، كىرىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 8 تىرىليون 790 مىليارد 34 مىليون يۈەن بولدى. مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 10 تىرىليون 238 مىليارد 180 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوت %99.1 ئورۇنلىنىپ، %7.7 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمى 3 تىرىليون 270 مىليارد 781 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوت %100.7 ئورۇنلىنىپ، %8.8 ئاشتى؛ جايلارغا قايتۇرغان بېجى ۋە قىلغان يۆتكىمە چىقىمى 6 تىرىليون 967 مىليارد 399 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوت %99 ئورۇنلىنىپ، %7.2 ئاشتى. بۇنىڭغا مەركەز خامچوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندىغا تولۇقلاپ بەرگەن 101 مىليارد 854 مىليون يۈەننى قوشقاندا، چىقىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 10 تىرىليون 340 مىليارد 34 مىليون يۈەن بولدى. كىرىم بىلەن چىقىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى بالانس قىلغاندا، مەركەز مالىيەسىدە 1 تىرىليون 550 مىليارد يۈەن قىزىل رەقەم كۆرۈلۈپ، خامچوتتىكى بىلەن تەڭلەشتى.

  مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت ئاساسىي كىرىم تۈرلىرىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى مۇنداق بولدى: ئىچكى قوشۇلما قىممەت بېجىدىن 3 تىرىليون 75 مىليارد 304 مىليون يۈەن كىرىم قىلدۇق، بۇ خامچوتنىڭ %104ىگە توغرا كېلىدۇ. ئىچكى ئىستېمال بېجىدىن 1 تىرىليون 63 مىليارد 175 مىليون يۈەن كىرىم قىلدۇق، بۇ خامچوتنىڭ %100.6ىگە توغرا كېلىدۇ. ئىمپورت ماللىرىدىن ئېلىنغان قوشۇلما قىممەت بېجى ۋە ئىستېمال بېجىدىن 1 تىرىليون 687 مىليارد 875 مىليون يۈەن كىرىم قىلدۇق، بۇ خامچوتنىڭ %98.9 ىگە توغرا كېلىدۇ. تاموژنا بېجىدىن 284 مىليارد 775 مىليون يۈەن كىرىم قىلدۇق، بۇ خامچوتنىڭ %90.7ىگە توغرا كېلىدۇ. كارخانا تاپاۋەت بېجىدىن 2 تىرىليون 224 مىليارد 181 مىليون يۈەن كىرىم قىلدۇق، بۇ خامچوتنىڭ %101.6ىگە توغرا كېلىدۇ. شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىدىن 832 مىليارد 441 مىليون يۈەن كىرىم قىلدۇق، بۇ خامچوتنىڭ %107.4ىگە توغرا كېلىدۇ. ئېكسپورت قىلىنغان ماللارغا قوشۇلما قىممەت بېجى، ئىستېمال بېجى قايتۇرۇش ئۈچۈن 1 تىرىليون 591 مىليارد 345 مىليون يۈەن چىقىم قىلدۇق، بۇ خامچوتنىڭ %107.7ىگە توغرا كېلىدۇ.

  مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتىنىڭ ئاساسلىق ئۆز چىقىمى تۈرلىرىنىڭ كونكرېت ئەھۋالى مۇنداق بولدى. ئادەتتىكى ئاممىۋى مۇلازىمىتى ئۈچۈن 150 مىليارد 368 مىليون يۈەن چىقىم قىلىپ، خامچوتنى %103.4 ئورۇنلىدۇق. دىپلوماتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن 58 مىليارد 337 مىليون يۈەن چىقىم قىلىپ، خامچوتنى %97.1 ئورۇنلىدۇق. دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن 1 تىرىليون 106 مىليارد 970 مىليون يۈەن چىقىم قىلىپ، خامچوتنى %100 ئورۇنلىدۇق. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن 204 مىليارد 151 مىليون يۈەن چىقىم قىلىپ، خامچوتنى %102.5 ئورۇنلىدۇق. مائارىپ ئۈچۈن 173 مىليارد 123 مىليون يۈەن چىقىم قىلىپ، خامچوتنى %101.2 ئورۇنلىدۇق. پەن-تېخنىكا ئۈچۈن 312 مىليارد 27 مىليون يۈەن چىقىم قىلىپ، خامچوتنى %100.2 ئورۇنلىدۇق. ئاشلىق-ماي، ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش ئۈچۈن 137 مىليارد 564 مىليون يۈەن چىقىم قىلىپ، خامچوتنى %100.3 ئورۇنلىدۇق. قەرز ئۆسۈمى ئۈچۈن 416 مىليارد 165 مىليون يۈەن چىقىم قىلىپ، خامچوتنى %97.1 ئورۇنلىدۇق.

  مەركەزنىڭ جايلارغا باج قايتۇرۇش ۋە يۆتكىمە چىقىم قىلىش كونكرېت ئەھۋالى مۇنداق بولدى: باج قايتۇرۇش ئۈچۈن 798 مىليارد 786 مىليون يۈەن چىقىم قىلىپ، خامچوتنى %98.2 ئورۇنلىدۇق، ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم 3 تىرىليون 875 مىليارد 904 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنى %99.4 ئورۇنلىدۇق، بۇنىڭ ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمنىڭ ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ %62.8 كە يەتكۈزدۇق. مەخسۇس يۆتكىمە چىقىم 2 تىرىليون 292 مىليارد 709 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنى %98.8 ئورۇنلىدۇق.

  2018-يىلى، مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتىدا 9 مىليارد 34 مىليون يۈەن ئارتۇق كىرىم قىلىپ ۋە چىقىمدىن 92 مىليارد 820 مىليون يۈەن تېجەپ قېلىپ، ھەممىسىنى مەركەز خامچوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندىغا يۆتكەپ بەردۇق. مەركەزنىڭ زاپاس خىراجىتى خامچوتى 50 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئەمەلىي چىقىم قىلغىنىمىز 1 مىليارد 748 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۇنى ئاساسلىقى جايلارنىڭ ئافرىقا چوشقا ۋاباسىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنى كونترول قىلىش ئىشلىرىغا مەدەت بېرىش قاتارلىق جەھەتلەرگە ئىشلەتتۇق، چىقىم قىلىنماي ئېشىپ قالغان 48 مىليارد 252 مىليون يۈەن (يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن 92 مىليارد 820 مىليون يۈەنلىك چىقىم قالدۇقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نىڭ ھەممىسىنى مەركەز خامچوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندىغا يۆتكەپ بەردۇق. مەركەز خامچوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندىنىڭ 2018-يىل ئاخىرىدىكى قالدۇقى 376 مىليارد 399 مىليون يۈەن بولدى.

  3. جايلارنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتى.


  جايلارنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 16 تىرىليون 757 مىليارد 849 مىليون يۈەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، جايلارنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت ئۆز كىرىمى 9 تىرىليون 790 مىليارد 450 مىليون يۈەن بولۇپ، %7 ئاشتى؛ مەركەزنىڭ جايلارغا قايتۇرغان بېجى ۋە بەرگەن يۆتكىمە چىقىمىدىن قىلغان كىرىمى 6 تىرىليون 967 مىليارد 399 مىليون يۈەن بولدى. بۇنىڭغا يەرلىك مالىيەنىڭ يەرلىك مالىيە خامچوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندى، ھۆكۈمەت فوندى خامچوتى، دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىدىن يۆتكەپ كىرگەن مەبلەغ ۋە ھېساب ئاغدۇرۇلغان مەبلەغ، قالدۇق مەبلەغدىن ئىشلەتكەن 1 تىرىليون 231 مىليارد 977 مىليون يۈەننى قوشقاندا، كىرىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 17 تىرىليون 989 مىليارد 826 مىليون يۈەن بولدى. جايلارنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمى 18 تىرىليون 819 مىليارد 826 مىليون يۈەن بولۇپ، %8.7 ئاشتى. كىرىم بىلەن چىقىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى بالانس قىلغاندا، يەرلىك مالىيەدە 830 مىليارد يۈەن قىزىل رەقەم كۆرۈلۈپ، خامچوتتىكى بىلەن تەڭلەشتى.

  (2) 2018-يىللىق ھۆكۈمەت فوندى خامچوتىنىڭ كىرىم-چىقىم قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا.


  يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرزىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس قەرز كىرىمى ھۆكۈمەت فوندى خامچوتىغا كىرگۈزۈپ باشقۇرۇلدى.

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت فوندى كىرىمى 7 تىرىليون 540 مىليارد 450 مىليون يۈەن بولۇپ، %22.6 ئاشتى. بۇنىڭغا 2017-يىلىدىن ھېساب ئاغدۇرۇلغان 38 مىليارد 559 مىليون يۈەن كىرىمنى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىش ئارقىلىق توپلىغان 1 تىرىليون 350 مىليارد يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت فوندىغا ئالاقىدار كىرىمى 8 تىرىليون 929 مىليارد 9 مىليون يۈەن بولدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھۆكۈمەت فوندىغا ئالاقىدار چىقىمى 8 تىرىليون 56 مىليارد 207 مىليون يۈەن بولۇپ، %32.1 ئاشتى.

  مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندى كىرىمى 403 مىليارد 265 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنىڭ %104.4 ىگە توغرا كېلىپ، %4.2 ئاشتى. بۇنىڭغا 2017-يىلىدىن ھېساب ئاغدۇرۇلغان 38 مىليارد 559 مىليون يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، كىرىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 441 مىليارد 824 مىليون يۈەن بولدى. مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندى چىقىمى 402 مىليارد 155 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوت %94.7 ئورۇنلىنىپ، %8.4 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمى 308 مىليارد 929 مىليون يۈەن، جايلارغا قىلغان يۆتكىمە چىقىمى 93 مىليارد 226 مىليون يۈەن بولدى. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتقا 146 مىليون يۈەن يۆتكەپ بەردۇق. مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندى كىرىمى چىقىمدىن 39 مىليارد 523 مىليون يۈەن ئارتۇق بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، كېلەر يىلى داۋاملىق ئىشلىتىش ئۈچۈن 35 مىليارد 824 مىليون يۈەن ھېساب ئاغدۇردۇق؛ يەككە ھۆكۈمەت فوندىدىن ھېساب ئاغدۇرۇلغان كىرىملەردىن شۇ يىللىق كىرىمنىڭ ٪30دىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى جەمئىي 3 مىليارد 699 مىليون يۈەن بولۇپ، بەلگىلىمە بويىچە مەركەز خامچوتىنى تۇراقلاشتۇرۇش-تەڭشەش فوندىغا تولۇقلاپ بەردۇق.

  جايلارنىڭ ھۆكۈمەت فوندى ئۆز كىرىمى 7 تىرىليون 137 مىليارد 185 مىليون يۈەن بولۇپ، %23.8 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ قىلغان كىرىم 6 تىرىليون 509 مىليارد 585 مىليون يۈەن بولۇپ، %25 ئاشتى. بۇنىڭغا مەركەزنىڭ ھۆكۈمەت فوندىدىن جايلارغا ئاجرىتىپ بەرگەن يۆتكىمە چىقىمىدىن قىلغان 93 مىليارد 226 مىليون يۈەن كىرىمنى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىش ئارقىلىق توپلىغان 1 تىرىليون 350 مىليارد يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، جايلارنىڭ ھۆكۈمەت فوندىغا ئالاقىدار كىرىمى 8 تىرىليون 580 مىليارد 411 مىليون يۈەن بولدى. جايلارنىڭ ھۆكۈمەت فوندىغا ئالاقىدار چىقىمى 7 تىرىليون 747 مىليارد 278 مىليون يۈەن بولۇپ، %32.9 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، دۆلەت يېرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقىنى سېتىپ قىلغان كىرىمگە ئالاقىدار چىقىم 6 تىرىليون 994 مىليارد 104 مىليون يۈەن بولۇپ، %34.2 ئاشتى.

   (3) 2018-يىللىق دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىنىڭ كىرىم-چىقىم قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا.


  دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە، دۆلەت كاپىتالى تىجارىتىنىڭ خامچوت كىرىمى ئاساسلىقى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى تاپقان ساپ پايدىسىغا قاراپ مۇئەييەن نىسبەت بويىچە ئېلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كىرىم-چىقىمنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە ئالاقىدار چىقىملار ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. مەملىكەت بويىچە دۆلەت كارخانىلىرى ۋە دۆلەت پاي كونترول كارخانىلىرى (دۆلەتنىڭ 1-دەرىجىلىك پۇل مۇئامىلە تۈرىدىكى كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) نىڭ 2017-يىللىق ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 53 تىرىليون 750 مىليارد يۈەن، ساپ پايدىسى 2 تىرىليون 350 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئانا شىركەت ئىگىدارلىرىغا تەۋە ساپ پايدىسى 1 تىرىليون 420 مىليارد يۈەن بولدى؛ يىل ئاخىرقى مۈلۈكنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 183 تىرىليون 520 مىليارد يۈەن، قەرز ئومۇمىي سوممىسى 118 تىرىليون 460 مىليارد يۈەن بولدى.

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت كىرىمى 289 مىليارد 995 مىليون يۈەن بولۇپ، %9.8 ئاشتى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت چىقىمى 215 مىليارد 926 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.7 ئاشتى.

  مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت كىرىمى 132 مىليارد 531 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوتنىڭ %96.3ىگە توغرا كېلىپ، %1.6 ئاشتى، بۇنىڭغا 2017-يىلىدىن ھېساب ئاغدۇرۇلغان 11 مىليارد 359 مىليون يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، كىرىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 143 مىليارد 890 مىليون يۈەن بولدى.

  مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت چىقىمى 111 مىليارد 173 مىليون يۈەن بولۇپ، خامچوت %95.1 ئورۇنلىنىپ، %10.1 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزنىڭ ئۆز چىقىمى 102 مىليارد 485 مىليون يۈەن بولدى، جايلارغا 8 مىليارد 688 مىليون يۈەن يۆتكىمە چىقىم قىلدۇق. ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتقا 32 مىليارد 154 مىليون يۈەن يۆتكەپ بەردۇق، يۆتكەپ بېرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ %25كە يەتكۈزدۇق. كېلەر يىل ئۈچۈن ھېساب ئاغدۇرۇپ 563 مىليون يۈەن چىقىم قىلدۇق.

  جايلارنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت ئۆز كىرىمى 157 مىليارد 464 مىليون يۈەن بولۇپ، %17.8 ئاشتى. بۇنىڭغا مەركەزنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىدىن جايلارغا ئاجرىتىپ بەرگەن يۆتكىمە چىقىمىدىن قىلغان 8 مىليارد 688 مىليون يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، كىرىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 166 مىليارد 152 مىليون يۈەن بولدى. جايلارنىڭ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوت چىقىمى 113 مىليارد 441 مىليون يۈەن بولۇپ، %9.2 تۆۋەنلىدى، ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتقا 43 مىليارد 245 مىليون يۈەن يۆتكەپ بېرىلگەنلىكى بۇنىڭغا ئاساسىي سەۋەب بولدى.

   (4) 2018-يىللىق ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى خامچوتىنىڭ كىرىم-چىقىم قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدا.

  رايونلار ئارا كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوند سېلىقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2018-يىلى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق، تەڭشەش ئارقىلىق، كىرىم-چىقىم ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولغان ئۆلكىلەرنىڭ فوند قالدۇقىنى مۇئەييەن نىسبەت بويىچە فوند جەھەتتە كەمتۈكلۈكى بار ئۆلكىلەرگە تەڭشەپ بېرىپ، جايلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى ۋاقتىدا تولۇق تارقىتىپ بېرىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.

  پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوند كىرىمى 7 تىرىليون 264 مىليارد 922 مىليون يۈەن بولۇپ، %24.3 ئاشتى. ئورگان-كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئوخشاش ئۆلچەمدە %7.3 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى 5 تىرىليون 254 مىليارد 320 مىليون يۈەن، مالىيە تولۇقلىما كىرىمى 1 تىرىليون 677 مىليارد 683 مىليون يۈەن بولدى. پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوند چىقىمى 6 تىرىليون 458 مىليارد 645 مىليون يۈەن بولۇپ، %32.7 ئاشتى، ئورگان-كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، ئوخشاش ئۆلچەمدە %12.7 ئاشتى. شۇ يىللىق كىرىم-چىقىم قالدۇقى 806 مىليارد 277 مىليون يۈەن بولدى، يىل ئاخىرىدىكى دومىلىما قالدۇقى 8 تىرىليون 633 مىليارد 713 مىليون يۈەن بولدى.

  مەركەزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كىرىمى 58 مىليارد 211 مىليون يۈەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى 30 مىليارد 184 مىليون يۈەن، مالىيە تولۇقلىما كىرىمى 27 مىليارد 470 مىليون يۈەن بولدى. بۇنىڭغا جايلار مەركەزنىڭ تەڭشەش فوندىغا ئۆتكۈزگەن 241 مىليارد 330 مىليون يۈەن كىرىمنى قوشقاندا، كىرىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 299 مىليارد 541 مىليون يۈەن بولدى. مەركەزنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى چىقىمى 53 مىليارد 213 مىليون يۈەن بولدى، بۇنىڭغا جايلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەن مەركەزنىڭ تەڭشەش فوندى چىقىمى 240 مىليارد 680 مىليون يۈەننى قوشقاندا، چىقىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 293 مىليارد 893 مىليون يۈەن بولدى. شۇ يىللىق كىرىم-چىقىم قالدۇقى 5 مىليارد 648 مىليون يۈەن، يىل ئاخىرىدىكى دومىلىما قالدۇقى 31 مىليارد 549 مىليون يۈەن بولدى.

  جايلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى كىرىمى 7 تىرىليون 206 مىليارد 711 مىليون يۈەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، سۇغۇرتا ھەققى كىرىمى 5 تىرىليون 224 مىليارد 136 مىليون يۈەن، مالىيە تولۇقلىما كىرىمى 1 تىرىليون 650 مىليارد 213 مىليون يۈەن بولدى. بۇنىڭغا مەركەزنىڭ تەڭشەش مەبلىغى كىرىمى 240 مىليارد 680 مىليون يۈەننى قوشقاندا، كىرىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 7 تىرىليون 447 مىليارد 391 مىليون يۈەن بولدى. جايلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى چىقىمى 6 تىرىليون 405 مىليارد 432 مىليون يۈەن بولدى، بۇنىڭغا مەركەزنىڭ تەڭشەش مەبلىغى چىقىمى 241 مىليارد 330 مىليون يۈەننى قوشقاندا، چىقىمنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 6 تىرىليون 646 مىليارد 762 مىليون يۈەن بولدى. شۇ يىللىق كىرىم-چىقىم قالدۇقى 800 مىليارد 629 مىليون يۈەن، يىل ئاخىرىدىكى دومىلىما قالدۇقى 8 تىرىليون 602 مىليارد 164 مىليون يۈەن بولدى.

  مەركەز مالىيەسىنىڭ 2018-يىل ئاخىرىدىكى زايوم قالدۇقى 14 تىرىليون 960 مىليارد 742 مىليون يۈەن بولۇپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان 15 تىرىليون 690 مىليارد 835 مىليون يۈەنلىك چەك ئىچىدە تىزگىنلەندى؛ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ زايوم قالدۇقى 18 تىرىليون 386 مىليارد 152 مىليون يۈەن بولدى، بۇ 10 تىرىليون 993 مىليارد 875 مىليون يۈەنلىك ئادەتتىكى زايوم قالدۇقى بىلەن 7 تىرىليون 392 مىليارد 277 مىليون يۈەنلىك مەخسۇس زايوم قالدۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇمۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان 20 تىرىليون 997 مىليارد 430 مىليون يۈەنلىك چەك ئىچىدە تىزگىنلەندى.

  خامچوتنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان تارماقلارنى قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش ۋە ئىش باشلاشقا كېتىدىغان خىراجەتنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ خىراجىتىنى خامچوتتىن بۇيرۇپ بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، تارماقلارنىڭ نورمال ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئېھتىياجىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. بارلىق مەركەز تارماقلىرىنىڭ خامچوتىنى تەستىقلاش خىزمىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە ئورۇنلىدۇق.

  خامچوتنىڭ ئىجراسىغا دائىر يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن كونكرېت ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 2018-يىللىق پۈتۈن مەملىكەت خامچوتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق پۈتۈن مەملىكەت خامچوتى (لايىھە)»دىن كۆرۈۋېلىڭ.

  

  (5) 2018-يىللىق ئاساسلىق مالىيە-باج سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە نۇقتىلىق مالىيە خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدا.


  2018-يىلى، مالىيە تارماقلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خامچوت قانۇنى ۋە «خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوتنى تەكشۈرۈش-نازارەت قىلىشنىڭ مۇھىم نوقتىسىنى چىقىم خامچوتى ۋە سىياسەتكە كېڭەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى» گە ئاساسەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوتقا دائىر قارارلىرىدىكى تەلەپلەرنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۈچنى ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئۈچ چوڭ جەڭگە مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىجادىيەتلىك قوزغىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە تېخىمۇ كۆپ مايىللىشىپ، مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خامچوت ئىجراسىنى باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتتۇق.

   باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش سىياسىتىنى كۈچەپ يولغا قويدۇق. قوشۇلما قىممەت بېجى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق.

  ياسىمىچىلىق، قاتناش-تىرانسپورت، بىناكارلىق، ئاساس تېلېگراف مۇلازىمەتچىلىكى قاتارلىق ساھەلەرنىڭ ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ماللارنىڭ قوشۇلما قىممەت باج نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىپ، كىچىك كۆلەمدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرغۇچىلارنىڭ ئۆلچىمىنى 5 مىليون يۈەن قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جابدۇقچىلىق قاتارلىق ئىلغار ياسىمىچىلىق، تەتقىق قىلىپ يارىتىش قاتارلىق زامانىۋى مۇلازىمەتچىلىك كارخانىلاردىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلار ۋە ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىنىڭ قەرەل ئاخىرىدا توغرىلاشقا قالدۇرۇلغان باج سوممىسىنى بىر قېتىمدا قايتۇرۇپ بەردۇق. شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىنى يولغا قويدۇق. شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۇنى 2018-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇپ، باج ئېلىنمايدىغان ئاساسىي خىراجەتنى چىقىرىۋېتىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، باج نىسبىتى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ياخشىلىدۇق، مۇشۇ ئاساستا، شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجىدىن مەخسۇس قوشۇمچە خىراجەتنى چىقىرىۋېتىش ۋاقىتلىق چارىسىنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، پەرزەنتلەرنى ئوقۇتۇش قاتارلىق چىقىرىۋېتىلىدىغان 6 تۈرلۈك مەخسۇس قوشۇمچە خىراجەتنى تەسىس قىلىپ، شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۇنى 2019-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇپ، تۈرلەرگە ئايرىلغان باج تۈزۈمىدىن ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن تۈرگە ئايرىش بىرلەشتۈرۈلگەن باج تۈزۈمىگە ئۆتۈشتىن ئىبارەت زور ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ.تەخمىنەن 80 مىليون باج تاپشۇرغۇچىنى مەنپەئەتلەندۈردۇق. كىچىك-مىكرو كارخانىلارغا باج جەھەتتىن مەدەت بېرىش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. كارخانا تاپاۋەت بېجىنى كېمەيتىپ يېرىم ئېلىش ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان كۆلىمى كىچىك، پايدىسى ئاز كارخانىلارنىڭ يىللىق باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنىڭ يۇقىرى چېكىنى 500 مىڭ يۈەندىن 1 مىليون يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، قەرز ئۆسۈم كىرىمىدىن قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان كىچىك-مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەردىن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلىرىغا بېرىلىدىغان ئىناۋەت نورمىسىنىڭ يۇقىرى چېكىنى 1 مىليون يۈەندىن 10 مىليون يۈەنگە ئۆستۈردۇق. كارخانىلارنى تەتقىق قىلىپ يارىتىش سېلىنمىسىنى كۆپەيتىشكە ئىلھاملاندۇردۇق. كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىغا ھاۋالە قىلغان تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلماسلىق توغرىسىدىكى چەكلىمىنى بىكار قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ يارىتىش خىراجىتىنى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىش نىسبىتىنى %75كە يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئوتتۇرا-كىچىك پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىدىن بارلىق كارخانىلارغىچە كېڭەيتتۇق، يۇقىرى-يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار ۋە ئوتتۇرا-كىچىك پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىنىڭ زىيىنىنى ھېساب ئاغدۇرۇش يىل چەكلىمىسىنى 5 يىلدىن 10 يىلغا ئۇزارتتۇق، كارخانىلار يېڭىدىن سېتىۋالغان بىرلىك باھاسى 5 مىليون يۈەندىن ئاشمايدىغان ئۈسكۈنە، ئەسۋابلىرىنى شۇ يىلى باجدىن بۇرۇن بىراقلا باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىدىن چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلدۇق. ئىمپورت-ئېكسپورت بېجى سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈردۇق. ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ 4000 خىلدىن ئارتۇق مەھسۇلاتنىڭ ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش نىسبىتىنى ئۆستۈردۇق ھەمدە باج قايتۇرۇش نىسبىتى قۇرۇلمىسىنى ئاددىيلاشتۇردۇق. راكقا قارشى دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىمپورت دورىلىرىدىن تاموژنا بېجى ئالمىدۇق، ئىمپورت قىلىنغان ئاپتوموبىل ۋە زاپچاس-بۆلەكلەر، قىسمەن كۈندىلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى ۋە سانائەت بۇيۇملىرىنىڭ تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلەتتۇق، بۇنىڭ بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ تاموژنا بېجى ئومۇمىي سەۋىيەسى 2017-يىلدىكى %9.8 تىن %7.5كە چۈشتى. كارخانىلارغا چېتىلىدىغان ھەقلەرنى يەنىمۇ ئېنىقلاپ قېلىپلاشتۇردۇق. كىملىكنى تۇنجى قېتىم ئىلتىماس قىلغۇچىدىن ئېلىنىدىغان تەننەرخ ھەققى قاتارلىق بىر تۈركۈم مەمۇرىي-كەسپىي ھەقلەرنى ئېلىشنى توختاتتۇق، چوڭ-چوڭ سۇچىلىق ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى فوندى قاتارلىق قىسمەن ھۆكۈمەت فوندى ئېلىش ئۆلچىمىنى تۆۋەنلەتتۇق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنىڭ نىسبىتىنى ۋە كارخانىلارنىڭ تۇرالغۇ ئاممىۋى فوندى تاپشۇرۇش نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتتۇق. باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش بويىچە يۇقىرىقى تەدبىرلەرنى قوللانغانلىقىمىز ئۈچۈن، پۈتۈن بىر يىلدا تەخمىنەن 1 تىرىليون 300 مىليارد يۈەنلىك سېلىقنى ئازايتتۇق.

   ئۈچ چوڭ جەڭدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتتۇق. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنى نورما بويىچە باشقۇرۇش ۋە خامچوت باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ساقلانما قەرزىنى ئالماشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئاساسەن ئورۇنلىدۇق. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىش ۋە ئۇنى ئىشلىتىش خىزمىتىگە مەدەتكار بولۇپ، 1 تىرىليون 350 مىليارد يۈەنلىك زايوم تارقىتىش نىشانىنى مۇددەتتىن ئىككى ئاي بۇرۇن ئورۇنلاپ، باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس قەرز خەۋپ-خەتىرىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن نورمىسى ئىچىدە قاتتىق تىزگىنلىدۇق. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش چارىسىنى يولغا قويۇپ، جايلارنىڭ قەرز نورمىسى قالدۇقى، زايوم تارقىتىش ۋە مەبلەغنى ئىشلىتىش-ئورۇنلاشتۇرۇش، قەرزنىڭ دىرى بىلەن ئۆسۈمىنى قايتۇرۇش قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەرتىپلىك ئاشكارىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يوشۇرۇن قەرز خەۋپ-خەتىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ تەمىنلەش ۋە تۈر قۇرۇلۇشى مەنبەسىدىن خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتتۇق. ﻧﺎزارەت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﺎۋاﺑﻜﺎرلىق ﺳﯜرۈﺷﺘۈرۈشنى كۈچەيتىپ، جاۋابكارلىقنى ئۆمۈر بويى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىقنى ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا ماسلىشىپ، قىسمەن شەھەر-ناھىيەلەر ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ قەرز ئېلىش قىلمىشىنى تەكشۈرۈشكە تەشكىلاتچىلىق قىلدۇق ھەمدە شۇنداق قىلغانلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئاشكارىلىدۇق. ئىستاتىستىكىلىق كۆزىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەرز خەۋپ-خەتىرىدىن ۋاقتىدا سىگنال بەردۇق. جايلارنىڭ تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، سـىـسـتـېـمىلىق خەۋپ-خەتەرنىڭ يۈز بەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىدۇق. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدۇق. مەركەز مالىيەسى جايلارغا نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىدىن 106 مىليارد 95 مىليون يۈەن تولۇقلاپ بەردى، بۇ مەبلەغ 20 مىليارد يۈەن كۆپىيىپ، %23.2 ئاشتى، كۆپەيتىلگەن مەبلەغنى «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست» قاتارلىق ئېغىر نامرات رايونلارغا نۇقتىلىق ئىشلەتتۇق. نامرات ناھىيەلەرنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەبلىغىنى بىرلەشتۈرۈش سىنىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر يىلدا 300 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى بىرلەشتۈردۇق. نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خەۋپ-خەتىرىنى قاتتىق تىزگىنلەپ، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشكە قەرز بېرىش-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلارنى بىرتۇتاش تەڭشەپ يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى تارقىتىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يولى بىلەن قېلىپلاشتۇردۇق. مالىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىنى ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مالىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەيدىغان ھەر دەرىجىلىك-ھەر خىل مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق. مالىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەيدىغان تۈر مەبلىغىنى نەتىجىلىك باشقۇرۇش چارىسىنى تۈزۈپ، ئۈنۈمنى نىشانلىق باشقۇرۇشنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇردۇق، بۇ تەخمىنەن نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 110 مىڭغا ۋە 800 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغگە چېتىلىدۇ. بىر يىلدا يېزىلاردا 13 مىليون 860 مىڭ نامرات ئاھالىنى ئازايتتۇق. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇردۇق. مەركەز مالىيەسىنىڭ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغان ئالاقىدار مەبلىغى 255 مىليارد 500 مىليون يۈەن بولۇپ، %13.9 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش سېلىنمىسىنىڭ سالمىقى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل بولدى. مەركەز مالىيەسىنىڭ شىمالدىكى رايونلاردا قىشتا پاكىز ئىسسىنىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتتۇق. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى نۇقتىلىق سۇ دائىرىسىدە تۇتۇشنى چەكلەش تۆلەم تۈزۈمىنى ئورناتتۇق. شەھەرلەرنىڭ قارا-سېسىق سۈيىنى تۈزەش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشىنى باشلاپ، ئوتتۇرا-غەربىي رايوندىكى شەھەر-بازارلارنىڭ يۇندى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش-ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشىغا مەدەت بەردۇق. نىڭشيادىكى خېلەنشەن تېغىنىڭ شەرقىي ئېتىكى، گۈيجوۋدىكى ۋۇمېڭشەن تاغلىق رايونى قاتارلىق 14 تۈرنى تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش-ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى سىناق نۇقتىسىغا كىرگۈزدۇق، بۇنىڭغا ئالدىنقى ئىككى تۈركۈمدىكى 11 سىناق نۇقتىسىنى قوشقاندا، «ئىككى توسۇق، ئۈچ بەلباغ» ئاساسىي فۇنكسىيەلىك ئېكولوگىيە رايون-بۆلەكلەرنى قاپلىدۇق.

   تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەدەت بەردۇق. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتۇق. مەركەزنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوتىنىڭ ئۆز پەن-تېخنىكا چىقىمى %10.3 ئاشتى. دۆلەتنىڭ زور پەن-تېخنىكا مەخسۇس تۈرلىرىنى يولغا قويۇشقا مەدەت بەردۇق، ھەم قىسمەن مەخسۇس تۈرلەرنى تاللاپ سەمىمىيەت ۋە ئۈنۈمنى ئاساس قىلغان «يېشىل يول» سىنىقىنى باشلاش ئۈستىدە ئىزدەندۇق. مەركەز مالىيەسىنىڭ پەن تەتقىقات تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، پەن تەتقىقات تۈرى ۋە خىراجەت باشقۇرۇشنى ياخشىلاش، مەلۇمات جەدۋىلى ۋە جەرياننى تەكشۈرۈشنى ئازايتىش، پەن تەتقىقات تۈرىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەرنى قوللاندۇق. شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئورگانلىرىنى تەشكىلاتچىلىق قىلىپ يولغا قويغان مەركەز مالىيەسى پەن-تېخنىكا پىلانى (مەخسۇس تۈر، فوند قاتارلىقلار)غا قاتنىشىشقا ئىلھام بەردۇق. ياسىمىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە مەدەت بەردۇق. ئاقىل ياسىمىچىلىق، سانائەتنىڭ ئاساسىنى كۈچەيتىش، يېشىل ياسىمىچىلىق ۋە سانائەت ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ياسىمىچىلىق يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بەردۇق. تۇنجى (يۈرۈش) زور تېخنىكىلىق جابدۇق سۇغۇرتا تولۇقلىمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جەمئى 1087 تۈرنى ئومۇملاشتۇرۇشقا مەدەت بەردۇق، بۇنىڭغا چېتىشلىق جابدۇقلارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 150 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. ئىگىلىك تىكلەش-يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتۇق. دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك 100 ئەمەلىي ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا ئۆزگىچە ۋاسىتە بەرپا قىلىشقا مەدەت بېرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش-يېڭىلىق يارىتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولدۇق. دۆلەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك فوندى تەسىس قىلىپ، كىچىك-مىكرو كارخانىلار ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈردۇق. كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە كېپىللىك قىلىش كەسپىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتكەن، كىچىك-مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە كېپىللىك قىلىش خىراجىتىنىڭ نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان جايلارغا رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى ۋە تولۇقلىما بەردۇق. «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» مۇھىم ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈردۇق. ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش ۋە «مۇردا كارخانىلار»نىڭ قەرزىنى قايتا تەشكىللەشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پولات-تۆمۈر، كۆمۈرچىلىك ساھەسىدىكى ئوشۇقچە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تۈگىتىشكە داۋاملىق مەدەت بەردۇق، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ «مۇردا كارخانىلار»نى بىر ياقلىق قىلىش ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كارخانىلارنى تۈزەش خىزمىتىدە ئىجابىي نەتىجىلەر قولغا كەلدى. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەركەز ئاساسىي قۇرۇلۇش سېلىنمىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇردۇق. ھۆكۈمەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ كاپىتال ھەمكارلىقى (ppp)نى قېلىپلاشتۇرۇپ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتۇق، 2018-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ppp ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر سۇپىسىنىڭ تۈر باشقۇرۇش ئامبىرىغا 7 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن مەبلەغ، جەمئىي 4691 تۈر ئەمەلىيلەشتى، ئەمەلىيلىشىش نىسبىتى %54.2 بولدى. شەھەر-يېزا ۋە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق. مەركەز مالىيەسىنىڭ تەڭپۇڭ يۆتكىمە چىقىمى %9.2 كۆپەيدى، كونا ئىنقىلابىي رايونلار، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چېگرا رايونلار ۋە نامرات رايونلارغا قىلىنغان يۆتكىمە چىقىم %15.7 كۆپەيدى، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتۇق. شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇشنىڭ باشلىنىش باسقۇچىدىكى مالىيە مەدىتى سىياسەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، خەينەننىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق زور رايون ئىستراتېگىيەسىگە دائىر مالىيە مەدىتى سىياسىتىنى تەتقىق قىلدۇق. يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى مالىيە سېلىنمىسى بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش تۈزۈمىنى بەرپا قىلدۇق ۋە مۇكەممەللەشتۈردۇق. تېرىلغۇ يەرنى ئۆلكە ھالقىپ تولۇقلاشنى دۆلەت بىرتۇتاش پىلانلاش مېخانىزمى ۋە شەھەر-يېزىلاردىكى قۇرۇلۇش يېرىنىڭ كۆپىيىش-ئازىيىشىنى ئېشىنغان كۆرسەتكۈچكە چېتىپ ئۆلكە ھالقىپ تەڭشەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدۇق. ئاشلىق زاپىسىنى ھەزىم قىلىشنى تېزلىتىپ، شال قاتارلىق ئاشلىق باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا مەدەت بەردۇق. ئىجتىمائىي خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلىدۇق. تېخىمۇ ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويدۇق. ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە تولۇقلىما بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتۇق، مەركەز مالىيەسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم مەبلىغى چىقىمى 46 مىليارد 878 مىليون يۈەن بولۇپ، %6.8 ئاشتى، پۈتۈن بىر يىلدا، شەھەر-بازارلاردا 13 مىليون 610 مىڭ ئادەم يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى. مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدۇق. مەركەز مالىيەسى مائارىپ يۆتكىمە چىقىمىنىڭ %84.4ىنى ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغا قىلدى، ھەم نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇردى. مەملىكەت بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى تەخمىنەن 145 مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇش پۇلى، پارچە خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلدۇق ۋە ئۇلارغا دەرسلىك كىتابلارنى ھەقسىز تارقىتىپ بەردۇق، مەكتەپتە يېتىپ ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار 13 مىليون 920 مىڭ ئوقۇغۇچىنى تۇرمۇش خىراجىتى ياردىمىگە ئېرىشتۈردۇق، شەھەرگە ئىشلىگىلى كىرگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بىللە كۆچۈپ كەلگەن 14 مىليون پەرزەنتلىرىنىڭ ئالاقىدار مائارىپ خىراجىتىنى بىرگە يۆتكىدۇق، 37 مىليون ئوقۇغۇچىنى قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلۇق ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن قىلدۇق. يەسلى مائارىپى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا، كەسپىي مائارىپ، ئالىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بەردۇق. ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنى كۈچەيتتۇق. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار ۋە كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى تەخمىنەن %5 ئۆستۈردۇق. شەھەر-يېزا ئاھالىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى 88 يۈەنگە كۆتۈردۇق، ھەم ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېكىتىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدۇق. قىسمەن دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىپ ئىجتىمائىي كاپالەت فوندىنى تولۇقلىدۇق، 5 مەركەز كارخانىسى ۋە جېجياڭ، يۈننەن ئىككى ئۆلكىدە دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئاساسەن تاماملىدۇق، 19 مەركەز كارخانىسىنىڭ دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىش خىزمىتى ئالغا سىلجىتىلماقتا، دۆلەت كاپىتالىنى ئاجرىتىش بىلەن كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا فوندىنىڭ كەمتۈكىنى تەدرىجىي تولدۇرۇش بىرلەشتۈرۈلگەن ھەرىكەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مالىيەدىن ھەربىر كىشىگە بېرىلىدىغان يىللىق ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمىنى 490 يۈەنگە كۆتۈردۇق، كۆپەيگەن 40 يۈەننىڭ يېرىمى ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئاساسىي ئاممىۋى ساقلىق ساقلاش مۇلازىمەت خىراجىتى ئۈچۈن كىشى بېشىغا بېرىلىدىغان مالىيە ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمىنى 55 يۈەنگە يەتكۈزدۇق. ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنى بېقىش قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە مەدەت بەردۇق. نەپىقە بېرىش ئوبيېكتى قاتارلىق خادىملارغا بېرىلىدىغان نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردىمىنىڭ ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 8 مىليون 600 مىڭدىن كۆپرەك نەپىقە ئوبيېكتلىرىنى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندۈردۇق. تۈرلۈك كەپە ئۆي رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش، ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى يانداش ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا داۋاملىق مەدەت بېرىپ، پۈتۈن بىر يىلدا كەپە ئۆي رايونلىرىنى ئۆزگەرتىش بويىچە 6 مىليون 260 مىڭ يۈرۈش ئۆينى سېلىشنى باشلىدۇق، يېزىلاردىكى 1 مىليون 900 مىڭ خەتەرلىك ئۆينى ئۆزگەرتتۇق. مەدەنىيەتتە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، 50 مىڭدىن ئارتۇق ئاممىۋى مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرىنى ھەقسىز ئېچىۋېتىشقا مەدەت بەردۇق.

  مالىيە-باج ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتۇق. مالىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تېزلەتتۇق. ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتى ساھەسىدە مەركەز بىلەن جايلارنىڭ ئورتاق مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىسلاھات لايىھەسى بىلەن داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ساھەسىنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. مائارىپ، پەن-تېخنىكا، قاتناش-تىرانسىپورت قاتارلىق ساھەلەرنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىسلاھاتى پائال ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ. خامچوت باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز مالىيەسى قاتلىمىدا تۈر چىقىمىنى ئاساس قىلغان خامچوت ئۈنۈمىنى پۈتۈن جەريان بويىچە باشقۇرۇش سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، مەركەزنىڭ ئۆز تۈرى ۋە جايلارغا قىلغان مەخسۇس يۆتكىمە چىقىمىنىڭ ئۈنۈم نىشانى، يۈرۈشۈشىنى نازارەت قىلىپ تىزگىنلەش ۋە ئۈنۈمىنى ئۆزى باھالاشنى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈنۈمنى نۇقتىلىق باھالاشنىڭ دائىملىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، 2018-يىلى 3-تەرەپ ئاپپاراتىنى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر 38 نۇقتىلىق سىياسەت ۋە چوڭ تۈرلەر بويىچە ئۈنۈمنى نۇقتىلىق باھالاشنى يولغا قويدۇق، بۇنىڭغا چېتىلغان مەبلەغ 551 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، باھالاش نەتىجىسىنى باشقۇرۇشنى ياخشىلاش، خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە سىياسەتنى ياخشىلاشقا ئىشلەتتۇق. مەركەز خامچوت-نەق چوتىنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلاشنى تېخىمۇ تەپسىلىيلەشتۈردۇق، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە تارماقلارنىڭ خامچوت-نەق چوتىنى ئاشكارىلاشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردۇق. ھۆكۈمەت مالىيە دوكلاتى تۈزۈش سىنىقىنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتتۇق. باج تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىشقا بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن تۈرگە ئايرىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى تۈزۈمىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىپ، قوشۇلما قىممەت بېجى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈردۇق. باجغا دائىر قانۇن چىقىرىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، مۇھىت ئاسراش بېجى قانۇنى، كېمە-پاراخوت تونناژ بېجى قانۇنى، تاماكا بېجى قانۇنىنى ئوڭۇشلۇق يولغا قويدۇق، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلىۋېلىش قانۇنى، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى سېتىۋېلىش بېجى قانۇنىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، بايلىق بېجى قانۇنى تەرتىپ بويىچە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. دۆلەت كاپىتالى-دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردۇق. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تۇنجى قېتىم ئومۇمىي دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال دوكلات ۋە پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنىڭ دۆلەت مۈلكى توغرىسىدا مەخسۇس دوكلات بەردۇق. دۆلەت كاپىتالى سېلىنمىسى، تىجارەتلىك شىركەتلەرنىڭ ئىسلاھات سىنىقىنى يولغا قويۇش پىكرى، مەركەزدىكى پارتىيە-ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ تىجارەتلىك دۆلەت مۈلكىنى مەركەزلىك بىرتۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىنىقىنى يولغا قويۇش پىكرى ۋە دۆلەت پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرىنى چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، تەرتىپلىك ئەمەلىيلەشتۈردۇق. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي فۇنكسىيەسىنى ئايرىۋېتىش ۋە تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش جەھەتتە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق.

  مالىيە باشقۇرۇش سەۋىيەمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردۇق. مالىيە باشقۇرۇشنىڭ ئۇل خىزمىتىنى كۈچەيتتۇق. كۆپ خىل تەدبىرلەرنى تەڭ قوللىنىپ، خامچوت ئىجراسىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، جايلارغا قىلىنىدىغان يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جايلارنىڭ مائاشقا، خىزمەتنىڭ يۈرۈشىشىگە، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى بېرىش، نېسى قالدۇرغان پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئېلىم پۇلىنى ئېنىقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بەردۇق. خامچوت ئىجراسىنى ھەرىكەتچان كۆزىتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلكە دەرىجىلىك 36 مالىيەدە، مۇتلەق كۆپ ساندىكى شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسىدە خامچوت ئىجراسىنى ھەرىكەتچان كۆزىتىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدۇق. ھۆكۈمەت ئىشلىرى تالونىنى توردا ئاتچوت قىلىش سۇپىسى بەرپا قىلىپ، مەمۇرلارنىڭ كاماندوروپكا خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى ئېلېكترونلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردۇق. جايلارنىڭ ۋاقىتلىق چىقىم پۇلىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتۇق. جايلارنىڭ مالىيە مەخسۇس سچوتىنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش خىزمىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىدۇق. ھۆكۈمەت بوغالتىرلىق مىزانى تۈزۈم سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ بولدۇق، مەمۇرىي، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىچكى تىزگىنلەش-قېلىپلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈردۇق. مالىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتتۇق. مۇھىم باج سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، مالىيەنى نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز باشقۇرۇش، مالىيەدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تۈزەشنى قوللاش ئۈچۈن ئاجراتقان مەبلەغنىڭ ئىشلىتىلىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىغا باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئېنىقلاپ تەكشۈردۇق. بوغالتىرلىق، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش ۋاكالەت ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى كەسكىن بىر تەرەپ قىلدۇق. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تۈزەتتۇق. ئىقتىسادىي تەپتىشتە كۆرسەتكەن، ئىشلىتىلىش ئورنى بەلگىلەنگەن يۆتكىمە چىقىمنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇش، خامچوت ئۈنۈمىنى باھالاشنىڭ قاپلاش دائىرىسى كىچىك بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرگە يۈكسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، تۈزىتىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي تەپتىش تەكلىپىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ۋە قوبۇل قىلىپ، بىرنى بىلىۋېلىش ئارقىلىق باشقىلىرىنىمۇ بىلىۋېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزىتىش نەتىجىسىنى تۈزۈلمە-مېخانىزم جەھەتتىن مۇستەھكەملىدۇق.

  ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، 2018-يىللىق خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى بىر قەدەر ياخشى بولدى، مالىيەنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىسلاھ قىلىش خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردۇق. بۇ ــ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى ۋە ۋەكىللەر، ئەزالارنىڭ نازارەتچىلىك-يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، جايلار، تارماقلار ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خامچوت ئىجراسى ۋە مالىيە خىزمىتىدە بەزى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسلارغىمۇ دۇچ كەلدۇق. ئاساسلىقى مۇنۇلار: مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش ئاساسى پۇختا ئەمەس، چىقىم مۇتلەق ئازايمايۋاتىدۇ، قىسمەن شەھەر، ناھىيەلەر مائاشقا، يۈرۈشۈشكە، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كېتىدىغان چىقىمغا كاپالەتلىك قىلىشتا خېلى چوڭ بېسىمغا دۇچ كەلدى. خامچوت تۈزۈشنىڭ توغرىلىقى ۋە خامچوتنىڭ چەكلەش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ خامچوت تەقسىماتىنى باشقۇرۇشتا ئاجىز ھالقىلار بار، ئىچكى تىزگىنلەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ؛ بەزى جايلار ۋە تارماقلار خامچوت ئىجراسىغا دائىر ئۇل خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىمىگەچكە، چىقىم سۈرئىتى ئاستىلاپ، مالىيە مەبلىغىنى ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇپ ئىسراپ قىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. مەخسۇس يۆتكىمە چىقىمنى چېكىندۈرۈش مېخانىزمى مۇكەممەل ئەمەس، قەرەللىك باھالاشنىڭ قاپلاش دائىرىسى بىرقەدەر تار. ھۆكۈمەت فوندى خامچوتىدىكى بەزى تۈرلەرنىڭ ئىجراسى ئاستا، ھېساب ئاغدۇرۇلغان مەبلەغ كۆپرەك بولۇۋاتىدۇ؛ دۆلەت كاپىتالى تىجارىتىنىڭ خامچوت دائىرىسى تېخى مۇكەممەل ئەمەس؛ كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەش ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشمىدى؛ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل مەبلەغ غەملەش ۋە تەمىناتنى تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوند مالىيەسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقى خىرىسقا دۇچ كەلدى. بەزى رايونلاردا ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ، ئۆز جايىنىڭ مالىيە كۈچىدىن ئاشۇرۇپ زىيادە ۋەدە بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت، بۇنداق ئەھۋاللار مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. بەزى جايلار ھېلىھەم بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ كېپىللىك بېرىپ ۋە باشقىچە يول بىلەن قەرز ئېلىپ، قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش ۋەزىپىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. بەزى سىياسەتلەر جايىدا ئىجرا قىلىنمىدى ۋە ئەمەلىيلەشمىدى، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولمىدى. بىز بۇ مەسىلىلەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەدبىر قوللىنىپ، ئۇنى زور كۈچ سەرپ قىلىپ ھەل قىلىمىز.

  
【1】 【2】 【3】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر