تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى 15 مىليون مولۇق توغراقلىق سۇغا قانىدىغان بولدى

2019.06.26 17:30 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  ئېكولوگىيەلىك سۇ كۆنچى دەرياسىغا ئېقىپ كىردى، كۆنچى دەرياسىغا 712 كىلومېتىر كېلىدىغان جاي.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ما شاۋبىن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ شۆيىڭ، شا بو): 2016-يىلىدىن باشلاپ تۆۋەنكى ئېقىندىن تەدرىجىي ھالدا پۈتۈن ۋادىغا كېڭەيگەن تارىم دەرياسى توغراقلىق مۇھاپىزەت رايونىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاندى، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە، جەمئىي 5 مىليارد 770 مىليون كۇب مېتىر سۇ قويۇپ بېرىلدى. بۇ قانداق ئۇقۇم؟ تىيانشان بوغدا كۆلىنىڭ 160 مىليون كۇب مېتىر سۇ ساقلاش مىقدارى بويىچە ھېسابلىغاندا،بۇ، 36 بوغدا كۆلىنىڭ سۇ مىقدارىغا باراۋەر.

  6-ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، تارىم دەرياسى بويىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش، سۇ يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 2016-يىلىدىن باشلاپ، تارىم دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيەلىك سۈيىنى تەڭشەش تەدرىجىي تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىن پۈتۈن ۋادىغا كېڭىيىپ، پۈتۈن ۋادا بويىچە توغراقلىق مۇھاپىزەت رايونىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش تەشكىللەپ يولغا قويۇلغان.

  يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، كۆنچى دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەنكى ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىش داۋاملىق قانات يايدۇرۇلۇپ، جەمئىي 1 مىليارد كۇب مېتىر سۇ قويۇپ بېرىلىپ، كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدىكى 260 كىلومېتىرلىق دەريا ئېقىنىنىڭ سۈيى ئۈزۈلۈپ 15 يىلدىن كېيىن قايتىدىن سۇ يەتكۈزۈلدى. «دەرياغا يېقىن 50 مېتىر دائىرىدىكى توغراقلار ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى، بىر قىسىم قۇرۇپ كەتكەن ساختا ئۆلۈش ھالىتىدىكى شاخلار قايتىدىن كۆكىرىشكە باشلىنىپ، سۇ يەتكۈزۈشنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.» دېدى شىنجاڭ تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئۆمەرجان ئوبۇل.

  ئىگىلىنىشىچە، تارىم دەرياسى ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىچكى قۇرۇقلۇق دەرياسى بولۇپ، غول ئېقىنىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1321 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 1 مىليون 20 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان تارىم دەرياسى ۋادىسى تارىم ئويمانلىقىدىكى توققۇز چوڭ سۇ سىستېمىسىدىكى 144 ئېقىندىن تەركىب تاپقان، تارىم دەرياسى ۋادىسى بويىغا 15 مىليون مولۇق توغراقلىق جايلاشقان بولۇپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ توغراقلىق رايونى ھېسابلىنىدىكەن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ