يېڭى ئۈزۈلگەن ئاق كىشمىش ئۆرۈكمۇ يىراققا توشۇلىدىغان بولدى. «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 6- ئاينىڭ 9- كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئاق كىشمىش ئۆرۈك شۇ كۈنى ئۈزۈۋېلىنىپ شۇ كۈنى توشۇلۇپ، ئەڭ تېز بولغاندا ئەتىسى يەتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن، شىنجاڭ سىرتىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ قولىغا يەتكۈزۈلگەندە، ئۆرۈك شېخىدىكىدەك يېڭى پېتى تۇرىدىكەن.
ئۇزاقتىن بۇيان، شىنجاڭ مېۋە - چېۋىلىرىنىڭ چىرايلىق نام - ئاتىقى ھەممە يەرگە تارقالغان بولسىمۇ، يېڭى پېتى ساقلاش مۇددىتى قىسقا، توشۇش ئارىلىقى ئۇزۇن بولۇشتەك تەسىرلەر تۈپەيلىدىن، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى كىشىلەرنى پەسىللىك يېڭى مېۋىلەرنى تېز تېتىپ كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش قىيىن ئىدى. بىز شۇنى كۆردۇقكى، بۇ قېتىم ئاق كىشمىش ئۆرۈكنىڭ شىنجاڭدىن يېڭى پېتى چىقىرىلىشىدا ئىككى يېڭى ئۇسۇلغا تايىنىلغان: بىرى، ھاۋانى تەڭشەپ يېڭى پېتى ساقلاش تېخنىكىسى، يەنە بىرى، يېڭى پېتى پارچە سېتىش يېڭى ئەندىزىسى. ئىككى يېڭى ئۇسۇل يېڭى ئۆرۈكنى بازار تاپقۇزۇپلا قالماي، يەنە يېڭى ئۆرۈكنىڭ باھاسىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. يېڭى ئۆرۈكلا ئەمەس، يېقىنقى نەچچە يىلدا، ئاپتونوم رايون يېڭى مېۋىلەرنىڭ ھەجىم مىقدارى، ۋاقىت بىلەن توشۇش ئارىلىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى تەدبىر ئىشلىتىپ، ھەر يىلى بىر تۈركۈم پەسىللىك مېۋىلەرنى، مەسىلەن، قومۇل قوغۇنى، ئۈزۈم قاتارلىقلارنى يېڭى پېتى شىنجاڭدىن چىقاردى. بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ مېۋە كەسپىدە ماڭغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، شىنجاڭنىڭ مېۋە كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ئېنېرگىيە قوشتى.
بۈگۈنكى كۈندە، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ يېمەكلىكلەرگە بولغان ئېھتىياجى تويغىچە يېيىشتىن ياخشىسىنى يېيىشكە، يېڭى پېتى يېيىشكە ئۆزگەردى. شىنجاڭ مېۋىلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ تاماق ئۈستىلىگە يېڭى پېتى چىقىرىشتا، جەزمەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ، بىر قاتار يېڭى تەدبىرلەر ئارقىلىق تەمىنلەش سۈپىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.
(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش ئېلېكتىرونلۇق خەت ساندۇقى ئادرېسى: xjrbplb@126.com)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ