مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۈرۈمچى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ بەش تەدبىرى يازلىق تەتىللىك شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بەرگۈچىلەرگە قولايلىق ياراتتى

2019.06.26 17:31 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شىن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ دەن): 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، مۇخبىرلارنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنى بېرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، قاتناش ساقچى تارماقلىرى بەش تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويۇپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى ئۇلانباي شوپۇرلۇق ئىمتىھان مەركىزى ئىمتىھان مەيدانىنىڭ خەلق ساقچىسى جاۋ جيېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل يازلىق تەتىلدە شوپۇرلۇق ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ 12 مىڭ ئادەم ئەتراپىدا بولۇشى مۆلچەرلەنگەن.

  ئىجتىمائىيلاشقان ئىمتىھان مەيدانى قېتىم سانىنى كۆپەيتىلىدۇ

  ھازىر، ئۈرۈمچى شەھىرىدە جەمئىي 97 شوپۇرلۇق مەكتىپى بار بولۇپ، ئۇلانباي ئىمتىھان مەيدانىدىن باشقا، شەھەر رايونىدىكى 8 ناھىيە دەرىجىلىك ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدا 1-تۈر ئىمتىھانىنى بېرىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جياڭباۋ شوپۇرلۇق مەكتىپى، كەسپىي شوپۇرلۇق مەكتىپى، ئېلېكتىر كۈچى شوپۇرلۇق مەكتىپى، ئەنجېتې شوپۇرلۇق مەكتىپى، جىجۈنشياڭ شوپۇرلۇق مەكتىپى، لىتۇڭدا شوپۇرلۇق مەكتىپى، لۇلۇتۇڭ شوپۇرلۇق مەكتىپىدىن ئىبارەت يەتتە مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىيلاشقان ئىمتىھان مەيدانىدا 2-، 3-تۈر ئىمتىھانىنى بېرىشكە بولىدۇ.

  بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا، ئىمتىھان نۇقتىلىرى 7دىن 15كە كۆپەيگەن، ئىجتىمائىيلاشقان ئىمتىھان مەيدانىنىڭ ئىمتىھان قېتىم سانى بۇلتۇرقى ھەر كۈنى بىر ئورۇننى ئېچىۋېتىشتىن ئىككىگە كۆپەيتىلگەن.

  بىر ئادەمگە يەتسىلا سىنىپ ئېچىپ شوپۇرلۇق ئىمتىھانى بەرگىلى بولىدۇ

  بۇلتۇر، يازلىق تەتىللىك سىنىپتا شوپۇرلۇق مەكتىپىگە 10 ئادەم تىزىملاتقاندىن كېيىن سىنىپ ئېچىپ ئىمتىھان بېرىش يولغا قويۇلغان ئىدى، بۇ يىل تىرانسپورت باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇش ئارقىلىق، يازلىق تەتىلدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شوپۇرلۇق مەكتىپىگە تىزىملاتقاندىن كېيىن قايسى ۋاقىتتا كەلسە شۇ ۋاقىتتا ئاپتوموبىل ھەيدەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، بىر ئادەم بولسىلا سىنىپ ئېچىپ ئىمتىھان بېرىشكە بولىدىغان بولدى، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى 24 سائەت ئىچىدە قوبۇللاشنى تاماملايدۇ، كۇرسانتلار بىرىنچى تۈر ئىمتىھانىنى بېرىشنى ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ.

  ئىمتىھان پىلانى ئومۇميۈزلۈك كۆپەيتىلىپ، ھەم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئېھتىياجى، ھەم جەمئىيەتتىكى كۇرسانتلارنىڭ ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ

  بۇلتۇر يازلىق تەتىللىك شوپۇرلۇق ئىمتىھانىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، ئىمتىھانغا ئالدىن كېلىشىش مىقدارى 1-تۈرنىڭ كۈنىگە 700 ئادەم (قېتىم)، 2-تۈرنىڭ كۈنىگە 900 ئادەم (قېتىم)، 3-تۈردىكى ئەمەلىي يولدا كۈنىگە 250 ئادەم (قېتىم) بولغان.

  مۇشۇ ئاساستا، بۇ يىل يازلىق تەتىلدە بېرىلىدىغان ئىمتىھانغا ئالدىن كېلىشىش مىقدارى 1-تۈرنىڭ كۈنىگە 1160 ئادەم (قېتىم)، 2-تۈرنىڭ كۈنىگە 1690 ئادەم (قېتىم)، 3-تۈرنىڭ كۈنىگە 1030 ئادەم (قېتىم) بولىدىكەن. ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىمتىھان بېرىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە جەمئىيەتتىكى كۇرسانتلارنىڭ ئىمتىھان بېرىش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدىكەن.

  12123 غا تېلېفون قىلىپ، ئاۋازلىق مۇلازىمەت مەركىزى ئارقىلىق ئىمتىھانغا ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ

  توردا ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ ئىمتىھانىنى ئالدىن كېلىشىشتىن باشقا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 12123 ئاۋازلىق مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بەرسە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ مۇلازىمەت تېلېفونىدا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تۈرلۈك سوئاللىرىغا بىرىنچى ۋاقىتتا جاۋاب بېرىلىدۇ، مەسىلەن، تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن قانداق ئالدىن كېلىشىپ ئىمتىھان بېرىش، كېيىنكى تۈردىكى ئىمتىھاننى قانداق قىلىپ تېز سۈرئەتتە بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلىدۇ، ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنى 12123 ئاۋازلىق مۇلازىمەت مەركىزىدە مەخسۇس مۇلازىمەت تەسىس قىلىپ جاۋاب بېرىدۇ.

  ئەگەر ئىمتىھان بېسىلىپ قالسا، پىلاندىكى ئىمتىھان مەيدانىنى ھەر ۋاقىت تەڭشىسە بولىدۇ

  جاۋ جيې مۇنداق دېدى: ئىمتىھان مەزگىلىدە ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىنىڭ خىزمەتچىلىرى ھەر كۈنى ئىمتىھانغا ئالدىن كېلىشىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى نازارەت قىلىدۇ، ئەگەر ئىمتىھان بېسىلىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە، پىلاندىكى ئىمتىھان مەيدانىنى ھەر ۋاقىت تەڭشەپ، پىلاندىكى ئىمتىھان مەيدانىنىڭ قېتىم سانى ياكى پىلاندىكى ئادەم سانىنى كۆپەيتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ كېلىشىپ ئىمتىھان بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئالاھىدە ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، بۇ يىل يولغا قويۇلغان بەش تۈرلۈك يېڭى تەدبىردىن باشقا، ئىلگىرىكى يىللاردىكى خەلققە قولايلىق تەدبىرلەر ئوخشاشلا قوللىنىلىدۇ، مەسىلەن: كىملىكى يىتۈپ كەتسە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ياكى نوپۇس دەپتىرى ئارقىلىق ئىمتىھانغا قاتنىشىشقا بولىدۇ؛ 2-،3-تۈر، 3-، 4-تۈر ئىمتىھانىنى ئۇلاپ بېرىشكە بولىدۇ؛ شوپۇرلۇق ئىمتىھان ئورنىغا بېرىشتا يانفون خەرىتىسى بىر كۇنۇپكا بىلەن يول باشلاپ بېرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ