باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

2018-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى ۋە 2019-يىللىق مەركەز خامچوتى بىلەن يەرلىك خامچوتنىڭ لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات(3)

2019.06.19 15:43        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  3. 2019-يىللىق مالىيە ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى خىزمىتىنى

  پۇختا، ياخشى ئىشلەيمىز

  2019-يىلى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئېغىر، خىرىس كۆپ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتلەرنىڭ يېڭى مەزمۇنىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مالىيە ئىسلاھاتى-تەرەققىياتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى دەل جايىدا كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز.

   (1)خامچوت قانۇنىنى قاتتىق يولغا قويىمىز.

  خامچوت قانۇنچىللىق ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خامچوت قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خامچوت قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىنى تېز تۈزۈپ چىقىپ يولغا قويۇپ، مالىيە كىرىم-چىقىمىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرىمىز. دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى خامچوتىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى تەتقىق قىلىپ يەنىمۇ كېڭەيتىمىز. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندى خامچوتىنى باشقۇرۇش ۋە كىرىم-چىقىم باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. خامچوت، نەق چوتنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاشكارىلاش دائىرىسى ۋە مەزمۇنىنى كېڭەيتىمىز. خامچوت تۈزۈشنىڭ ئىلمىيلىكى، توغرىلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، تارماقلار خامچوت ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي بولغان خامچوت چىقىم ئۆلچەم سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تارماقلار خامچوتىنىڭ ئومۇمىيلىقى، قېلىپلىقلىقى ۋە ئاشكارىلىقلىقىنى ئۆستۈرىمىز. خەلق قۇرۇلتىيى تەستىقلىغان خامچوتنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، خامچوت ئىجراسى سۇبيېكتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ۋە خامچوت ئىجراسىنى باشقۇرۇش-نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، خامچوت چەكلىمىسىنى چىڭىتىپ، خامچوتنى قانۇن بويىچە تەڭشەيمىز. خەزىنە مەركەزلىك چىقىم قىلىش ھەرىكەت مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، مالىيە مەبلىغىنى ھەرىكەتچان كۆزىتىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خامچوت ئورۇنلىرىنىڭ مالىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز. جايلارنىڭ ۋاقىتلىق ئامانەت پۇلىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خەزىنە مەركەزلىك چىقىم قىلىش قالدۇقىدىن باشقا ھوقۇق-مەسئۇلىيەت پەيدا بولۇش تۈزۈمى بويىچە چىقىم قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ۋاقىتلىق چىقىم پۇلىنىڭ دائىرىسى، مۇددىتى ۋە تەستىقلاش تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، كۆپەيمە مىقدارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ساقلانما مىقدارنى ھەزىم قىلىمىز. ھۆكۈمەت سېلىنما فوندى، كارخانىغا چېتىشلىق مالىيە مەبلىغى ۋە خەلق تۇرمۇشى مەبلىغىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مالىيە-باج سىياسىتىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مالىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىمىز.

   (2) مالىيە-باج تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز.

  جىددىي قۇتقۇزۇش، تەبىئىي بايلىق قاتارلىق ساھەلەردە مەركەز بىلەن جايلارنىڭ مالىيە ئىش ھوقۇقى ۋە چىقىم مەسئۇلىيىتىنى ئايرىش ئىسلاھات لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ چىقىمىز. مەركەز بىلەن جايلارنىڭ مالىيە كۈچ ئەندىزىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى ساقلاش ئاساسىدا، مەركەز بىلەن جايلارنىڭ كىرىمىنى ئايرىش ئىسلاھاتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. يۆتكىمە چىقىم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ جايلارغا يۆتكىمە چىقىم قىلىش سىستېمىسىنى ياخشىلاپ، ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىم كۆلىمىنى زورايتىپ، مەخسۇس يۆتكىمە چىقىمنى قەرەللىك باھالاش ۋە چېكىندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىمىز. ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن تۈرگە ئايرىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەخسىيلەر تاپاۋەت بېجى تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەخسلەرنىڭ كىرىم ۋە مال-مۈلۈك ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. يەرلىك باج سىستېمىسىنى قەدەممۇقەدەم مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىسمەن ماللاردىن ئىستېمال بېجى ئېلىش ھالقىسىنى كەينىگە سۈرۈشنى تەتقىق قىلىمىز. باجنى قانۇندا بەلگىلەش پىرىنسىپىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باجغا دائىر قانۇن چىقىرىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرىمىز. سېتىۋېلىش سۇبيېكتىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېنىق، سودا قائىدىسى ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مېخانىزمى مۇكەممەل، سىياسەت ئىقتىدارى تولۇق، قانۇن-تۈزۈم مۇكەممەل، تېخنىكا تىرىكى ئىلغار بولغان زامانىۋى ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش تۈزۈمىنى تېز شەكىللەندۈرىمىز. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ زايوم تارقىتىشىنى باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارقىتىش باھاسىنى بېكىتىشنىڭ بازارلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، سېلىنما سۇبيېكتىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىمىز. ھۆكۈمەت بوغالتىرلىق نىزامى تۈزۈمىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ مالىيە دوكلاتىنى تۈزۈش سىنىقىنىڭ دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىمىز. دۆلەت كاپىتالى سېلىنما شىركىتى، دۆلەت كاپىتالى تىجارىتى شىركىتىنىڭ ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. دۆلەت مۈلكىنى دوكلات قىلىش تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 2018-يىللىق دۆلەت مۈلكىنى ئۇنىۋېرسال دوكلات قىلىش ۋە مەمۇرىي-كەسپىي دۆلەت مۈلكىنى مەخسۇس دوكلات قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.

   (3) باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

  ھەرقايسى رايون، تارماقلاردا يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىرلىكتە ئىلگىرىلەپ، خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش خىزمىتىنى بىرلىكتە پۇختا ۋە ھەقىقىي تۈزۈپ چىقىمىز. ئاددىي، قولاي مەشغۇلات قىلىشقا بولىدىغان يولغا قويۇش لايىھەسىنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈپ چىقىپ ۋە ئىمكانقەدەر بالدۇر ئېلان قىلىپ يولغا قويۇپ، مۇقىم، ئاكتىپ كۆزلىمىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىشنى تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرىمىز. تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ ۋە پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، كارخانىلارنى سىياسەت پايدىسىدىن تېزرەك بەھرىلەندۈرىمىز. مۇلازىمەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسەتنى كۆپ خىل شەكىلدە تەشۋىق قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، كارخانىچىلارغا بولغان تەشۋىق قىلىش-تونۇشتۇرۇش، كارخانا مالىيە خادىملىرىنى تەربىيەلەش ۋە سىياسەت جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ سىياسەتلەرنى بىلىشى، تولۇق، ياخشى ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىمىز. باجنى كېمەيتىش-ھەقنى ئازايتىش سىياسىتىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى يېقىندىن ئىزلاپ، سىياسەتنى يولغا قويۇش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا تەتقىق قىلىپ ۋە ھەل قىلىپ، سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ھەق ئېلىش تۈرى تىزىملىكى «بىر تور» قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قالايمىقان ھەق ئالغانلارنى پاش قىلىش، ئەرز قىلىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز. تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كارخانا ۋە ئاممىغا ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرىمىز.

   (4) خەلق تۇرمۇشىغا دائىر چىقىملارنى باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرىمىز.

  ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەش، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، تۆۋەن چەكنى ساقلاشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىمىز. مەركەزنىڭ خەلق تۇرمۇشى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك خامچوتنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئالدى بىلەن مەركەزنىڭ خەلق تۇرمۇشى سىياسىتىنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىپ، مەركەزنىڭ خەلق تۇرمۇشى سىياسىتىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز. خەلق ئاممىسىنىڭ ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر چىقىم تىزىملىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ نامى، كاپالەت دائىرىسى، چىقىم ئۆلچىمى ۋە ئەنگە ئالدۇرۇش جەريانلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرىمىز، جايلار خەلق تۇرمۇشىغا دائىر چىقىم سىياسىتىنى ئۆز ئالدىغا چىقىرىشتا تەرتىپ بويىچە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك. خەلق تۇرمۇشى سىياسىتىنى ئىشتىن بۇرۇن دەلىللەش، باھالاشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلام ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ۋە قىيىنچىلىقى بار رايونلارنىڭ مالىيە كۈچىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ مالىيە چىقىمىغا بولغان نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى تەسىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئانالىز قىلىپ، مالىيەنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان چىقىم سىياسىتىنى چىقىرىشنى قەتئىي چەكلەيمىز. جايلارغا قىلغان يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام مالىيەسىنىڭ خەلق تۇرمۇشى چىقىمىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە مەدەت بېرىمىز. خەلق تۇرمۇشىغا دائىر چىقىمنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈش ۋە سىگنال بېرىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال كاپالەت ئىقتىدارىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان، مالىيە كۈچىدىن ھالقىپ كەتكەن قۇرۇلۇشلارنى قىلىشتەك چىقىم سىياسەتلىرى ياكى تۈرلەرنى ۋاقتىدا تۈزىتىمىز.

  (5) خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىمىز.

  خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش تۈزۈم چارىسى ۋە كەسىپ جەريانلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپلەر ۋە ساھەلەر بويىچە ئايرىلغان ئۈنۈم كۆرسەتكۈچى ۋە ئۆلچەم سىستېمىسىنى ساغلاملاشتۇرىمىز. خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، مالىيە مەبلىغىنى پەيدىنپەي نەتىجىلىك باشقۇرۇش بىلەن قاپلاپ، ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرى ۋە مەبلەغ ئىشلىتىش تېرمىنالىغىچە ئۇزارتىپ، مەركەز تارماقلىرىنىڭ ئومۇمىي چىقىمىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاش سىنىقىنى قانات يايدۇرىمىز. خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇش ئۆتكىلىنى ئىشتىن كېيىن باھالاشتىن ئىشتىن بۇرۇن ۋە ئىش ئارىلىقىدا باھالاشقىچە ئۇزارتىپ، خامچوت تۈزۈشنىڭ ئىلمىيلىكى ۋە توغرىلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، مالىيە بايلىقىنى تەقسىملەش ھالقىسى ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا زىيانغا ئۇچرىتىش ۋە ئىسراپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز. تارماقلار ۋە مەبلەغ ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، مالىيە ۋە كەسىپلەرنى باشقۇرۇشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خامچوت ۋە ئۈنۈم باشقۇرۇشنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئۈنۈم باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈم باھالاش نەتىجىسىنى قوللىنىپ رىغبەتلەندۈرۈش-چەكلەش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خامچوت ئورۇنلاشتۇرۇشقا باغلاپ، ئۈنۈمى تۆۋەن، ئۈنۈمسىز چىقىملارنى بىردەك ئازايتىمىز. مۇھىم سىياسەت ۋە تۈرلەرنىڭ ئۈنۈم نىشانى، ئۈنۈم باھالاش نەتىجىسىنى تەڭ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا يوللايمىز ھەمدە ئۇنى خامچوت، نەق چوت بىلەن بىللە جەمئىيەتكە ئاشكارىلايمىز.

   (6) خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن بويىچە خامچوتنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشىنى قوللايمىز ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىمىز.

  «خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوتنى تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى چىقىم خامچوتى ۋە سىياسىتىگىچە كېڭەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»دىكى تەلەپلەرنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، چىقىم خامچوتى ۋە سىياسىتىنىڭ ئىلمىيلىكى، ئۈنۈملۈكلىكىنى ئۆستۈرىمىز. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى زىچ چۆرىدەپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى، قىيىن مەسىلىلەر، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىپ تەكشۈرۈپ چىققان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئىشلىرىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان ئاچقۇچلۇق مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، چىقىم خامچوتى ۋە سىياسىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرىمىز. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ خامچوت-نەق چوت توغرىسىدىكى قارارلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ۋە ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىمىز. ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىشتا بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى بەرپا قىلىمىز ۋە مۇكەممەللەشتۈرىمىز. ۋەكىل، ئەزالارغا مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋەكىل، ئەزالارنىڭ پىكىر ۋە تەكلىپلىرىنى تولۇق تەتقىق قىلىپ ۋە قوبۇل قىلىپ، كۈندىلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىش، خامچوت دوكلاتى ۋە لايىھە تۈزۈشنى ياخشىلاش، تەكلىپ، تەۋسىيە بېجىرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ۋەكىل، ئەزالارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور كۈچ چىقىرىمىز.

  ۋەكىللەر، 2019-يىللىق مالىيە خامچوت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ پىكر-تەكلىپلىرىنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا بېسىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، مالىيە خامچوتىغا ئالاقىدار تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ھەم ياخشى ئىشلەپ، مالىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىشى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئاساس سېلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىمىز بىلەن تەبرىكلەيلى!
【1】 【2】 【3】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر