مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا داشۆسى 2019-يىلى شىنجاڭدىن 61 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى

2019.06.26 17:26

  مۇخبىرىمىز شېن زۇشياۋ خەۋىرى: 2019-يىلى، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا داشۆسى شىنجاڭدىن 61 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى.

  دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا داشۆسى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى لۇ فېڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ 61 ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىش پىلانىدا، غەيرىي قوماندانلىق تۈرىگە 24 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي پەندىن 23 ئوغۇل ئوقۇغۇچى، 1 قىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىمىز؛ قوماندانلىق تۈرىگە 37 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تەبىئىي پەندىن 32 ئوغۇل ئوقۇغۇچى، ئىجتىمائىي پەندىن بەش ئوغۇل ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىمىز.

  لۇ فېڭنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا داشۆسى تۇنجى تۈركۈمدە دۆلەتنىڭ «211 قۇرۇلۇشى» قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگەن مەكتەپ بولۇپ، پەن كەسىپلىرى تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى، ھەربىي ئىلىم، باشقۇرۇش ئىلمى، پەلسەپە، ئىقتىسادشۇناسلىق، قانۇنشۇناسلىق، ئەدەبىيات قاتارلىق سەككىز تۈرگە چېتىلىدىكەن.

  دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ شىنجاڭدا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە پىلانى تۆۋەندىكى سۈرەتتىكىدەك بولۇپ، ئىمتىھان بېرىشنى خالايدىغان ئوقۇغۇچىلار 84574064-0731غا تېلېفون قىلسا بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ