ئامېرىكا ئىللىنوئىس ئىشتاتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى زاسېداتېللار ئۆمىكى تۈنۈگۈن برېنت كرىستېنسوننىڭ 2017-يىلى جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچى جاڭ يىڭيىڭنى تۇتقۇن قىلىش ۋە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بارلىقىغا كېسىم چىقاردى.
بۇ كېسىمنى 12 نەپەر زاسېداتېلدىن تەركىب تاپقان زاسېداتېللار ئۆمىكى بىردەك چىقاردى. كېسىمگە ئاساسەن، كرىستېنسون جاڭ يىڭيىڭنى تۇتقۇن قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىش؛ ئامېرىكا قوشما ئىشاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە جاڭ يىڭيىڭ يوقاپ كەتكەن كۈنى مەن نەق مەيداندا ئەمەس، بەلكى ئويۇن ئويناۋاتىمەن ۋە ئۇخلاۋاتىمەن دەپ يالغان ئېيتىش؛ قوشما ئىشتاتلىق تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە شۇ كۈنى ھەقىقەتەن بىر ئاسىيالىق ئايالنى ماشىنىسىغا ئېلىۋالغانتىم، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنى ماشىنىدىن چۈشۈرۈپ قويدۇم دەپ يالغان ئېيتىشتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئەيىبلەشكە دۇچ كەلدى.
سوت مەھكىمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، بۇ دېلو ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇلىدۇ ھەمدە 7- ئاينىڭ 8-كۈنى جازا ھۆكۈم قىلىش باسقۇچىغا كىرىدۇ. كرىستېنسونغا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ