مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سۈرىيە كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى نىمور: ئامېرىكىنىڭ سودا قورۇقچىلىقى دۇنيانىڭ بەخت-سائادىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ

2019.06.26 16:39 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  سۈرىيە بىرلىككە كەلگەن سۈرىيە كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى نىمور يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئامېرىكىنىڭ سودا قورۇقچىلىقىنىڭ زىيىنى مەلۇم كارخانا ياكى دۆلەتكىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە بەخت–سائادىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ دېدى.

  نىمور مۇنداق دېدى: يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان بىر قاتار بېسىم قىلىش قىلمىشلىرى خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ، «ئادىل بولمىغان مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ھەرقانداق دۆلەت تەدبىر قوللىنىپ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداشقا ھوقۇقلۇق». ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئامېرىكىنىڭ خۇاۋېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو كارخانىلىرىغا بېسىم قىلىش تەدبىرى قوللىنىشىنىڭ ئورۇنلۇق سەۋەبى يوق، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا مىزانغان كۆزگە ئىلماي، ئىقتىسادىي جازادىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىش ئۇسۇلى ئامېرىكا كۆز-كۆز قىلغان ئەركىن بازار، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى بىلەن زىت.

  نىمور ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەپچىلىك ۋە سودا قورۇقچىلىقى قىلمىشى ھەققىدە توختىلىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقنى ساقلاپ، ئورتاق ئىقتىسادىي تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئامېرىكىنىڭ خاتا سىياسىتىگە قارشى تۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ