ئامېرىكا سودا ۋەكىللەر ئىشخانىسى مۇشۇ ئايدا ھەر قايسى دۆلەتلەر ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىدىغان قوش تەرەپلىك قۇياش ئېنېرگىيەسى زاپچاسلىرىدىن يەنە %25 لىك تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئالماسلىقنى قارار قىلدى، بۇ-جۇڭگو يورۇقلۇق ۋولت كارخانىلىرىنىڭ بىر قېتىملىق غەلىبىسى دەپ ئومۇميۈزلۈك قارالدى.
بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ قوش تەرەپلىك قۇياش ئېنېرگىيەسى زاپچاسلىرىدىن تاموژنا بېجى ئالماسلىقى-ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ يورۇقلۇق ۋولت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ ئامېرىكا خېرىدارلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقىدىن بولدى. يىڭلى گۇرۇھىنىڭ باش ئالىمى سۇڭ دېڭيۈەن مۇنداق دېدى: قوش تەرەپلىك زاپچاسلار-يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى جۇڭگو جۇڭگو يورۇقلۇق ۋولت كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشلىرىدىن بىرى بولدى. ئېلىمىز-يەر شارى يورۇقلۇق ۋولت كەسپى بىر قەدەر ئىلغار دۆلەت، بۇلتۇر ئېلىمىزنىڭ قوش تەرەپلىك باتارېيە ۋە زاپچاسلىرى پۈتكۈل كەسىپ ئىقتىدارىنىڭ %15 نى ئىگىلىدى. بۇ يىل قوش تەرەپلىك زاپچاسلارنى چىقىرىش مىقدارى ئومۇمىي مال چىقىرىش مىقدارىنىڭ %20 نى ئىگىلىشى، بۇندىن كېيىن يىلمۇ-يىل ئېشىشى مۇمكىن.
ئامېرىكىنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىش ۋە تولۇقلىمىغا قارشى تەكشۈرۈشى، 201 تەكشۈرۈشى، 301 تەكشۈرۈشى قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلىرى بىلەن تاموژنا بېجىنىڭ گىرەلەشمە تەسىرىدە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ يورۇقلۇق ۋولت زاپچاسلىرىنى ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىش مىقدارى تېز ئازايدى، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۆكمە قىلىپ سېتىش ۋە تولۇقلىمىغا قارشى تەكشۈرۈشنى بىكار قىلىشى بىلەن، كارخانىلارنىڭ ياۋروپاغا قىلغان ئېكىسپورتى زور كۆلەمدە ئاشتى، ئېكىسپورت بازىرىمۇ ۋېيتنام، ئۇكرائىنا، مېكسىكا، پاكىستان قاتارلىق گۈللەنمە بازارلارغا يۆتكىلىشكە باشلىدى، جۇڭگو ماشىنا ئېلېكتىر سودا ئۇيۇشمىسى يورۇقلۇق ۋولت شۆبىسىنىڭ باش كاتىپى جاڭ سېن بۇ يىل ئېلىمىز يورۇقلۇق ۋولت زاپچاسلىرى كەسىپ ئىقتىدارىدا چەتئەل بازارلىرىغا بولغان ئېكىسپورتنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ دېدى.
جاڭ سېن مۇنداق دېدى: شۇنچە كۆپ يىلدىن بۇيان، بىز شۇنچە كۆپ يورۇقلۇق ۋولت سودىسىنى قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى تۈزدۇق، جۇڭگونىڭ يورۇقلۇق ۋولت كەسپى بارغانسېرى ياخشى تەرەققىي قىلماقتا، تېخنىكا سەۋىيەسى بارغانسېرى ئالدىغا ئۆتمەكتە، كەسپىي ئېكىسپورت بازىرى بارغانسېرى كۆپ مەنبەلەشمەكتە، ئېچىلىۋاتقان گۈللەنمە بازارلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ