مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پېنسىيىگە چىقىپ قايتا تەكلىپ قىلىنغان ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتىن بوشىتىلسا ئىككى ھەسسە تۆلەم تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟

2019.06.24 14:41 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لاۋۋاڭ بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن بولۇپ، پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن ھەمدە پېنسىيە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان، كېيىن مەلۇم خوجىلىق شىركىتى تەرىپىدىن ئامانلىق ساقلىغۇچى بولۇشقا تەكلىپ قىلىنغان، لېكىن، خىزمەتكە كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، خوجىلىق شىركىتى لاۋۋاڭنى ئىشتىن بوشاتقان. ئۇنداقتا، لاۋۋاڭ ئەمگەك توختامى قانۇنىدىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئەمگەك توختامىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا بىكار قىلغان دەپ قاراپ، ئىدارىدىن ئىككى ھەسسە ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟

  سوئال: لاۋۋاڭ بىلەن خوجىلىق شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغىنى ئەمگەك توختامىمۇ ئەمەسمۇ؟

  جاۋاب: لاۋۋاڭ بىلەن خوجىلىق شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغىنى ئەمگەك توختامى ئەمەس، بەلكى ئەمگەك مۇلازىمىتى توختامىدۇر. ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 44- ماددا 2- تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەسلىدىكى ئەمگەكچى ئەگەر پېنسىيەگە چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشقا باشلىغان بولسا، شۇنىڭدىن ئېتىبارەت ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئەمگەك توختامى ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا، ئەسلىدىكى ئەمگەكچى پېنسىيىگە چىققاندىن كېيىن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تەرىپىدىن قايتا تەكلىپ قىلىنسا، ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى ئەمگەك مۇناسىۋىتى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇ كىشى ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ تەڭشەش دائىرىسىگە چۈشمەيدۇ. ئۇ ئىككى تەرەپ ئارىسىدا پەقەت ئەمگەك مۇلازىمىتى مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن بولىدۇ، يەنى ئۇ ھەق تەلەپ قانۇنىدىكى باراۋەر ھالدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتى ھېسابلىنىدۇ، ئەمگەكچى ئۇ چاغدا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننى ئەمگەك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن بولىدۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىگە ئەمگەك مۇلازىمىتى ھەققى بېرىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق-مەجبۇرىيىتى ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىپ بىردەك پۈتۈشىشى بىلەن بېكىتىلىدۇ.

  سوئال: بۇ مەسىلە لاۋ ۋاڭنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر توختام قانۇنغا خىلاپ ھالدا بىكار قىلىنغان، دەپ قارالسا، لاۋ ۋاڭ ئىككى ھەسسە تولۇقلىما پۇلى تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟

  جاۋاب: بولمايدۇ، چۈنكى، دۆلىتىمىز ئەمگەك توختامى قانۇنىنىڭ 2- ماددىسىدىكى بەلگىلىمىدە: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى كارخانىلار، يەككە ئىگىلىك تەشكىلاتلىرى، غەيرى-كارخانا ئورۇنلار قاتارلىق تەشكىلاتلار (تۆۋەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دېيىلىدۇ) ئەمگەكچىلەر بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىش، ئەمگەك توختامىنى تۈزۈش، ئۇنى ئادا قىلىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا، مۇشۇ قانۇن تەتبىقلىنىدۇ. دۆلەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە ئۇلار بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان ئەمگەكچىلەر ئەمگەك توختامىنى تۈزۈش، ئۇنى ئادا قىلىش، ئۆزگەرتىش، بىكار قىلىش ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشتا، مۇشۇ قانۇن بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، پېنسىيەگە چىققان خادىملار بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئارىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتى مەۋجۇت بولمايدۇ، شۇڭا، ئۇنىڭغا ئەمگەك توختامى قانۇنى تەتبىقلانمايدۇ.

  پېنسىيەگە چىققانلارنى قايتا تەكلىپ قىلىشتا، "تەكلىپلىك ئىشلىتىش كېلىشىمى" ئىمزالانغان بولۇشى كېرەك، ئۇ خىل كېلىشىمنىڭ ئەمگەك توختامى بىلەن ئەڭ چوڭ ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئەمگەك توختامى ئىچىدىكى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، ئەمگەك مۇھاپىزىتى قاتارلىق مەزمۇنلار مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك مەزمۇن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئەمگەك قانۇنىنىڭ ئەمگەكچىلەرنى ئالاھىدە قوغدايدىغانلىقى گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى سەۋەبسىز بىكار قىلسا، ئەمگەكچىگە ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى بېرىدۇ. ئەمما، تەكلىپلىك ئىشلىتىش كېلىشىمىدىكى ئىككى تەرەپ باراۋەر مۇناسىۋەتتە بولىدۇ، كېلىشىمىدىكى بارلىق مەزمۇنلار پېنسىيەگە چىققان خادىملار بىلەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۆزئارا كېڭىشىپ بېكىتىلىدۇ، ئۇنىڭدا ئەمگەكچى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە قوغدىشىغا ئېرىشمەيدۇ، تەكلىپلىك ئىشلەتكۈچى ئورۇن كېلىشىمنى سەۋەبسىز بىكار قىلغاندا، ئىقتىسادىي تولۇقلىما پۇلى بەرمەيدۇ.

  سوئال: قايتا تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتكەندىن كېيىن كېلىپ چىققان ئەمگەك ماجىرالىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

  جاۋاب: كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغان پېنسىيەگە چىققانلار قايتا تەكلىپ قىلىنغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن يازما كېلىشىم ئىمزالانغان بولۇشى، ھەمدە ئۇ كېلىشىمدە تەكلىپ قىلىش مۇددىتىدىكى خىزمەت مەزمۇنى، ئىش ھەققى، داۋالىنىش، ئەمگەك سۇغۇرتىسى تەمىناتى قاتارلىق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇشى كېرەك.

  «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەمگەك تالاش-تارتىشى دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى (3)»نىڭ 7- ماددىسىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن شۇ ئورۇن ئۆزى قوبۇل قىلغان، ھەمدە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولغان ياكى پېنسىيە پۇلى ئالغانلار ئارىسىدا تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ، خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا سۇنۇلغان بولسا، ئۇنداق دېلونى خەلق سوت مەھكىمىسى ئەمگەك مۇلازىمىتى مۇناسىۋىتى بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.

  سوئال: قايتا تەكلىپ قىلىنغاندىن كېيىن، ئەگەر ئەمگەكچىدە زەخىملىنىش ھادىسىسى كۆرۈلسە قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟

  جاۋاب: پېنسىيەگە چىققان خادىملار بىلەن تەكلىپلىك ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بولسا، تەكلىپلىك ئىشلىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن بارلىققا كەلگەن باراۋەر سۇبيېكتلار ئوتتۇرىسىدىكى "ھەق تەلەپ مۇناسىۋىتى" ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا، پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغاندا، ئۇ خىل مەسىلىنى ھەق تەلەپ ماجىرالىرىنى بىر تەرەپ قىلىش يولى بىلەن ھەل قىلىشقا تامامەن بولىدۇ. ئەگەر قايتا تەكلىپ قىلىنغاندىن كېيىن زەخىملىنىش ھادىسىسى يۈز بەرسە، كېلىشىم بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ، پۈتۈشمىگەن بولسا، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان ‹مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، كادىرلار بۆلۈمى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى، ئەمگەك-كاپالەت مىنىستىرلىقى، ئازادلىق ئارمىيە باش سىياسىي بۆلۈمى ۋە جۇڭگو پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ پېنسىيەگە چىققان مەشغۇلات تېخنىكا خادىملىرىنىڭ رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكرى»نىڭ 4- ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە: پېنسىيەگە چىققان كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى تەكلىپ قىلىنغان مەزگىلدە، خىزمەتتە كەسىپ مۇلازىمەت جەھەتتە زەخىملەنسە، ئۇ خىل مەسىلىنى تەكلىپلىك ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا ئالاقىدار تەمىنات ئۆلچىمىدىن پايدىلىنىپ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك؛ خىزمەتتە كەسپىي مۇلازىمەت جەھەتتە زەخىملىنىش سەۋەبىدىن تەكلىپلىك ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئوتتۇرىسىدا تالاش- تارتىش كۆرۈلسە، ئۇ مەسىلە ھەق تەلەپ دەۋاسى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ