مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى

2019.06.25 14:49 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 24- چېسلا جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. جۇڭگو تەرەپتىن 20 دۆلەت گۇرۇھى (G20) ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرغۇچى ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى جاڭ جۈن، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى زۇ جيايى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى قوشۇمچە خەلقئارا سودا سۆھبىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋەكىلى ۋاڭ شۇۋېن، خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن يۈلۇ قاتارلىقلار دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پات ئارىدا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىغا ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەمدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  جاڭ جۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 28- ئىيۇندىن 29- ئىيۇنغىچە ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا ئۇدا 7 قېتىم قاتناشتى ياكى رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ، جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تۆت باسقۇچلۇق ئومۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادى، سودا، رەقەملىك ئىقتىساد، سىغدۇرۇشچان ۋە سىجىلچان تەرەققىيات، ئۇل ئەسلىھە، كىلىمات، ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت قاتارلىقلار ئۈستىدىكى قارالمىلار توغرىسىدىكى مۇزاكىرىگە قاتنىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى قاراش ۋە تەشەببۇسلىرىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، نۆۋەتتە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسىنى تېپىپ، تومۇرىنى توغرا تۇتۇپ ۋە رېتسېپنى ياخشى يېزىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ياخشى ئىگىلەشكە كۈچ چىقىرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي ئۇچرىشىشى، جۇڭگو - رۇسىيە - ھىندىستان رەھبەرلىرىنىڭ بىرەسمىي ئۇچرىشىشى ۋە جۇڭگو - ئافرىقا رەھبەرلىرىنىڭ كىچىك ئۇچرىشىشى قاتارلىق ئۇچرىشىشلارغا قاتنىشىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقلارنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ب د ت نىڭ 2030- يىللىق سىجىلچان تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە كۆپ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ