مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ ئېرلاندىيە زۇڭتۇڭى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

2019.06.24 15:18 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئېرلاندىيە زۇڭتۇڭى (Higgins) ھىگگىنس بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئېرلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش روھى بويىچە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 2014-يىلى زۇڭتۇڭ ھىگگىنس جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بىز چوڭقۇر دوستانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو-ئېرلاندىيە مۇناسىۋىتىنى پىلانلىدۇق. مەن جۇڭگو-ئېرلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ھىگگىنس بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو بىلەن ئېرلاندىيەنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  ھىگگىنس تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئېرلاندىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۇدا مۇستەھكەملىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. ئېرلاندىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمەلىي ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش قاتارلىق دۇنيا ئىشلىرىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئېرلاندىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ ئېرلاندىيە زۇڭلىسى (Varadkar) ۋارادكار بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى. لى كېچياڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا، جۇڭگونىڭ ئېرلاندىيە بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىستىراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ۋارادكار تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىيات جەريانىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى يەر شارى خارەكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېرلاندىيە داۋاملىق ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، ئېرلاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ