مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كاۋاپ ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق بولمىسا، ساغلاملىققا خەۋپ يەتكۈزىدۇ

2019.06.21 15:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  كۈندىلىك تۇرمۇشتا، نۇرغۇن كىشىلەر يايمىلاردىكى ئۆزگىچە تەملىك كاۋاپلارغا ھېرىسمەن بولۇپ، ئاغىنىلىرى بىلەن بىرلىكتە كەچتە پىۋا ئىچكەچ، يول بويىدا كاۋپ يېيىشكە ئادەتلەنگەن. قارىماققا بۇ بىر خىل ناھايىتى راھەت تۇرمۇش ئۇسۇلى، لېكىن بۇنىڭدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ.

  كاۋاپنىڭ «زەھىرى» قەيەردە؟

  كاۋاپ ئادەتتە گۆش ياكى كۆكتاتلارنى تىزىپ بىۋاسىتە كاۋاپدانغا قويۇپ، ئوت ياكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئوچاق ئارقىلىق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئۆزگىچە پۇراققا ئىگە يېمەكلىكلەرنى تەييارلاشنى كۆرسىتىدۇ. پىشۇرۇش ئۇسۇلىدىن قارىغاندا ئادەتتە بىۋاسىتە ئوتتا پىشۇرۇش ۋە ۋاسىتىلىك ئوتتا پىشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىۋاسىتە ئوتتا پىشۇرۇش ئادەتتە يېمەكلىكنى بىۋاسىتە ئوتنىڭ ئۈستىگە قويۇپ پىشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ، ۋاسىتىلىك ئوتتا پىشۇرۇش تەرەققىي قىلىپ ھازىرغىچە كۆپ ئۇچرايدىغانلىرىدىن زىخ كاۋاپ، ئۈچەي كاۋاپ، بېلىق كاۋاپ، ئاسما كاۋاپ، ياپما كاۋاپ، تونۇر كاۋىپى قاتارلىقلار بار. مەيلى قايسى خىل ئۇسۇلدا قىلىنغان مەززىلىك تائاملار بولسۇن، مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك، ئۇنداق بولمايدىكەن ئاسانلا كاۋاپتىن «زەھەرلىنىش» كېلىپ چىقىدۇ.

  ◆راك پەيدا قىلىدۇ

  كاۋاپ ھەققىدە گەپ بولغاندا راك پەيدا قىلىش خەۋپىنى تىلغا ئېلىش زۆرۈر. گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى قاقلاپ پۇشۇرۇش جەريانىدا، ياغلار كوكسلىشىپ ھاسىل قىلغان تېرمال پولىمېرلىنىش رېئاكسىيەسى بىلەن گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر تەركىبىدىكى ئاقسىل بىرىكىپ، بېنزوپىرېن دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل يۇقىرى دەرىجىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇ خىل راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ئادەم بەدىنىدە يىغىلىپ، ئاشقازان راكى، ئۈچەي راكى پەيدا قىلىش خەۋپى بار. بۇنىڭدىن باشقا، ئادەم بەدىنى كاۋاپ پىشۇرۇش مۇھىتىدا ئۇزاق ۋاقىت تۇرغاندا، راك پەيدا قىلغۇچى بەزى ماددىلار تېرە، نەپەس يولى، ھەزىم قىلىش يولى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۇزلاش ھالقىسىدا ئاسانلا نىتروزامىن ھاسىل بولىدۇ، بۇمۇ ھەم راك پەيدا قىلغۇچى ماددا ھېسابلىنىدۇ.

  ◆خەۋپى تاماكا چېكىش بىلەن ئوخشاش

  تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئۇزاق مۇددەت كاۋاپ يېيىشنىڭ زىيىنى تاماكا چېكىش بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ھەتتا تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىدىنمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ئامېرىكىدىكى بىر تەتقىقات مەركىزىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىر قاقلانغان توخۇ پاچىقىنىڭ زەھىرى 60 تال تاماكا چەككەنگە تەڭ ئىكەن.

  ◆پارازىت قۇرتلاردىن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ

  كاۋاپنىڭ تېشى كۆيۈپ قاتىدۇ، ئىچى يۇمشاق بولىدۇ، ئەگەر تەكشى كاۋاپ قىلىنمىسا، ئىچىدىكى گۆش تولۇق پىشمايدۇ، ھەتتا گۆش خام قالىدۇ، ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن پارازىت قۇرۇت بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  ◆ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن پايدىلىنىش نىسبىتى تۆۋەن

  كاۋاپ قىلىش جەريانىدا يېمەكلىك تەركىبىدىكى ۋىتامىن، ئامىنو كىسلاتالار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، ئاقسىلنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن يېمەكلىكتىكى ئوزۇقلۇق ماددىلاردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ.

  ◆ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت سالىدۇ

  تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئۇزاق مۇددەت كاۋاپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى كاۋاپ يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان ئاياللارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق مۇددەت كاۋاپ يېيىش يەنە ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

  ◆ھازىرقى زامان كېسىلى پەيدا قىلىدۇ

  كاۋاپلار ئادەتتە ياغ تەركىبى يۇقىرى، ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، دائىم ئىستېمال قىلغاندا يۇقىرى قان بېسىمى، دىيابېت كېسىلى، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىق «ھازىرقى زامان كېسىلى»نىڭ پەيدا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئۇنىڭدىن باشقا، يول بويىدىكى كاۋاپخانىلارنىڭ تازىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش تەس، دائىم يېگەندە ئاشقازان- ئۈچەيگە يۈك پەيدا قىلىدۇ، يەنە ئاسانلا باشقا مەسىلىلەرنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كاۋاپتا ھەقىقەتەنمۇ «زەھەر» بار، بەزىدە بىر- ئىككى قېتىم يېسە ھېچقىسى يوق، لېكىن ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

  كاۋاپنى توغرا ئۇسۇلدا يېگەندە مەززىلىك ھەم ساغلام بولىدۇ

  كاۋاپ ئىستېمال قىلىشتا تۆۋەندىكى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، ئىمكانقەدەر ساغلام يېيىش كېرەك.

  ◆پىۋا بىلەن ماسلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ

  نۇرغۇن كىشىلەر پىۋا ئىچكەچ كاۋاپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن بۇ خىل يېيىش ئۇسۇلىنىڭ ئاسانلا راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. كاۋاپ يېگەندە ئىمكانقەدەر قايناقسۇ ياكى چاي ئىچىش كېرەك، پىۋا ئىچىشكە ماس كەلمەيدۇ.

  ◆سېمىز گۆش، تېرە ۋە كۆيۈپ كەتكەن گۆشنى ئاز يېيىش كېرەك

  كاۋاپ گۆشى قانچە سېمىز بولسا، ياغ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، كۆيۈپ كەتكەن گۆش تېرىسى، گۆش تۈرلىرىدە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇڭا سېمىز گۆش، تېرە ۋە كۆيۈپ كەتكەن گۆشنى ئاز يېيىش ياكى ئىمكانقەدەر يېمەسلىك كېرەك.

  ◆تەم تەڭشىگۈچنى بەك كۆپ ئىشلەتمەسلىك لازىم

  كاۋاپتا ئەگەر تېتىتقۇ بەك كۆپ ئىشلىتىلسە، چىش مىلىكى قاناش، ئېغىز بوشلۇقى يارىسى، ئاشقازان زەخىملىنىش، دانىخورەك چىقىش قاتارلىق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر تۇزلانغان يېمەكلىكلەرنى كاۋاپ قىلماقچى بولساق، سامساق شىرنىسىنى تاللاپ ئىشلەتسەك بولىدۇ، بۇنىڭ مىكروب ئۆلتۈرۈش رولى بولۇپلا قالماستىن، يەنە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  ◆ئوتتا بىۋاسىتە كاۋاپ قىلىشقا بولمايدۇ

  كاۋاپ پىشۇرغاندا ئەڭ ياخشىسى بىر قەۋەت قەلەي قەغەزنى ئوراپ، زىيادە كۆپ راك پەيدا قىلىدىغان ماددىلارنىڭ يېمەكلىككە كىرىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئوت يالقۇنىغا سېلىشتۇرغاندا، توك بىلەن قاقلاش، تۆمۈر تاختىدا كاۋاپ قىلىش قاتارلىقلار تېخىمۇ ياخشى.

  ◆كاۋاپنى ئايرىم يېيىشكە ماس كەلمەيدۇ

  كاۋاپ يېگەندە ئەڭ ياخشىسى يېڭى كۆكتاتلارنى ماسلاشتۇرۇپ، كۆكتات بىلەن يۆگەپ يېيىش كېرەك. چۈنكى، يېڭى يېشىل كۆكتاتلار تەركىبىدە كۆپ مىقداردا خىلوروفىل بولۇپ، راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلارنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە، يەنە ئادەم بەدىنىنى زور مىقداردا ۋىتامىن، بولۇپمۇ ۋىتامىن C بىلەن تەمىنلەپ، قەۋزىيەتنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەرەڭگە، تاتلىقياڭيۇ، نېلۇپەر غولى قاتارلىق تەركىبىدە كىراخمال بار يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. بۇنداق قىلغاندا ئوزۇقلۇقنىڭ تېخىمۇ تەكشى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئۈچەي يولىدىكى ئىچكى تالانى كۈچەيتىپ، ئۈچەينى تازىلاش رولىنى ئوينايدۇ.

  ◆يول بويىدىكى كاۋاپ يايمىلىرىدا دائىم كاۋاپ يېيىش ياخشى ئەمەس

  كاۋاپنى كۆپ يېيىش ياخشى ئەمەس، يول بويىدىكى كاۋاپ يايمىلىرىدا دائىم كاۋاپ يېيىش تېخىمۇ ياخشى ئەمەس، چۈنكى يايمىلاردىكى يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتى، تازىلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ