مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ چىشەن باكۇ خەلقئارا مۇنبىرى بېيجىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2019.06.26 16:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ26 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن 25-چېسلا جۇڭنەنخەينىڭ زىگۇاڭ زالىدا، باكۇ خەلقئارا مۇنبىرى بېيجىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشقان چەت ئەل ۋەكىللىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشتى.

  ۋاڭ چىشەن مۇنداق دېدى: كېلىش يولىنى ئېنىق بىلگەندىلا، ئاندىن رېئاللىقنى چۈشىنىپ، يۆنىلىشنى تونىغىلى بولىدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەت ۋە دۆلەتلەر جاپا-مۇشەققەت ۋە شانلىق نەتىجىلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىشى، ۋارىسلىق قىلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى داۋامىدا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئورتاق شەكىللەنگەن. 5000 يىللىق مەدەنىيەتكە ئىگە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئارزۇسى ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تارىخىي شانلىق نەتىجىلەرنى قايتا يارىتىش. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيانىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ باغلانغان بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر دۇنياۋىلىشىش جەريانىدىكى تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشى قىلىپ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنياغا بەخت يارىتىمىز.

  لاتۋىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى فرېيبېگا قاتارلىق چەت ئەل ۋەكىللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان غايەت زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارا ئىشلاردا ئاكتىپ رول ئوينىدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» قاتارلىق تەشەببۇسلارنىڭ تەسىرى چوڭقۇر بولدى. جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپلىمىلىكنى قەتئىي قوللاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ