مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇقرالار ئۈچۈن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمايلى

كې جۇڭجيا

2019.06.25 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  بىر تامچە سۇدا قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، كىچىك كەنتنىڭ ئاسمان-زېمىنى كەڭرى بولىدۇ. تاغ-دەريا ئارىسىدا، كومپارتىيە ئەزالىرى ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاممىنى يېتەكلەپ داۋاملىق كۈرەش قىلىپ كەلدى.

  70 نەچچە يىل ئىلگىرى خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى شاڭجى شەھىرى يۈەنباۋ كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن ئەمەس ئىدى، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا نامراتلىقىدىن ئىشتىنى يوق ئىدى. بۈگۈن كىشىلەر بۇ يەرگە كەلگەندە، ئېكولوگىيەسى گۈزەل، پۇقرالار بېيىغان گۈزەل مەنزىرە كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. 2018-يىلى، كەنت كوللېكتىپى ئومۇمىي مۈلكىنىڭ قىممىتى 720 مىليون يۈەنگە، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ساپ كىرىمى 31 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «مىليون يۈەنلىك كەنت» بولۇپ قالدى.

  يۈەنباۋ كەنتى بۇ ئۆزگىرىشنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇردى؟ يېقىندا، ئاپتور بۇ يەرگە كېلىپ نۇقتىدا تۇرۇپ زىيارەت قىلدى، دېھقانلارنىڭ ھويلىسىدا، كوچا بېشىدا كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پاراڭلاشتى، ئېتىز باشلىرىغا، زاۋۇت، سېخلارغا بېرىپ، تەرەققىياتنى كۆردى. يېرىم ئايدىن كېيىن، يۈەنباۋ كەنتىنىڭ بېيىشىدىكى سەۋەب تەدرىجىي ئايدىڭلاشتى، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ باشتىن-ئاخىر پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭغانلىقى، باشتىن-ئاخىر ئامما بىلەن قەلبداش بولغانلىقى. بۇ، يۈەنباۋ كەنتىدىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ 70 نەچچە يىل ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇمىغانلىقىنىڭ تارىخىي جاۋابى.

  تارىخقا نەزەر سالساق، يۈرەك ئىللىيدۇ. 1946-يىلى پارتىيەنىڭ يەر ئىسلاھاتى خىزمەت ئەترىتى يۈەنباۋ كەنتىگە كېلىپ، ئاممىنى قوزغىتىپ، بوران-چاپقۇن تېزلىكىدە يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ باردى. پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى بۇ قېتىمقى فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىنى ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىدىغان چوڭقۇر ئىجتىمائىي ئىنقىلاب يۈەنباۋ كەنتىدىكى دېھقانلارنى ئورنىدىن ھەقىقىي دەس تۇرغۇزدى، شۇنداقلا يۈەنباۋ كەنتىدە يەر ئىسلاھاتىغا قاتناشقان شەرقىي شىمال ئازاد رايونى يەر ئىسلاھاتى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى جۇ لىبو «بوران-چاپقۇن» ناملىق كىلاسسىك ئەسىرىنى يېزىپ، بۇ ئۇلۇغ ھەرىكەتنى خاتىرىلەپ، خەلقنى كۆزلەيدىغان بارلىق كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئوبرازىنى ياراتتى. يۈەنباۋ كەنتىدە نۇقتىدا تۇرۇپ زىيارەت قىلغاندا، ئەينى يىلى يەر ئىسلاھاتىنى بېشىدىن كەچۈرگەن ياشانغانلار ۋاپات بولغان بولسىمۇ، لېكىن كەنت ئاھالىلىرى مۇخبىرغا: «بوران-چاپقۇن» ئەسىرىدىكى پۇقرالارنى ئويلايدىغان ياخشى كادىرلار ئىزچىل بىزنىڭ يېنىمىزدا» - دېدى.

  ئەسلىي مەقسەت ئۆزگەرمىسە، بۇرچ ئۆزگەرمەيدۇ. دەۋر ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، پارتىيەنىڭ ئاممىنى يېتەكلەپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بۇرچى باشتىن-ئاخىر ئۆزگەرگىنى يوق. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ باۋجىن يۇقىرىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كەنت كارخانىسى قۇرۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئېتىز بېشىدىن بازارنىڭ يۇقىرى دولقۇنىغىچە كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، بازاردا قايتا-قايتا تاۋلىنىپ، يۈەنباۋ كەنتىنى بوران-چاپقۇندا ساغلام يېتىلدۈردى.ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا يۈەنباۋ كەنتى ئەمدىلا بېيىغانىدى. كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسى كەنتتىن پۇل چىقىرىپ، دېھقانلارنىڭ دېھقانچىلىق بېجى ۋە قالدۇرۇق پۇلىنى تاپشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى، تاكى 2006-يىلى دۆلەت دېھقانچىلىق بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانغا قەدەر شۇنداق بولدى. كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ سەمىمىي، سىز ئۇلارغا قانچىلىك ھەقىقىي مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇلار سىزگە شۇنچىلىك سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدۇ. كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يۈكى يېنىكلىتىلگەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، كەنت ئاھالىلىرى بوشاشمايلا قالماستىن، ئەكسىچە پۇلنىڭ ھەممىسىنى يەرگە ئىشلەتتى: 2 مىليون 600 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا سېلىنىپ، يۈەنباۋ كەنتىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىندى. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، يۈەنباۋ كەنتى ۋەزىيەتنى ۋاقتىدا ئىگىلەپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتقا كۈچەپ، كەنت قۇرغان كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى. كەنت پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، 67 ياشلىق جاڭ باۋجىن بەنزىنى باشلاپ يەنە بىر قېتىم ئىگىلىك تىكلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك شال تېرىش تېخنىكىسىنى ئاز-ئازدىن ئۆگىنىپ، يۈەنباۋ كەنتىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىستېمالىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش دەۋر دولقۇنىدا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتۈشىگە ياردەم بەردى.

  بۇ بىر نەچچە يىلدا، ئاپتور خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇن كەنتلەرگە بېرىپ باقتى. يىغىنچاقلىغاندا، ياخشى تەرەققىي قىلغان كەنتلەردە بىر ئورتاق ئالاھىدىلىك بار، ئۇ بولسىمۇ ياخشى كەنت كوللېكتىپ بەنزىسى بار. كوللېكتىپ بىلەن شەخس ئوتتۇرىسىدا، كۆز ئالدىدىكى بىلەن كەلگۈسى ئوتتۇرىسىدا، يۈنباۋ كەنتىدىكى ئىككى كومىتېت ئاممىنى يېتەكلەپ، ئۆزلىرىنىڭ جاۋابىنى بەردى. ھەم كوللېكتىپ بېيىش، ھەم شەخسنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بىللە باي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ھەم ھازىر راھەت كۆرۈپ، ھەم ئەۋلادلارغا بايلىق قالدۇرۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. سانسىزلىغان ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقتىن، تەرەققىيات مۆجىزىلىرى جۇڭخۇا زېمىنىدا ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى.

  بىر تامچە سۇدا قۇياشنىڭ ئەكسىنى كۆرگىلى بولىدۇ، كىچىك كەنتنىڭ ئاسمان-زېمىنى كەڭ. كومپارتىيە ئەزالىرى تاغ-دەريا ئارىسىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ئاممىنى يېتەكلەپ داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ھەيۋەتلىك زېمىندا شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ