مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ئېچىلدى

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى» قاراپ چىقىلدى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2019.06.25 16:05 مەنبە: خەلق تورى

  ◆ئاپپارات ئىشتاتى بايلىقى بولسا مۇھىم سىياسىي بايلىق، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بايلىقىدۇر، ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى − پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات فۇنكسىيەلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بايلىقىنى تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى نىزامى»نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن- نىزام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاپپارات ئىشتاتىنى قانۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ◆«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى»نى تۈزۈش − پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىنى باشقۇرۇش ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، پارتىيەنىڭ يېزا خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ يېزىلاردىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى دەۋردىكى يېزا خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى باشتىن-ئاخىر ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 24-ئىيۇن يىغىن ئېچىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى نىزامى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېزا خىزمىتى نىزامى»نى قاراپ چىقتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپپارات ئىشتاتى بايلىقى بولسا مۇھىم سىياسىي بايلىق، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بايلىقىدۇر، ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات فۇنكسىيەلىك سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بايلىقىنى تەقسىملەشنى سەرخىللاشتۇرۇش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتى نىزامى»نىڭ تۈزۈلۈشى ۋە يولغا قويۇلۇشى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قانۇن-نىزام تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاپپارات ئىشتاتىنى قانۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردىكى ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاپپارات ئىشتاتى خىزمىتىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، ئاپپارات تەسىس قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، فۇنكسىيەنى تەقسىملەشنى ياخشىلاپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك تۈزۈم ۋە تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ