مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى :

پۈتۈن پارتىيە چوقۇم باشتىن-ئاخىر ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك

2019.06.26 16:19 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 24- ئىيۇن چۈشتىن كېيىن «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆز-ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش» توغرىسىدا 15- قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش ئۆتكۈزدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز يۈز يىللىق چوڭ پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلغارلىق ۋە ساپلىقنى ۋە ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى قانداق قىلىپ مەڭگۈ ساقلاپ قېلىش، خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ۋە قوللىشىغا قانداق ئېرىشىش، ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك، دېگەن مەسىلە بولسا، بىز چوقۇم ياخشى جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك ۋە ياخشى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تۈپ مەسىلە. پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلاردىن ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى تەلەپ قىلىشى بولسا، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارغا شۇنى ئەسكەرتىشتىن ئىبارەتكى، پارتىيەنىڭ مەقسىتى ۋە بۇرچى بولسا، پارتىيەنىڭ خاراكتېرىستىك ئاساسىي مەقسىتى، غايە-ئېتىقادى ۋە كۈرەش نىشانىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسىدۇر. ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانچە ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشقانسېرى، پارتىيەنىڭ بۇرچىنى شۇنچە مۇستەھكەم ئەستە ساقلاشقا توغرا كېلىدۇ، ئۇنى ئۇنتۇپ قېلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، ھەم شۇنداقلا ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى يوقىتىپ قويۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى باشتىن-ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان، خەلق چىن كۆڭلىدىن ھىمايە قىلىدىغان، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان، تۈرلۈك بوران-چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، ماركسىزملىق ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى بىر پارتىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى يولداش سۈن يېلى بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ھەمدە پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ ئالدى بىلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، پارتىيەمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن !

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى مەقسىتى بولسا، پارتىيەنىڭ تارىخىي تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋر ۋە يېڭى تەلەپكە بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن پارتىيەنى ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشنى چۆرىدىگەن ھالدا، پەرقنى تېپىپ چىقىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسىي تېما تەربىيەسىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەشتۇر. بۇمۇ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ باش بولۇپ باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشىدۇر. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ياخشى ئۈلگە بولۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا پۈتۈن پارتىيەگە ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ