مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پۇل تاپشۇرسىلا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغىلى بولامدۇ؟ نادانلىق قىلماڭ!

ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ھەققىدىكى يەتتە چوڭ ئالدامچىلىقتىن ھەزەر ئەيلەڭ

2019.06.26 16:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆۋەتتە، 2019-يىللىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكى ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىندى، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ جايلاردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىمۇ ئېلان قىلىندى. ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ مەزگىلدە، ھەرخىل ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئالدامچىلىقلىرىمۇ پۇرسەت ئىزدەپلا تۇرىدۇ. بۇ مەزگىلدە تۆۋەندىكى يەتتە چوڭ تىپىك ئالدامچىلىقتىن ھوشيار بولۇش كېرەك!

  بىرىنچى ئالدامچىلىق: ئىچكى قىسىمدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆرسەتكۈچى بار، دەۋېلىش

  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقىدا، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاپپاراتىدا «ئىچكى مۇناسىۋىتىم بار»، «دوستۇم»، «مەكتەپداش» دېگەندەك نىقابلارنى كۆتۈرۈۋېلىپ، پۇل تاپشۇرسىڭىز «ئىچكى كۆرسەتكۈچ»، «نۇقتىلىق قوبۇل قىلىش كۆرسەتكۈچى» ۋە «پىلان سىرتىدىكى كۆرسەتكۈچ» قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرىمىز دەۋېلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارغا «تۆۋەن نومۇر ئالغان بولسىمۇ يۇقىرى مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغىلى بولىدۇ» دەيدىغان ساختا ۋەدە بېرىدۇ.

  ئەسكەرتىش: مۇنتىزىم ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھېچقانداق خىراجەت پەيدا قىلمايدۇ، ئىچكى مۇناسىۋەت ياكى پۇل تاپشۇرسىلا قۇبۇل قىلىنىدىغان ياخشى ئىش مەۋجۇت ئەمەس، ئومۇمەن كاپالەت پۇلى، قوبۇل قىلىش ھەققى ئالىدىغان ئۇچۇر ياكى تېلېفونلارغا ھەرگىز ئىشەنمەڭ.

  ئىككىنچى ئالدامچىلىق: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ دەۋېلىش

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، بەزى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ نومۇرى تۆۋەنرەك بولسا، ئالدامچىلار: نەتىجىسىنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، ئاتا-ئانىلار بەلگىلىك ھەق تاپشۇرسىلا بولىدۇ، دەپ جار سالىدۇ.

  ئەسكەرتىش: نەتىجە ئېلان قىلىنسىلا، نەتىجە مۇقىملىشىدۇ، ئۆزىنىڭ نەتىجىسىگە باشقىچە پىكرى بار ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئىمتىھان قەغىزىنى ھۆكۈمەت يولى ئارقىلىق قايتا تەكشۈرتسە بولىدۇ، لېكىن نەتىجىنى بىۋاسىتە ئۆزگەرتىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش، مۇتلەق ئالدامچىلىقتىن ئىبارەت.

  ئۈچىنچى ئالدامچىلىق: پۇل تاپشۇرسىلا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغىلى بولىدۇ، دەپ جار سېلىش

  بەزى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىقتىدارىنى ياخشى جارى قىلدۇرالماي قالىدۇ، ئاتا-ئانىلار «توردا پۇل تاپشۇرسىلا بىۋاسىتە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيالايدۇ» دەيدىغان خەۋەرنى كۆرۈپ، قارشى تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، يۇقىرى سوممىلىق قوبۇل قىلىش ھەققى تاپشۇرىدۇ، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئالغاندىن كېيىن، ئادەتتىكى ئالىي مائارىپنىڭ تولۇق كۇرسقا قۇبۇل قىلىشى ئەمەس، بەلكى چوڭلار مائارىپى ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ.

  ئەسكەرتىش: ئالىي مائارىپنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شەكلى كۆپ خىل، تور مائارىپى، چوڭلار مائارىپى، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىمۇ ئالىي مائارىپنىڭ بىر خىلى، لېكىن ئادەتتىكى ئالىي مائارىپقا ئوخشىمايدۇ، مەكتەپكە كىرىش ئۆلچىمى نىسبەتەن تۆۋەن. ئالدامچىلار بۇ مەسىلىدە ئاسانلا ئالدامچىلىق قىلىدۇ، بۇنىڭدىن ھوشيار بولۇش كېرەك.

  تۆتىنچى ئالدامچىلىق: مۇددەتتىن بۇرۇن قوبۇل قىلىشقا ياردەم بېرىمىز دەپ جار سالىدۇ

  ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزىنى مەلۇم ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى دەپ ئاتىۋالغان تېلېفوننى تاپشۇرۇۋالىدۇ، تېلېفون بەرگۈچى «ئالىي مەكتەپلەر مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان بولغاچقا، ئەگەر قوبۇل قىلىنماقچى بولساڭ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇش پۇلى تاپشۇرۇشۇڭ كېرەك، بولمىسا، ئارخىپ قايتۇرۇۋېتىلىپ قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قېلىش خەۋپى بار»، دەيدۇ.

  ئەسكەرتىش: مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاساسلىقى ھەربىي، دۆلەت مۇداپىئەسى، سەنئەت تۈرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قارىتىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ ھەممىسىدە باشقا جايدا يىراق مۇساپىلىك توردا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يولغا قويۇلىدۇ، مەخسۇس كومپيۇتېر سىستېمىسىدا ئارزۇ ۋە ئارخىپ بېرىش قائىدىسى بويىچە ئارخىپ بېرىدۇ، ھەرقانداق ئادەمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ.

  بەشىنچى ئالدامچىلىق: ئالىي مەكتەپ ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىشىڭغا ياردەم بېرىمەن دەپ جار سالىدۇ

  بەزى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزىنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشقارمىسىنىڭ مەسئۇلى دەۋالغانلارنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ، تېلېفون بەرگۈچى «ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى چۈشىنىمىز، ساڭا ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بېرەلەيمىز، لېكىن ئاۋۋال تىزىملىتىش ھەققى تاپشۇرۇشۇڭ كېرەك»، دەيدۇ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر راست دەپ ئىشىنىپ قالىدۇ، مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن بۇنداق ئىشنىڭ يوقلۇقىنى بايقايدۇ.

  ئەسكەرتىش: مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېلېفوننى قوبۇل قىلغاندا، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن شۇ جايدىكى مائارىپ تارماقلىرى ياكى مەكتەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ ئىسپات ئېلىشى، ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىسىم- فامىلىسى، تېلېفون نومۇرى، كەسپى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى خالىغانچە ئاشكارىلىماسلىقى، ئۇلارغا ھىچنېمىنى ئاشكارىلىماسلىقى، ئۇلارغا ئىشەنمەسلىكى، پەرۋا قىلماسلىقى كېرەك.

  ئالتىنچى ئالدامچىلىق: ۋاقىت پەرقىدىن پايدىلىنىپ، قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى يالغاندىن ياسىۋېلىش

  ئالدامچىلار ئىمتىھان بەرگۈچىلەر تەمىنلىگەن تىزىملىتىش نومۇرى ياكى ئىمتىھانغا قاتنىشىش نومۇرىدىن پايدىلىنىپ، نورمال بولغان ئارخىپ تۇرغۇزۇش ۋە قوبۇل قىلىشنى ئۆزىنىڭ مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ئىمتىھان بەرگۈچىنى قۇبۇل قىلغۇزغانلىقىنى ئېيتىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئائىلە باشلىقى ياكى ئىمتىھان بەرگۈچىلەردىن پۇل ئۈندۈرۈۋالىدۇ. بەزىلەر پوچتا ئىدارىسى ئارقىلىق ساختا قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئەۋەتىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا- ئانىلارنى ئالداپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە ئوقۇش پارچە خىراجىتىنى بەلگىلەنگەن بانكا ھېسابات نومۇرىغا ئەۋەتكۈزىدۇ.

  ئەسكەرتىش: ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنىڭ ئىنتايىن قېلىپلاشقان تەرتىپى بار، ئالدىراپ كېتىپ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ بارلىق ئۇچۇرىنى ھەرقانداق ئادەمگە تەمىنلەپ بېرىشتىن ساقلىنىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئارخىپىنى قۇبۇل قىلىش، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ھالقىلارنى ھۆكۈمەت تورى ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  يەتتىنچى ئالدامچىلىق: «ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» دەپ ئاتىلىدۇ

  بەزى ئالدامچىلار ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر «ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ۋە ھەربىي مەكتەپلەرنىڭ «يەرلىكنىڭ ھاۋالىسى بىلەن تەربىيەلەيدىغان ئوقۇغۇچى»، «دۆلەت مۇداپىئە ئوقۇغۇچىلىرى» دېگەن نىقابلارنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن بىردەك قىسىمغا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ۋەدە بېرىپ، ئاتالمىش «ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەققى»، «نىشانلىق تەربىيەلەش ھەققى»، «ھاۋالىلىك تەربىيەلەش ھەققى» قاتارلىقلارنى ئېلىپ، قانۇنسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىقى قىلىدۇ.

  ئەسكەرتىش: ھەربىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش باشقا جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىلەن ئوخشاش، قاتتىق تەرتىپ ۋە بەلگىلىمە بار. ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا «ئىچكى قىسىمدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى»، دەيدىغان گەپ يوق، ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ھەر قانداق شەخسنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھۆججىتىنى ئېلىپ يۈرۈشىگە يول قويمايدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدىمۇ ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ ھۆججەتنى نامايان قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ھالقا مەۋجۇت ئەمەس.

  مەيلى قايسى خىل ئالدامچىلىق بولسۇن، ھەق تاپشۇرغۇزۇش − ئالدامچىلىقنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلار چوقۇم ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ