مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كىشىلىك قەدىر-قىممەت بولغاندىلا ۋە ئۆزىگە ئىشەنگەندىلا ئاندىن ئۆزىنىڭ يولىنى ياخشى ماڭغىلى بولىدۇ

2019.06.26 16:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۇنياغا ۋە كەلگۈسىگە يۈزلىنىشنىڭ تارىخىي مۇساپىسىدە، ھەم كىشىلىك قەدىر-قىممەت بولۇشى، ھەم ئۆزىگە ئىشىنىدىغان روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك، بۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخ ۋە رېئاللىقتىن ھېس قىلغان چىن ھەقىقەتتۇر.

  ھالبۇكى، ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەردە جۇڭگو تارىخىدا ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كەلگەن كېسەللىك ھالىتىدىكى غەيرى پىسخىكا، يەنى چەت ئەللىكلەرگە چوقۇنۇش، چەت ئەللىكلەرگە خۇشامەت قىلىش پىسخىكىسى مەۋجۇت بولۇپ، ئۇلار شۇ خىل پىسخىكىغا ۋارىسلىق قىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشى مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندە، ھەق-ناھەقكە ئوبيېكتىپ ھۆكۈم قىلماي، ئامېرىكىنىڭ ئۇسۇلى «ھامان يوللۇق» دەپ قارىماقتا. جۇڭگونىڭ ئامېرىكا بىلەن ئېلىشىشى تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغانلىقتۇر، ئەڭ ئاخىرىدا يەنە ئۆزىمىزنى نەس باسىدۇ، دەپ قارىماقتا. «ئامېرىكىغا چوقۇنۇش كېسىلى» دەپ ئاتاشقا بولىدىغان بۇ خىل كېسەللىك ھالىتىدىكى پىسخىكا جۇڭگونىڭ يېقىنقى زاماندىكى نامرات ۋە ئاجىز ھالىتىدىن، ھەمدە كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان ھاقارەتلىك تارىختىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ، مۇستەملىكە قىلغۇچى ۋە يېرىم مۇستەملىكە قىلغۇچىلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ قايتا يورۇتۇشى ھېسابلىنىدۇ.

  مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىن قارىغاندا، نېمە ئۈچۈن جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىردىنبىر ئۈزۈلۈپ قالمىغان ئۇلۇغ مەدەنىيەت بولۇپ قالالىدى؟ نېمە ئۈچۈن جۇڭخۇا مەدەنىيىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، يەنىلا باشتىن-ئاخىر تومۇرداش بولالىدى؟ بۇنىڭ سەۋەب شۇكى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدە ئوچۇق بولۇش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ۋە ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان بولۇشتەك بىر خىل پەزىلەت مەۋجۇت، بۇ خىل مەدەنىيلىك ئوخشىمايدىغان ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىش پوزىتسىيەسىدە باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۇلاردىن ئۆرنەك ئېلىپلا قالماستىن، بەلكى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ باشقا مەدەنىيەتلەر بىلەن ئالماشتۇرۇلۇشى ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشلىرى داۋامىدا، ئۆزىگە بولغان كۈچلۈك ئىشەنچىسىگە ئىگە بولغان. جۇڭگو تارىخى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدىلىككە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ كەلگەن مەزگىلدىلا، دۆلەت تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىدۇ، مىللەت گۈللىنىپ ئالغا باسىدۇ؛ بۇنداق خۇسۇسىيەتتىن چەتنەپ كەتكەن مەزگىلدە بولسا، دۆلەت ئارقىدا قالىدۇ ۋە خارابلىشىدۇ، مىللەت ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ.

  يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلغانلىقى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى 100 نەچچە يىلدىن بۇيان تاجاۋۇزچىلىققا ۋە قۇل قىلىنىشتەك ھاقارەتلىك تارىخقا خاتىمە بەرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، جۇڭگو خەلقى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى؛ جۇڭگو خەلقىنىڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن روھىي تۈۋرۈكىنى رۇسلاپ، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان دۆلەت ئەخلاقى ۋە پەزىلىتىنى تىكلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. خۇددى يولداش ماۋ زېدۇڭ ئەينى يىللاردا مەردانە ھالدا جاكارلىغىنىدەك: بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۆز دۈشمىنىمىز بىلەن ئاخىرغىچە قانلىق جەڭ قىلىدىغان جاسارەتكە، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش ئاساسىدا ئىلگىرىكى پەزىلەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىرادىسىگە، دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، بىز تېز تەرەققىي قىلىپ، باشقا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا ئاران بېسىپ بولغان سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى مۆجىزىلىرىنى ياراتتۇق، جۇڭگو ئەزەلدىن مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ نىشانغا بۈگۈنكىدەك يېقىنلىشىپ باقمىغان، جۇڭگو خەلقى ئەزەلدىن دۇنيادا شاد-خۇراملىققا ھازىرقىدەك چۆمۈپ باقمىغان !

  جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيانقى تەرەققىياتى ۋە ئالغا بېسىشى بولسا، دۆلىتىمىزنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ، دۇنيادىكى بارلىق ئىلغار مەدەنىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگەنگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بىز ئىشلىرىمىزنى يەنىلا مۇشۇ يوسۇندا ۋە قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرىمىز. ھالبۇكى، ھازىر ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قىلمىشى بۇنىڭ ئەكسىچە بولماقتا، ئۇلار ئىشىكنى تاقىۋېلىش، ئايرىۋېتىش ۋە بېكىنمىچىلىك قىلىش يولى ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ «قايتا ئۇلۇغلىنىشى»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇقەررەر رەۋىشتە مۇمكىن ئەمەس. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنىڭ ھەق-ناھەقلىقى دۇنيانىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىۋاتىدۇ، كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا، بۇنىڭغا قارىتا كىشىلەرنىڭ ئۆز قارىشى بولىدۇ. ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر، يەنى «ئامېرىكىغا چوقۇنۇش كېسىلى»گە گېرىپتار بولغان ئۇ خىل بىمارلار ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ۋە چەت ئەلگە چوقۇنىدىغان ئۇ خىل روھىي ھالەتنى چوقۇم جاھاننىڭ ئۇ بىر قېتىغا چۆرۈپ تاشلىۋېتىپ، ئۆزلىرىنى ئوڭشايدىغان ۋاقىت كەلدى !

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېگەن: «جۇڭگونى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىمىزگە تايىنىشىمىز كېرەك». بىز شۇنى چوڭقۇر چۈشىنىمىزكى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ھەرگىزمۇ ئاسانلا ۋە داقا-دۇمباق چېلىش بىلەنلا ئىشقا ئاشىدىغان بىر ئىش ئەمەس، بۇ ۋەجىدىن، بىز بۇ ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ مۈشكۈل ۋە تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش تەييارلىقىنى قىلىپ قويدۇق. ئۇلۇغ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا، مەنمەنلىك قىلماي، ئۆزىمىزگە ئىشەنسەك، مەغرۇرلانماي، سەگەكلىك بىلەن نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىسەك، تەشەببۇسكارلىقنى، ئۈستۈنلۈكنى ۋە كەلگۈسىنى چوقۇم قولغا كەلتۈرەلەيمىز !

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ