مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ماسلاشتۇرغۇچىلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2019.06.26 16:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، جۇڭگو- ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ماسلاشتۇرغۇچىلار يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بۇلتۇر 9-ئايدا، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتى تارىخىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو- ئافرىقا رەھبەرلىرى بىردەك جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش بىلەن ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ «2063-يىللىق قارالمىسى»، ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، بەختتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، مەدەنىيەتنى ئورتاق گۈللەندۈرۈش، بىخەتەرلىكنى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئىناق بىللە ياشاشتىن ئىبارەت جۇڭگو-ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، جۇڭگو-ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ «سەككىز چوڭ ھەرىكىتى» نى بىرلىكتە يولغا قويۇپ، جۇڭگو-ئافرىقا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن يېڭى پىلان تۈزۈپ چىقىشنى قارار قىلدى. مەن شۇنى خۇشاللىق بىلەن كۆردۈمكى، جۇڭگو- ئافرىقا ئىككى تەرەپ بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۈركۈم دەسلەپكى خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگو-ئافرىقا خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ