شى جىنپىڭ 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك «خەلق رازى مەمۇرلار» ۋە «خەلق رازى مەمۇرلار كوللېكتىپى» بولۇپ تەقدىرلەنگەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى

لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى

2019.06.26 16:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە «خەلق رازى مەمۇرلار» ۋە «خەلق رازى مەمۇرلار كوللېكتىپى»نى تەقدىرلەش يىغىنى 25-ئىيۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا تەقدىرلەنگەن ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆز خىزمەت ئورنىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى. چۈشتىن كېيىن سائەت 4 يېرىمدا، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كەلدى، مەيداندىكىلەر قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پات-پات پاراڭلاشتى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ