ئەنگلىيە كومپارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى روبېرت گرىففىس يېقىندا لوندوندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ سودىدا زومىگەرلىك قىلىش ئۇسۇلى ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ؛ ئامېرىكا ئىغۋاگەرچىلىكتىن ۋاز كېچىپ، جۇڭگو بىلەن ئىختىلاپلارنى باراۋەر كېڭىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك .
ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش تەدبىرىگە قارىتا، گرىففىس: «ئامېرىكا ئىنتايىن ناچار ئۇسۇلنى قوللاندى»دېدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئەمەلىيەت ئامېرىكا قوللانغان سودا زومىگىرى تەدبىرىنىڭ ئامېرىكىنى ئىقتىساد ۋە سودا جەھەتتە ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشتۈرمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل ئۇسۇل خەلقئارا ئىقتىسادقا جۈملىدىن ئەنگلىيە ئىقتىسادىغىمۇ ئىنتايىن پايدىسىز.
جۇڭگونىڭ قارشى تۇرۇش پوزىتسىيەسى ۋە تەدبىرىگە قارىتا، گرىففىس مۇنداق دېدى: «جۇڭگونىڭ ئىنكاسى ئىنتايىن ئېھتىياتچان، ئۆزىنى تۇتىۋالغان، ئىنتايىن پىشقان بولدى». ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى ئىغۋاگەرچىلىكتىن ۋاز كېچىپ، باراۋەر ھالدا جۇڭگو بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىدە ئىختىلاپنى ھەل قىلىش.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ