مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شىنجاڭ پورتى تۇنجى قېتىم ياۋروپادىن توڭلىتىلغان كالا گۆشى ئىمپورت قىلدى

2019.06.26 17:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئۇقۇشىچە، 6- ئاينىڭ 10- كۈنى، بېلارۇسىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان 8.545 توننا توڭلىتىلغان كالا گۆشىنىڭ ئالاتاۋ پورتىدا بارلىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتى تاماملانغان بولۇپ، دۆلەت ئىچى بازارلىرىدا سېتىلىشقا توشۇلىدىكەن. بۇ، شىنجاڭ پورتىنىڭ تۇنجى قېتىم ياۋروپادىن توڭلىتىلغان كالا گۆشى ئىمپورت قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، توڭلىتىلغان بۇ كالا گۆشلىرى ئاساسلىقى كالا بولجۇڭ گۆشى، كالا پەش گۆشى ۋە يۇمران تۆش گۆشى بولۇپ، پۈتۈنلەي تەكشۈرۈش، پىرىيوم - كارانتىن قىلىشتىن ئۆتۈپ لاياقەتلىك بولغان.

  ئىمپورت قىلىنغان گۆش تۈرىدىكىلەر ئالاھىدە تىپتىكى تاۋارغا تەۋە بولۇپ، قاتتىق پىرىيوم - كارانتىن قىلىشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن دۆلەت ئىچى بازارلىرىغا كىرگۈزۈلىدۇ. شۇڭا، گۆش تۈرىدىكىلەرنى ئىمپورت قىلىشتا، دۆلەت تەستىقلىغان چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان گۆش تۈرلىرى بەلگىلەنگەن پورتتا ئىمپورت قىلىنىپلا قالماستىن، يەنە شۇ جاينىڭ ئىمپورت قىلىنغان گۆش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈش، ساقلاش ھەم ئۆلچەش بىر گەۋدىلەشكەن تەكشۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى ھازىرلىشىمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ يىل 5- ئايدا، تاموژنا باش مەھكىمىسى ئېلان قىلغان «گۆش تۈرلىرىنى ئىمپورت قىلىدىغان بەلگىلەنگەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەيدانلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، شىنجاڭ ئالاتاۋ، باقتۇ، قورغاس، جېمىنەيدىن ئىبارەت تۆت پورت گۆش تۈرلىرىنى چېگرادىن كىرگۈزۈشتە بەلگىلەنگەن پورت ئىجازىتىگە ئېرىشكەن. بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدا گۆش تۈرلىرىنى چېگرادىن كىرگۈزۈشتە بەلگىلەنگەن پورت يەتتىگە يەتكەن بولۇپ، شىنجاڭ پورتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسى يەنىمۇ مۇكەممەللەشكەن.

  ئىلگىرى ئالاتاۋ پورتى گۆش تۈرىدىكىلەرنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان، كارخانىلار چەت ئەلدىن گۆش تۈرىدىكىلەرنى ئىمپورت قىلغاندا ئەۋرىشكىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش سالاھىيىتى بار باشقا تەجرىبىخانىلارغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ ئۆلچىتىدىغان بولغاچقا، ئىمپورت قىلىنغان گۆش تۈرىدىكىلەرنى ساقلاش ۋاقتى ئۇزىراپ، كارخانىلارنىڭ تەننەرخى ئېشىپ كېتەتتى. قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ھازىر ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسىدا تەكشۈرۈپ ئۆلچەشكە بولىدىغان گۆش تۈرلىرىنىڭ تۈرى 38گە يېتىپ، ئىمپورت قىلىنغان گۆش تۈرلىرى بارلىق تەكشۈرۈپ ئۆلچەش تۈرلىرى بىلەن تولۇق قاپلىنىپ، تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقارغان، ئىمپورت قىلىنغان گۆش تۈرلىرىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش سۈرئىتى ۋە ئۈنۈمى ئاشقان.

  ئىمپورت قىلىنغان گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاتاۋ پورتى تاموژنىسى كارخانىلارغا پۈتۈن مۇساپىلىك ياردەم بېرىش، يۆلەشنى يولغا قويۇپ، «بىر قېتىم مەلۇم قىلىش، بىر قېتىم تەكشۈرۈش، بىر قېتىم ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تېزدىن تەكشۈرۈش، پىرىيوم - كارانتىن قىلىشنى يولغا قويۇپ، دەرھال مەلۇم قىلىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال ئۆتكۈزۈپ، تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرغان. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئالاتاۋ پورتىدا گۆش تۈرىدىكىلەرنى ئىمپورت قىلىدىغان 40 نەچچە كارخانا ئەنگە ئېلىنغان.
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ