مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوساكانىڭ تەييارلىقى پۈتتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىشنى كۈتمەكتە

2019.06.26 16:39 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېنىقسىز ئامىللىرى كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا، مۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ ئوساكادا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. نۆۋەتتە، باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغان جاي، ياپونىيەنىڭ 2-چوڭ شەھىرى ئوساكانىڭ تەييارلىقى پۈتتى، ياپونىيە تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك خەلقئارا كاتتا مەرىكىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتمەكتە.

  يىغىن مەزگىلىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، فۇجى تېغى، قىزىل قۇياش، نورۇزگۈل قاتارلىق ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان بۇ كلاسسىك ياپونىيە ئېلېمېنتلىرىدىن تەركىب تاپقان باشلىقلار يىغىنى بەلگىسىنى ئوساكا شەھىرىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ.

  20 دۆلەت گۇرۇھى ئوساكا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ياپونىيە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساقچى سىستېمىسىدىن تەخمىنەن 32مىڭ ساقچىنى ئاجرىتىپ، بىخەتەرلىكنى قوغداش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلدى. ياپونىيە باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئالاقىدار ئەسلىھەلىرى ئەتراپىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنى چەكلەپلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۆرۈش دائىرىسىنى توسۇۋالىدىغان يېشىللىقلارنىمۇ تەكشىلىدى.

  6-ئاينىڭ 27-ۋە 28-كۈنىلىرى ئوساكا شەھىرىدىكى 700دىن ئارتۇق مەكتەپ ۋە يەسلى دەرس توختىتىدۇ. ئوساكا شەھىرىنىڭ توڭتيەن راۋىقى، ئوساكا شەھەرچىسى قاتارلىق 20 ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى 6-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن ئېتىبارەن ۋاقىتلىق ئىشتىن توختايدۇ، ئوساكانىڭ ئاۋات جايلىرىدىكى ئاشخانىلار 6-ئاينىڭ 28-ۋە 29-كۈنلىرى ئىشتىن توختايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ