مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئېلىمىز مەخپىي نومۇر قانۇنى تۈزۈپ چىقىپ، مەخپىي نومۇر قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ

2019.06.26 16:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق مەخپىي نومۇر باشقۇرۇشنى ئىلمىيلاشتۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ مەخپىي نومۇر ئىشلىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەخپىي نومۇر قانۇنى لايىھەسى 25-ئىيۇن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11- يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلدى.

  مەخپىي نومۇر خىزمىتى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. دۆلەت مەخپىي نومۇر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جاۋزۇڭ يىغىندا چۈشەندۈرگەندە تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەخپىي نومۇر ئېلىمىزنىڭ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتنىڭ ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلىرىدە تەڭداشسىز مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. مەخپىي نومۇر خىزمىتى نۇرغۇن يېڭى پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، تېخىمۇ ئېغىر كاپالەت ۋە باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشتا، مەخپىي نومۇر ساھەسىدىكى ئۇنىۋېرسال، ئۇل خاراكتېرلىك قانۇن تۈزۈپ چىقىش ئىنتايىن زۆرۈر.

  لايىھىدە مۇنۇلار ئېنىق بەلگىلەندى: مەخپىي نومۇر يادرولۇق مەخپىي نومۇر، ئادەتتىكى مەخپىي نومۇر ۋە سودا مەخپىي نومۇرى دەپ ئايرىلىدۇ، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇلىدۇ. يادرولۇق مەخپىي نومۇر، ئادەتتىكى مەخپىي نومۇر دۆلەتنىڭ مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى قوغداشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، دۆلەت مەخپىيىتىگە تەۋە، مەخپىي نومۇر باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە بىر تۇتاش قاتتىق باشقۇرىدۇ. سودا مەخپىي نومۇرى دۆلەت مەخپىيىتىگە تەۋە بولمىغان ئۇچۇرلارنى قوغداشقا ئىشلىتىلىدۇ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار سودا مەخپىي نومۇرىنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىش ئارقىلىق تور ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغدىسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ